ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى

2025-12-31 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرى2026 - يىللىق يېڭى يىل، باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئالتە تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمنىڭ سابىق مۇدىرى لى جىۋېينىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەت ۋە ساياھەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2016 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە، لى جىۋېي بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆپلىگەن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى سوۋغا قىلغان ئۆي جاھازلىرى، يان تېلېفون، ئالىي دەرىجىلىك ھاراق قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتلەرنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى قارشى تەرەپ تۆلىگەن؛ لى جىۋېي ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان خەينەن سەنيا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى قوبۇل قىلغان، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى تۆلىگەن. لى جىۋېيدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى دۇ خەيتاۋنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەت ۋە ساياھەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە، دۇ خەيتاۋ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆپلىگەن خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى سوۋغا قىلغان ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتلەرنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى قارشى تەرەپ تۆلىگەن؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان شەندۇڭ، جياڭشى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن؛ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئۇزاق مەزگىل ھەقسىز ئارىيەت ئېلىپ ئۆزى ئىشلەتكەن. دۇ خەيتاۋدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

سانجى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن رەئىس، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونلۇق پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى رېن جيەنپىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەت ۋە ساياھەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە، رېن جيەنپىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆپلىگەن خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى سوۋغا قىلغان سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتلەرنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى قارشى تەرەپ تۆلىگەن؛ خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان چېڭدۇ، يىبىن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى قوبۇل قىلغان، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى خۇسۇسىي كارخانا ئىگىلىرى تۆلىگەن؛ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئۇزاق مەزگىل ھەقسىز ئارىيەت ئېلىپ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەن. رېن جيەنپىندا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

قەشقەر ۋىلايەتلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى سىدىقھاجىم مەمەتئىمىننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم ئېلىش، ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتلەرنى باشقىلار تۆلەش قاتارلىق مەسىلىسى. 2021 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، سىدىقھاجىم مەمەتئىمىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆپلىگەن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى سوۋغا قىلغان يان تېلېفون، ئالىي دەرىجىلىك ھاراق قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇملارنى ئالغان؛ ئۆزىنىڭ زىياپەت خىراجىتىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنى تۆلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان. سىدىقھاجىم مەمەتئىمىندە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، سابىق 4 - دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى ۋاڭ لېينىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەت ۋە ساياھەت پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قوبۇل قىلىش، ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتلەرنى باشقىلار تۆلەش قاتارلىق مەسىلىسى. 2015 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە، ۋاڭ لېي بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆپلىگەن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى سوۋغا قىلغان قول سائىتى، ئالىي دەرىجىلىك ھاراق، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتلەرنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى قارشى تەرەپ تۆلىگەن؛ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان چىڭداۋ، داليەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى كۆپ قېتىم قوبۇل قىلغان، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى تۆلىگەن؛ ئۆزىنىڭ ياتاقتا يېتىش، مال سېتىۋېلىش قاتارلىق خىراجەتلىرىنى باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنى تۆلەشكە كۆپ قېتىم ئورۇنلاشتۇرغان. ۋاڭ لېيدا يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

ئىلى ئوبلاستلىق دۆلەت مۈلكىگە مەبلەغ سېلىش تىجارەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، سابىق باش مۇدىر جاڭ شۈننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش، ئۆزى تۆلەشكە تېگىشلىك خىراجەتلەرنى باشقىلار تۆلەش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە، جاڭ شۈن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا كۆپلىگەن باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى سوۋغا قىلغان يان تېلېفون، ئالىي دەرىجىلىك ھاراق قاتارلىق سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇلنى ئالغان؛ كۆپ قېتىم باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەتلەرنى قوبۇل قىلغان، مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى قارشى تەرەپ تۆلىگەن؛ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنى ئۆزى ئۈچۈن ئۈرۈمچى، خاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان قاتناش، ياتاق ۋە مال سېتىۋېلىش قاتارلىق خىراجەتلەرنى تۆلەشكە كۆپ قېتىم ئورۇنلاشتۇرغان. جاڭ شۈندە يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشتەك باشقا مەسىلىلەر ساقلانغان بولۇپ، پارتىيەدىن قوغلاندى، خىزمەتتىن ھەيدەلدى، جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىلىرى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

يۇقىرىقى ئالتە دېلو مىسالىدىكى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا پەرۋا قىلماي، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى، ھەتتا 20 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ يەنىلا نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى ئىنتايىن ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن ناچار. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىشى كېرەك.

يېڭى يىل، باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، تۈگۈن نۇقتا يەنە «ئىمتىھان نۇقتىسى»، يىل ئۆتكىلى تېخىمۇ مۇھىمى «پاكلىق ئۆتكىلى». ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر تۈرلۈك ئۇزاق مەزگىللىك سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە تۇتۇپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، مەسئۇلىيەتنى دەرىجىمۇدەرىجە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پارتىيەلىك كادىرلارغا بولغان پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، كۈندىلىك باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىدىيەدە بوشاڭلىق قىلىش، ھەرىكەتتە چەكتىن ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، «تۆت خاھىش»تىن ئىبارەت جاھىل ئىللەتكە قاتتىق زەربە بېرىپ ۋە ئۇنى تۈزەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، تەۋەلىكنى قاتتىق باشقۇرۇپ، دائىم تۇتۇش، چوڭقۇر تۇتۇش، ئۇزاققىچە تۇتۇشتىن ئىبارەت ئىدىيەۋى قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى، ھەقىقىي تۈردە قاتتىق بولۇش كەيپىياتى يارىتىشى، توغرا كەيپىيات تىكلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، دائىم ۋە ئۇزاققىچە بولۇش، قاتتىق ۋە ئەمەلىي بولۇش، چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە بولۇشقا داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشكە، «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلى» ھەرىكىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىشى، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى نىشانلىق تۈزىشى كېرەك. «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»، نۇقتىلىق ساھە، مۇھىم تۈگۈنلەرنى چىڭ كۆزلەپ، دائىملىق ئاشكارا كۆزىتىش، يوشۇرۇن تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يوشۇرۇن ئۆزگىرىۋاتقان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر قېزىپ ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىپ، «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېلو ئارقىلىق تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ياخشى ئىشلەپ، ئاخىرغىچە قاتتىق تۇتۇش كۈچلۈك سىگنالىنى قويۇپ بېرىپ، قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق بايرامدا ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.