«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرايلى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 22 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرايلى» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2023 - يىلى 9 - ئايدىن 2025 - يىلى 4 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى يېڭىلىق يارىتىشتا يېتەكچى رول ئوينايدىغان، ئەنئەنىۋى ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش شەكلى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يولىدىن قۇتۇلغان، يۇقىرى پەن - تېخنىكا، يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سۈپەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سۈپەت ھالىتى. ئۇ، تېخنىكىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ئىجادىي تەقسىملەش، كەسىپتە چوڭقۇر تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، ئەمگەكچىلەر، ئەمگەك ۋاسىتىلىرى، ئەمگەك ئوبيېكتى ھەم ئۇلارنىڭ سەرخىل بىرىكىپ يۈكسىلىشىنى ئاساسىي ماھىيەتلىك مەزمۇن قىلغان، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشنى يادرولۇق بەلگە قىلغان، ئالاھىدىلىكى − يېڭىلىق يارىتىش، ئاچقۇچى − ئەلا سۈپەتلىك بولۇش، ماھىيىتى − ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچى.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ يولى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەتنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان بولۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى يادرولۇق ئامىل. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇشتا، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، ھەم پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى كۆپلەپ يارىتىش، ھەم پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇشتا، ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى چىڭ ساقلاپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش بىلەن ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر، كەلگۈسى كەسىپلەرنىڭ يېڭى مۇسابىقە يوللىرىنى ئېچىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتا، سۇپا قۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ۋە چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىللەتلىرىنى قەتئىي تۈگىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشقان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى ساھە، يېڭى مۇسابىقە يولى تۈزۈم تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاراپ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا تەسىر يەتكۈزۈۋاتقان ۋە چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بوغۇق نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جەزمەن شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى، ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئاساس قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى، كەسىپ ئاساسى، پەن تەتقىقات شارائىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، يېڭى كەسىپ، يېڭى ئەندىزە، يېڭى قۇۋۋەتنىڭ تەرەققىياتىغا تاللاش خاراكتېرلىك تۈرتكە بولۇشى، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىم يارىتىشتىكى ئاساسلىق تايانچ بولغان ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇشى، كونا - يېڭى تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى مۇقىم، داۋاملىق ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.