«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» ھەققىدە ئىزاھات
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 21 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى> ھەققىدىكى ئىزاھات» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان تۈزۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تەتقىق قىلىپ ياخشى تۈزۈش دۆلىتىمىز ئىقتىسادى ۋە جەمئىيىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قەرەلىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. «تەكلىپ» ئارگىنالىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى تۇرۇۋاتقان تارىخىي ئورۇن دەل جايىدا ئىگىلىنىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كېلىدىغان چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەنگەن ۋە ئىستراتېگىيەلىك پىلانلانغان، بۇ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشتىكى يەنە بىر قېتىملىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشتەك تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى نامايان قىلغان، جەزمەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «تەكلىپ» ئارگىنالىنى تەييارلاش جەريانىدا، بىز تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بەردۇق. بىرىنچىدىن، نىشان يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئىككىنچىدىن، سىستېمىلىق تەپەككۇردا چىڭ تۇرۇش، ئۈچىنچىدىن، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، تۆتىنچىدىن، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇش.
شى جىنپىڭ بىرقانچە نۇقتىلىق مەسىلە توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. بىرىنچى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ مۇھىم ئورنى توغرىسىدا. «15 - بەش يىل» مەزگىلى ئاساسنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزگەن ۋە ياخشى يولغا قويغاندا، 2035 - يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ. ئىككىنچى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانى توغرىسىدا. «تەكلىپ» ئارگىنالىدا «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاساسىي ئورۇن ۋە باسقۇچلۇق تەلەپلەر ئىگىلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىقتىسادنى مۇۋاپىق دائىرىدە ئاشۇرۇش، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى مۇقىم ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق ئىشقا سېلىش، ئاھالە كىرىمىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئاشۇرۇش، ئەمگەك ھەققىنى ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنىڭ ئېشىشى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئۆستۈرۈش، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەرنى سىجىل كۆپەيتىش قاتارلىق مۇھىم نىشانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۈچىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما قىلىش توغرىسىدا. «تەكلىپ» «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان بىلەن تومۇرداش بولۇپ، ئۇنىڭدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش داۋاملىق «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ باش تېمىسى قىلىپ بېكىتىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى جايلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ راۋاجلاندۇرۇش تەلەپ قىلىندى. تۆتىنچى، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش، ئىچكى - تاشقى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش توغرىسىدا. «تەكلىپ» ئارگىنالىدا ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، قۇدرەتلىك ئىچكى بازار قۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى تېز بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تاشقى ئايلىنىشنى كېڭەيتىپ، تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بەشىنچى، پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشقا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىشى توغرىسىدا. «تەكلىپ» ئارگىنالىدا ئورتاق بېيىشتىكى نىشان - تەلەپلەر پۇختا ئىگىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئېرىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولغان بىر تۈركۈم سىياسەت - تەدبىرلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئالتىنچى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدا. «تەكلىپ» ئارگىنالىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يەتتىنچى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا. «تەكلىپ» ئارگىنالىدا پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تەكىتلەندى.