شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنەيلى» ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر - يېزا بىرتۇتاش پىلانلانغان، ئادىل، بىرلىككە كەلگەن، بىخەتەر، قېلىپلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەت ئادىللىقىنى قوغداش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بۇ كىتاب جەمئىي 15 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، تارىخىي تەجرىبە، ۋەزىيەت، ۋەزىپە، ئىسلاھات تەدبىرلىرى قاتارلىق جەھەتلەردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپى ئىزاھلاپ چۈشەندۈرۈلگەن.
بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ ئىشەنچلىك، تېخىمۇ ئادىل ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىسلاھات - تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى ھەمبەھرىلىشىگە پايدىلىق.