شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى>نىڭ كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقى» «پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ <تەكلىپى>نى ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيەسىدىن 100 سوئال»نى تەشكىللەپ تۈزۈپ، ئومۇمىي يىغىن «تەكلىپى»گە قارىتا ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈش ئېلىپ باردى، بۇ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتىكى نوپۇزلۇق كونسۇلتاتسىيە ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ. كىتابقا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا بەرگەن «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى> ھەققىدە ئىزاھات»ى كىرگۈزۈلدى.
يېقىندا، «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى>نىڭ كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقى» خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى، «پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ <تەكلىپى>نى ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيەسىدىن 100 سوئال» پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇشلۇقى نەشرىياتى، ئۆگىنىش نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.