پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك

2026-01-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى2026 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 1 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «تەكلىپ»تە، مەۋقە ئاساسنى پۇختىلاش، ئومۇميۈزلۈك كۈچەشكە قويۇلۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇملۇقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، چۈشەندۈرۈش، تەشۋىق قىلىشنى ياخشى تەشكىللەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆزلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. بىرىنچى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە، «15 - بەش يىل» مەزگىلى ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ياخشى تۇتۇش پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باسقۇچ، قەدەم بويىچە ئالغا سىلجىتىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشتا مۇھىم ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككىنچى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئاساسىي ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. «تەكلىپ»تە، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىز تەرەققىياتى دۇچ كېلىدىغان مۇرەككەپ مۇھىت چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقىدەك ئاساسىي ھۆكۈم چىقىرىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلەندى: كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، بۇنىڭغا ئاساسەن، نىشان - ۋەزىپە، زور تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ ئاساسىي ھۆكۈمى ۋە مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. ئۈچىنچى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە مۇھىم پىرىنسىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. «تەكلىپ»تە بېكىتىلگەن يېتەكچى ئىدىيە ۋە «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش» پىرىنسىپى ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنى، پارتىيەمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغانلىقىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئاساسىي قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. تۆتىنچى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. «تەكلىپ»تە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا زور يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش، تىرەك بولۇش رولىغا ئىگە ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە بۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەردىكى تەدبىر بەلگىلەش مۇددىئاسى، نىشان تەلىپى، مۇھىم تەدبىرى، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ۋەزىيەت قانچە مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل، ئېغىر بولغانسېرى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكتە شۇنچە ياخشى چىڭ تۇرۇپ، ئۇنى ياخشى تەتبىقلاپ ۋە ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىنى نۇقتىلىق ئىگىلەش كېرەك. بىرىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىپ، سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ساقلاپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمال بىلەن سېلىنما، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەتنى ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشتا پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. رايون ئىقتىسادىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، ئاساسىي كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ باراۋەرلىشىشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۆتىنچى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك. ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەۋپسىزلىكنى مۇستەھكەملەش، خەۋپسىزلىك داۋامىدا تەرەققىياتنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىياسىي خەۋپسىزلىكنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئومۇمىيەت ئاساسىدا ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىر تاختا شاھمات قىلىش كېرەك. «پىئانىنو چېلىش»قا ماھىر بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ماكرولۇق سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش قانچە ئۈنۈملۈك بولغانسېرى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كاپالەتلەندۈرۈش شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. جەزمەن مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان چىدامچانلىق ۋە قەيسەرلىك بىلەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىرىنچى، قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات زىچ باغلىنىشلىق، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى «بەشنى يەنىمۇ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش» تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىشىشى ۋە ئۇزاققىچە ئۈنۈم بېرىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تاۋلىنىشنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، كەڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ زېھنىي كۈچىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا قارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى قەتئىي تەۋرەنمەي قانات يايدۇرۇش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، بىر قەدەممۇ توختاپ قالماسلىق، يېرىم قەدەممۇ يول قويماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تۈزۈم - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، چىرىكلىك مەسىلىسى پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش جەھەتتە سىجىل كۈچەش، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى سىجىل كۈچەيتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى باشتىن - ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاش ۋە ئاڭلىق ھالدا ئەمەلدە كۆرسىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ رەڭگىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.