باش شۇجى پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2025-12-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى\جاڭ يەن، سۈن شاۋلۇڭ

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشر قىلىنغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 23 - سانىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىشتا <بەشنى يەنىمۇ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش>نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

بۇ مۇھىم ماقالە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2025 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 21 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان سۆزىنىڭ ئاساسلىق قىسمى. ماقالىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى چۆرىدەپ، پىكىر يولى، تەلەپ ئېنىق بولدى، ئاچقۇچلۇقى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا، ھەقىقىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئورۇنلاشتۇرما بولغان ئىكەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش كېرەك، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا جايىدا تۇتۇش كېرەك، بۇ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، پارتىيەمىزنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىغا كەسكىن، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشتىكى روشەن پوزىتسىيەسى. بۇ يىل 1 - ئايدا، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر قەدەممۇ توختاپ قالماسلىق، يېرىم قەدەممۇ يول قويماسلىق»نى تەكىتلەپ، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، قانۇن ۋە ئىنتىزامنى چىڭىتىشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىنى نامايان قىلدى.

بۇ مۇھىم ماقالىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىشتا <بەشنى يەنىمۇ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش>نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى، يەنى پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىغا بولغان تونۇش، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىكىنى كۈچەيتىش، ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرگۈزۈش، ئىنتىزام ئىجراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى «يەنىمۇ دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش» كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە ھەم بىلىش نەزەرىيەسى، ھەم مېتودولوگىيە بار بولۇپ، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.

ۋەزىيەت ۋەزىپىنى بەلگىلەيدۇ، تونۇش ھەرىكەتنى بەلگىلەيدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپە ئالدىدا، ئىنتايىن مۇرەككەپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى ئالدىدا، ئۆزلۈك ئىنقىلابىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى بوشاشتۇرۇپ قويماستىن، بەلكى جەزمەن تېخىمۇ چىڭىتىش كېرەك.

ماقالىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «تۆت بەزىلەر مۇنداق قارايدۇ»نى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىغا بولغان تونۇش جەھەتتىكى ھازىرقى بەزى خاتا قاراشلارنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، «ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئۆزىگە ئاۋارىچىلىك تاپقانلىق» «يەپ - ئىچىشنى تۇتۇش چەكتىن ئېشىپ كەتتى» «ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تەسىر يەتكۈزدى» «مەن بىلەن ئانچە چوڭ مۇناسىۋىتى يوق» قاتارلىق خاتا كۆز قاراشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇنىڭغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چوڭ دۈشمىنى، شۇنداقلا ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتنىڭ چوڭ دۈشمىنى» دەپ ئېنىق كۆرسەتتى، «ئۈچكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ» ۋە «بەلكى ئۈچنى قىلالايدۇ»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، يامانغا لەنەت ئوقۇپ، ياخشىنى مەدھىيەلەپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، قەلبلەرنى لەرزىگە سېلىپ دىللارنى يورۇتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىشنى گەۋدىلىك تەكىتلىدى ھەم «ھەقىقىي تەربىيەلىنىش ۋە چېنىقىش» ئۇسۇلى ۋە يولىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى قانچە مۈشكۈل بولغان مەزگىلدە، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكىنى شۇنچە تاۋلاشقا ئېھتىياجلىق. باش شۇجى كۆپچىلىكنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش داۋامىدا كۈرەش قىلىش ھاياتىنى تاۋلاش، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش داۋامىدا ئەخلاق مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈردى. ئىچكى جەھەتتە خام خىيال قىلماسلىق، تاشقى جەھەتتە قارىغۇلارچە ئىش قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر - بىرىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىرىكلىشىش «ياشلىشىپ كېتىش» ھادىسىسى پات - پات يۈزبېرىپ تۇردى، باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: ياش كادىرلار «پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تاۋلىنىشتىن ئىبارەت بۇ دەرسنى جىددىي تولۇقلىشى كېرەك»، بۇ، پارتىيە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان ئىز باسارلار بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا يىراقنى كۆزلەپ پۇختا پىلان تۈزگەنلىك.

ماقالىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىدا مۇھىم بولغىنى ئىدارە قىلىش ھوقۇقى» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. پارتىيەمىز ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلىش، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ خىرىس − ھوقۇقنى نازارەت قىلىش. ھازىر، بەزى ناتوغرا ئىستىللارنىڭ مەنبەسى ئىمتىياز ئىدىيەسىدە، شەكلى ئۆزگەرگەن چىرىكلىك ھادىسىلىرىنىڭ ماھىيىتى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشتا. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، ئوبيېكتىپ جەھەتتە، تۈزۈم ئىجراسىنى چىڭىتىپ، ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولىغاندا، ئاندىن «كالا قوتىنىغا مۈشۈكنى سولاش» «قەغەز قەپەسكە يولۋاس سولاش»تىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ؛ سۇبيېكتىپ جەھەتتە، پارتىيەلىك كادىرلار «پارتىيەگە كىرگەن، كادىر بولغان كۈندىن باشلاپلا خەلقنى ھۆرمەتلىشى، تەشكىلنى ھۆرمەتلىشى، قانۇن - ئىنتىزامنى ھۆرمەتلىشى كېرەك»، توغرا ھوقۇق قارىشىنى تۇرغۇزغاندا، ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن ئىشلىتىش، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرغىلى بولىدۇ.

قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق بولۇش تەدبىرى، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندىلا، ئاندىن پارتىيە ئىچىدىكى ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى باشتىن - ئاخىر ساقلىغىلى بولىدۇ. ماقالىدە باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «چاقماقتەك ۋاسىتە كەم بولسا ھەرگىز بولمايدۇ» «پۈتۈن پارتىيەگە ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇش، قىلچە يول قويماسلىق سىگنالى تارقىتىش كېرەك.» پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجىنىڭ سۆزى قەتئىي ھەم كۈچلۈك بولدى: «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا قاتتىق قول بولمىساق، ئېغىر خەۋپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. <چۆكسىمۇ گەر بىر قېيىق، تىنىم تاپماي يۈرگەي مىڭى، يىقىلسا گەر بىر دەرەخ، كۆكلەر يەنە تۈمەن مىڭى>».

پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى مەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش ئۆز ۋەزىپىسى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتماسلىق ۋەزىپىنى ئادا قىلمىغانلىق، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتماسلىق خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىق، دېگەنىدىم. ھازىر قارىغاندا بۇنى قايتا تەكىتلەش ناھايىتى زۆرۈردەك قىلىدۇ».

رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»دا پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيەنى قوغداش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت سىياسىي سادىقلىق بولۇشى كېرەك. بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىگە ئۈلگە كۆرسىتىپ، بىر دەرىجە يەنە بىر دەرىجىنى يېتەكلەپ ئىشلەپ، پۈتۈن پارتىيە ھەرىكەتكە كېلىپ بىرلىكتە تۇتۇش ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ راۋاجلاندۇرغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي تۈردە قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ياراتقىلى، توغرا كەيپىياتنى تىكلىگىلى بولىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)