مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

2026-01-17 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى1 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 2 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىيەتتىكى دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ شەھەر خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنى ئورگانىك ھاياتلىق گەۋدىسى سۈپىتىدە سىستېمىلىق پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ۋە شەھەر تەرەققىياتى ئىقتىدار دەرىجىسى، شەھەرنى پىلانلاش، قۇرۇش، ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىش سەۋىيەسى، تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سەۋىيەسى، ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆستى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر تەرەققىياتىمۇ بەزى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر - بازارلىشىشى تېز ئېشىش مەزگىلىدىن مۇقىم تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە ئۆتمەكتە، شەھەر تەرەققىياتى كەڭ كۆلەمدە ئاشۇرۇلما مىقدارنى كېڭەيتىش باسقۇچىدىن ساقلانما مىقدارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئاساس قىلىش باسقۇچىغا ئۆتمەكتە.

ماقالىدە ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شەھەر خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىلغان، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، گۈزەل، ئەۋرىشىم، مەدەنىي، ئاقىل زامانىۋىلاشقان خەلق شەھىرى قۇرۇشنى نىشان، شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى باش تېما، شەھەرنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە، شەھەرنى يېڭىلاشنى ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، شەھەر قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، قۇۋۋىتىنى ئۆزگەرتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شەھەر بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ ئومۇمىي تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى شەھەرنىڭ ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇش بولۇپ، مۇنداق بىر نەچچە مۇھىم پىرىنسىپنى ھەقىقىي ئىگىلەش كېرەك. بىرىنچى، شەھەر تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىككىنچى، شەھەرنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئۈچىنچى، شەھەرنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزگىچە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تۆتىنچى، شەھەر خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئۆزگەرتىپ، ئىدارە قىلىش سېلىنمىسىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بەشىنچى، شەھەر خىزمىتى ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

ماقالىدە شەھەر خىزمىتىگە دائىر يەتتە جەھەتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. بىرىنچى، زامانىۋىلاشقان شەھەر سىستېمىسىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇش. شەھەرلەرنىڭ نوپۇس ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەھەتتىكى ئۇنىۋېرسال كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆمەك تەشكىللەش شەكلىدىكى، تورلاشقان زامانىۋىلاشقان شەھەر توپى ۋە مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر - بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئىككىنچى، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭىلىق يارىتىش شەھىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش. مەۋقەنى شەھەرنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە ئاساسىي شارائىتىغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ يېتىلدۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە ئۈزلۈكسىز بۆسۈش ھاسىل قىلىش. ئىلگىرىكى شەھەرنىڭ ئاشۇرۇلما قىممىتىنى كېڭەيتىش مەزگىلىدە شەكىللەنگەن سىياسەت - تۈزۈملەرنى ئىسلاھات پىكىر يولى ئارقىلىق تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر يېڭىلاشنى يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇش. شەھەرنىڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشتىكى تۈگۈنلۈك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش. ئۈچىنچى، ئازادە، قولايلىق، ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىش. نوپۇس، كەسىپ، شەھەر - بازار، قاتناشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرنىڭ بوشلۇق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، قاتناش ئەسلىھەلىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئۆي - زېمىن تەرەققىياتى يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاممىنىڭ مۇتلەق ۋە كۆپ خىللاشقان ياخشىلاش خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇپ، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەر ۋە خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش. ساغلاملىق، ئائىلە مۇلازىمىتى قاتارلىق تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مائارىپ بايلىقىنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاساسىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش. تۆتىنچى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق گۈزەل شەھەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىش. ئېنېرگىيە، تۇرۇبا تورى، قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرنىڭ دەريا - كۆل سۇ سىستېمىسى، سۇلۇق يەر ۋە سۇ مۇھىتىنى قوغداپ، شەھەرلەردىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئاشۇرۇش. بەشىنچى، بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولغان ئەۋرىشىم شەھەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىش. شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ جان تومۇر بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرلەردە تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئۆي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش. خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى شەھەر باشقۇرۇش سىستېمىسىغا ئورگانىك سىڭدۈرۈپ، شەھەر بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتەر ئومۇمىي خەرىتىسى بەرپا قىلىش. ئالتىنچى، ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان مەدەنىي شەھەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىش. تارىخىي مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ ئۆزگىچە تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرى، ئادىمىيەت جۇغراپىيەسى، تەبىئىي مەنزىرىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش. شەھەر مەدەنىيلىكىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، شەھەر روھىنى يارىتىش. يەتتىنچى، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاقىل شەھەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىش. رەقەملەشتۈرۈش - ئاقىللاشتۇرۇش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى ئاقىللاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش، ئۇلنى مۇستەھكەملەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: زامانىۋىلاشقان خەلقنىڭ شەھىرىنى قۇرۇشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ شەھەر خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، شەھەر سىياسىتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىلمىي بولغان شەھەر تەرەققىياتىنى باھالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىش، تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. شەھەر خىزمىتى كادىرلار قوشۇنىنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك.