يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش

2026-02-07 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى يېشىپ چۈشەندۈردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى خۇ لۇ، گۇ يىپىڭ، خەن جيانو

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، 2026 - يىللىق مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىندى. بۇ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركەز ئۇدا ئېلان قىلغان يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئون تۆتىنچى 1 - نومۇرلۇق ھۆججەت.

ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى مۇستەھكەملەش ۋە يۈكسەلدۈرۈش كېرەك؟ ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن كېيىنكى دائىملاشقان يار - يۆلەك بولۇشقا قارىتا قانداق لايىھە، ئورۇنلاشتۇرۇشلار بار؟ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى قانداق تېزلىتىش كېرەك؟ 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلەرگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خەن ۋېنشيۇ، مەركىزىي كومىتېت مالىيە - ئىقتىساد كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ ۋېيدۇڭ مەركەزنىڭ 1 - نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىنى چوڭقۇر يېشىپ چۈشەندۈردى.

ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە يۈكسەلدۈرۈلىدۇ

خەن ۋېنشيۇ مۇنداق بىلدۈردى: 2025 - يىلى دۆلىتىمىزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاشلىق مىقدارى 508.9 كىلوگىرامغا يەتتى، ئاشلىق قاتارلىق مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا تەمىنات مول، بازار مۇقىم، زاپاس يېتەرلىك بولدى.

«گەرچە ئاشلىقتىن ئۇدا كۆپ يىل مول ھوسۇل ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئومۇمىي جەھەتتىن ئاساسەن تەڭپۇڭ بولۇش ئەندىزىسى ئۆزگەرمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىخىي تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا ھوسۇلنىڭ ئازىيىشى ئاسان، كۆپىيىشى تەس بولۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى جەزمەن باشتىن - ئاخىر چىڭىتىشقا توغرا كېلىدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: ھۆججەتتە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە قارىتا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى چىڭ تۇتۇلىدۇ. سىجىل تۈردە كۆلەم مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، بىرلىك ھوسۇل ئاشۇرۇلۇپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى 1 تىرىليون 400 مىليارد جىڭ ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ھوسۇلنى يېتەكچى قىلىش ھوسۇل بىلەن سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە ئۆزگەرتىلىپ، بازار ئېھتىياجىغا لايىقلىشىش - بازارلىق بولۇش، ئەلا سۈپەتلىكلىرىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ. يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى كۈچەپ يولغا قويۇلۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى ھەر تەرەپلىمە پۇختىلىنىدۇ. تېرىلغۇ يەر قىزىل سىزىقى قاتتىق ساقلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە رايونغا ۋە تۈرگە ئايرىلىپ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ. يەنە يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ.

ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش كۈچەيتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش سىستېما قۇرۇلۇشى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، ناچار ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن كېيىنكى دائىملاشقان يار - يۆلەك بولۇش يولغا قويۇلىدۇ

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بەش يىللىق ئۆتكۈنچى مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ئاشۇرۇلدى. خەن ۋېنشيۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇنىڭدىن كېيىنكى دائىملاشقان يار - يۆلەك بولۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى، ھۆججەتتە كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، تۈرلۈك يۈرۈشلەشكەن سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ئېلان قىلىشمۇ چىڭ تۇتۇلۇۋاتىدۇ. نۇقتىلىق ھالدا مۇنداق تۆت جەھەتنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك:

بىرىنچى، يار - يۆلەك بولۇش ئوبيېكتى جەھەتتە ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئوبيېكتلىرىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق جەزملەشتۈرۈپ، يېزا - كەنت ئىككى دەرىجىلىك دائىملاشقان كۆزىتىپ ئۆلچەشنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە تېز سۈرئەتتە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. خەۋپ - خەتەر تۈگىتىلگەندىن كېيىن، ھەرىكەت ھالىتىدە چېكىندۈرۈشنى يولغا قويۇش، سالاھىيەت بەلگىسىنى مۇقىملاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.

ئىككىنچى، يار - يۆلەك بولۇش ئۇسۇلى جەھەتتە دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. تەرەققىيات ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنىڭ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتىنى ماس توپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەپ ئاشۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، يار - يۆلەك بولۇش رايونى جەھەتتە قاتلامغا، تۈرگە ئايرىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە نۇقتىلىق يار - يۆلەك بولىدىغان ناھىيەلەرنى ئانچە تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنىڭ يار - يۆلەك بولۇش بىرلىكى قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە دۆلەت نۇقتىلىق يار - يۆلەك بولىدىغان 160 ناھىيە ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق يار - يۆلەك بولىدىغان بىر تۈركۈم ناھىيەنى ئايرىم - ئايرىم بېكىتىپ، داۋاملىق تۈردە مالىيە، پۇل مۇئامىلە، يەر، ئىختىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە مەركەزلىك مەدەت بېرىش كېرەك.

تۆتىنچى، يار - يۆلەك بولۇش سىياسىتى جەھەتتە ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشنى ساقلاش كېرەك. مالىيە سېلىنمىسى، پۇل مۇئامىلە مەدىتى، بايلىق ئامىللىرىنى تەقسىملەش قاتارلىق جەھەتلەردە، مەركەز مالىيەسىنىڭ دائىملاشقان يار - يۆلەك بولۇش مەبلەغ كۆلىمى ھەمدە ئۆلكە، شەھەر ئىككى دەرىجىلىكنىڭ سېلىنما مەبلەغ كۆلىمىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دېھقانلارنىڭ كىرىمى مۇقىم ئېشىپ، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ھەسسىلىك پەرقى سىجىل كىچىكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋەزىيىتى يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.

جۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھۆججەتتە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش، ئاشلىق تېرىشتىن قىلىدىغان كىرىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ناھىيە رايونىنىڭ خەلقنى بېيىتىش كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە زورايتىش، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مۇقىم ئىش ئورنىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلاردىكى بىكار تۇرغان بايلىق، مۈلۈكلەرنى جانلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە كىرىمنى ئاشۇرۇشقا دائىر بىر قاتار تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىر يۈرۈش سىياسەت بىرىكمە تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى.

يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش تېزلىتىلىدۇ

جۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، دېھقانلار ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى چىقىش قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق - گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

«ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، يېزا نوپۇسىنىڭ شەھەر - بازارلارغا يۆتكىلىشى يەنىلا چوڭ يۈزلىنىش بولىدۇ، كەنتلەرنىڭ تەرەققىياتىدا يەنىلا پەرق ساقلانماقتا.» ئۇ مۇنداق دېدى: نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، كەنت - بازارلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئەلالاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئالدىن يولغا قويۇش تەرتىپىنى مۇۋاپىق بېكىتىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تۈرگە ئايرىپ، تەرتىپلىك، بۆلەك رايونغا ئايرىپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۈنۈمسىز سېلىنما كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىش كېرەك.

جۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: يەنە يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەللىكى، ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ قولايلىقلىقى، ياشاش مۇھىتىنىڭ ئازادىلىكلىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشى قۇرۇپ، يېزىلاردىكى سۇ بىلەن تەمىنلەش، توك بىلەن تەمىنلەش، يول قاتنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك كەمتۈكلۈكلەرنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك، شارائىتى بارلىرىنىڭ يەنە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كېڭەيتىش كېرەك.

دېھقانلار ئاممىسى مەكتەپتە ئوقۇش، كېسەل كۆرسىتىش، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، ھۆججەتتە مۇناسىپ سىياسەت - تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

مائارىپ جەھەتتە، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى پۇختا، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئەلالاشتۇرۇپ، ناھىيە رايونىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، ناھىيە رايونىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بىرتۇتاش تەقسىملەشنى كۈچەيتىش تەكىتلەندى؛

داۋالاش جەھەتتە، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاشتا ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ ناھىيە، يېزا - كەنتلەردىكى داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرىدا ئىشلىتىلىش نىسبىتىنى پۇختا ئۆستۈرۈپ، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى يېزا - كەنت دوختۇرلىرى مەخسۇس پىلانىنى يولغا قويۇش تەكىتلەندى؛

ياشانغاندا كۈتۈنۈش جەھەتتە، ياشانغانلارنى ئائىلىدە كۈتۈشنى ئاساس قىلىپ، شارائىتى بار جايلارنىڭ تاماق ياردىمى مۇلازىمىتى، كۈندۈزلۈك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش - پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش تەكىتلەندى.

يېڭى ئەھۋال، يېڭى يۈزلىنىشكە ئۇيغۇنلىشىپ، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلىدۇ

«يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش جەريانى كۆپ ھاللاردا يېزىلاردىكى ئەنئەنىۋى بولغان كىشىلەرگە تونۇش جەمئىيەت، يېزا تەرتىپى بىلەن زامانىۋى ئامىللارنى بىرىكتۈرۈپ قايتا بەرپا قىلىش جەريانىغا ئەگىشىپ ئىلگىرىلەيدۇ.» خەن ۋېنشيۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شەكلى ۋە ئىدىيە قارىشىدا زور ئۆزگىرىش بولدى، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇرەككەپلىكىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھۆججەتتە قاراتمىلىققا ئىگە ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قۇرۇشنى پۇختا تۇتۇش كېرەك. يېزا - بازار رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسى، بولۇپمۇ باشلامچىلار قوشۇنىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئىدارە قىلىش شەكلىنى ئىجادىي مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئەنئەنىۋى ئىدارە قىلىش بايلىقىنى زامانىۋى ئىدارە قىلىش ۋاسىتىسى بىلەن ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك قىلىدىغان ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن ئۈنۈملۈك شەكىل ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

يېزىلاردىكى ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەدەنىيلىك يېڭى كەيپىياتىنى تۇرغۇزۇش كېرەك − سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يېزا - كەنت مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ، ئالغا ئىنتىلىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان يېزا - كەنت ئەخلاق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك − پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق رولى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ئەھدىنامىسىنىڭ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، چەكلەش خاراكتېرلىك قائىدە ۋە تەشەببۇس خاراكتېرلىك ئۆلچەمنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

خەن ۋېنشيۇ يەنە مۇنداق بىلدۈردى: يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىناق، مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. زىددىيەت - ماجىرالارنى ۋاقتىدا مۇرەسسە قىلىپ ھەل قىلىپ، يېزا ئاممىۋى بىخەتەرلىكى مۇداپىئە تورىنى زىچ توقۇپ، تىرىشىپ مۇقىم، تىنچ جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىشىمىز كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تېلېگراممىسى)