شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى گو شۇچىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت ئىشلىرى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھەم ئالاقىدار تارماقلارنىڭ «14 - بەش يىل»دىن بۇيانقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتىنى ئاڭلىدى؛ ئالاقىدار نازارەت، ئىدارىلەردىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، ئالتاي ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. بۇ مەزگىلدە، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېشىل كانچىلىق، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش، پايدىلىنىش، پاكىز ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ھەم سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتارلىق ساھەلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر يەنە مەكتەپ، دوختۇرخانىلارغا باردى ھەم ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «14 - بەش يىل»دىن بۇيانقى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق ساھەلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى باسقۇچلۇق تەلەپنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
مەمتىمىن قادىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.