شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 33 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى شېنجېندا ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2025-11-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كورېيە چىڭجوۋ، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار جۇ جىچەي، فېڭ شىنرەن) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىدىكى ساھىبخانىلىقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش - ئۆتكۈزۈۋېلىش ھالقىسىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ كېلەر يىلى 11 - ئايدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 33 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شېنجېن شەھىرىدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مېخانىزمى بولۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئېشىش ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. 2026 - يىلى، جۇڭگو 3 - قېتىم ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئەمەلىي ھەمكارلىقلارنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقلەرگە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شېنجېن تىنچ ئوكيان بويىغا جايلاشقان، نەچچە ئون يىلدا ئارقىدا قالغان بىر كىچىك بېلىقچىلىق كەنتىدىن تەرەققىي قىلىپ زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ شەھەرگە ئايلاندى، بۇ، جۇڭگو خەلقى ياراتقان دۇنيا تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر مۆجىزە، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇشىدىكى مۇھىم كۆزنەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كېلەر يىلى بىرلىكتە شېنجېن ئۇچرىشىشىغا كېلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يىغىنغا قاتناشقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ رەھبەرلىرى جۇڭگونىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2026 - يىللىق ساھىبخانىلىقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى پائال قوللاپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يىغىن ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسىنى قۇۋۋەتلەپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى «جۇڭگو يىلى»نىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى، رايون ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.