شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى» «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» «<جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى> ھەققىدىكى ئىزاھات»نىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى، فىرانسۇز تىل - يېزىقى، ئىسپان تىل - يېزىقى، ياپون تىل - يېزىقى، رۇس تىل - يېزىقى، گېرمان تىل - يېزىقى، ئەرەب تىل - يېزىقى، پورتۇگال تىل - يېزىقى، ۋيېتنام تىل - يېزىقى، لائوس تىل - يېزىقى قاتارلىق ئون خىل چەت ئەل تىل - يېزىقى نۇسخىسى مەركىزىي تەھرىرلىك - تەرجىمە نەشرىياتى، چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ دۆلەت ئىچى - سىرتىدا ئاشكارا تارقىتىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، موڭغۇل تىل - يېزىقى، زاڭزۇ تىل - يېزىقى، ئۇيغۇر تىل - يېزىقى، قازاق تىل - يېزىقى، چاۋشيەن تىل - يېزىقى، يىزۇ تىل - يېزىقى، جۇاڭزۇ تىل - يېزىقى قاتارلىق يەتتە خىل مىللەتلەر تىل - يېزىقى نۇسخىسى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە ئاشكارا تارقىتىلىدۇ.