«گۈزەل شىنجاڭغا كىرىش» مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارەت قىلىش پائالىيىتى باشلاندى

2025-09-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى)نىڭ «گۈزەل شىنجاڭغا كىرىش» مەملىكەت بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلارنىڭ زىيارەت قىلىش پائالىيىتى ئۈرۈمچىدە باشلاندى.

بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. 70 يىلدا تاغ - دەريالار قاينام - تاشقىنلىققا تولدى، 70 يىلدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان قىياپەت بىلەن ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان دەۋر جاۋاب قەغىزىنى پۈتمەكتە.

بېيجىڭ گېزىتى، ئازادلىق گېزىتى، گۇاڭدۇڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ گېزىتى قاتارلىق ئۆلكە دەرىجىلىك 23 تاراتقۇنىڭ 50تىن ئارتۇق پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى، مۇھەررىرى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، شىمالىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى لىنىيەگە بۆلۈنۈپ، بىر ھەپتىلىك چوڭقۇر زىيارەت قىلىشنى باشلاپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى يېڭى ئىستىل، يېڭى قىياپەتكە ئورتاق گۇۋاھ بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتىكى جانلىق ھېكايىلىرىنى چوڭقۇر بايان قىلىدۇ، شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان گۈزەل مەنزىرىسىنى جانلىق نامايان قىلىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۆلكە دەرىجىلىك تاراتقۇلار، شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيەلەردىكى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى بىلەن بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق بىرلەشمە زىيارەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقات ئېلانى، H5، سىن، يېزىق، سۈرەت قاتارلىق پۈتۈن تاراتقۇ شەكلى ئارقىلىق تارقىتىش ئاۋازىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىدۇ.