شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2026 - يىللىق جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى

2026-02-05 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتىخەۋىرىمۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارمىقىدىن ئىگىلىشىچە، 2026 - يىلى، ئاپتونوم رايون جەمئىيەتتىن ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر، مەمۇرلار قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان خىزمەتچى خادىمدىن 3937نى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان. ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى باشلىنىپ، 2 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ؛ 3 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن باشلاپ يېزىقچە ئىمتىھان ئېلىنىدۇ، ئاندىن خىزمەت ئورنىنى تەڭشەش، سالاھىيەت تەكشۈرۈش، يۈزتۇرا ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، ئېلان قىلىش، قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئارقا - ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئىمتىھان ئېلىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئالاقىدار تەپسىلىي ئەھۋاللار 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شىنجاڭ كوئېنلۇن تورى (http://www.xjkunlun.cn)، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تورى (http://rst.xinjiang.gov.cn)، شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان تورى (https://www.xjrsks.com.cn)دا ئېلان قىلىنىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر دىققەت قىلىپ تۇرسا ھەم تورغا چىقىپ سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:

بىرىنچى، سىياسىي ئۆلچەم گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللەتلەر رايونلىرىدىكى كادىرلارنىڭ «تۆت ئالاھىدە» ئۆلچىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، سىياسىي ئۆلچەم ئىمتىھان ئېلىش، قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈلىدۇ. ئىمتىھان ھالقىسىدا مەمۇرلارنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، مەمۇرىي كەسپىي ئىقتىدار سىناق تۈرىدە «سىياسىي نەزەرىيە» قىسمى ۋە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» مەزمۇنى ئايرىم تەسىس قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ. تەكشۈرۈش ھالقىسىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئەخلاقى، ئىقتىدارى، تىرىشچانلىقى، نەتىجىسى، پاكلىقى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىنىپ، سىياسىي ساپا، ئەخلاق - پەزىلەت، ئىنتىزامغا، قانۇنغا رىئايە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋاللىرى نۇقتىلىق ئىگىلىنىدۇ. يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان خادىملارنىڭ سىياسىي ساپا ئۆتكىلى قاتتىق ياخشى ئىگىلىنىپ، سىياسىي جەھەتتە لاياقەتسىز بولغانلار قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ.

ئىككىنچى، مەركىزىي خىزمەت ۋە ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىنىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيەگە چىقىش يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈشكە ئالاقىدار سىياسەتنى يولغا قويۇش تەلىپىگە ئاساسەن، مەمۇرلۇق ئىمتىھانى ئېلىپ قوبۇل قىلىش ياش شەرتى مۇۋاپىق قويۇۋېتىپ تەڭشىلىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئورگانلاردا تەسىس قىلىنغان 2000دىن ئارتۇق مەمۇر قوبۇل قىلىش پىلانى شۇ قاراردا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە مەخسۇس يۈزلەندۈرۈلىدۇ. سىياسەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنۇپ،70تىن ئارتۇق خىزمەت ئورنى ناھىيە، يېزا ئورگانلىرىدا تەسىس قىلىنىدۇ، 500دىن ئارتۇق مەمۇر قوبۇل قىلىش پىلانىغا ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش تۈرىدىكى خادىم ۋە ئارمىيەدە ۋەزىپە ئۆتىگىنىگە بەش يىلدىن ئاشقان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئارمىيەدىن چېكىنگەنلەر قاتارلىقلار نىشانلىق قوبۇل قىلىنىدۇ. ئاپتونوم رايوندىكى 5 -، 6 - تۈردىكى جاپالىق، چەت، يىراق رايونلار، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، چېگراغا يېقىن ناھىيە - شەھەرلەر ۋە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى بولغان يېزا - بازارلاردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا قارىتا يېزىقچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكى بېكىتىلگەندە سىياسەت داۋاملىق مايىللاشتۇرۇلىدۇ.

ئۈچىنچى، ئادەم دەل جايىدا، ئىلمىي تاللىنىدۇ. تۈرگە ئايرىپ، دەرىجىگە ئايرىپ ئىمتىھان ئېلىش داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۆلكە، شەھەر دەرىجىلىك، ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈرىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرى ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈرىدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا قارىتا يېزىقچە ئىمتىھان سوئالى ئايرىم تەييارلىنىدۇ، كەسىپچانلىقى بىرقەدەر كۈچلۈك خىزمەت ئورۇنلىرىغا قارىتا كەسپىي ئىقتىدار سىنىقى كۆپەيتىلىدۇ، قىسمەن خىزمەت ئورۇنلىرىغا قارىتا پىسخىك ساپاسىنى باھالاش قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇشقا ئۇيغۇنلىشىپ، تەدرىجىي ھالدا ئالاقىدار ئىمتىھان ئېلىش، قوبۇل قىلىش سىياسەتلىرى باھالاپ ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. تەڭشەش ۋە تولۇقلاپ قوبۇل قىلىش ئەھۋالغا قاراپ تەشكىللىنىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تېخىمۇ كۆپ ئىمتىھان پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. پۈتۈن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە مەمۇرلارنى ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلار بېكىتكەن سالامەتلىكنى تەكشۈرىدىغان دوختۇرخانىلارنىڭ سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى باشقا جايدىمۇ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىنىدۇ. «بىرتۇتاش قوبۇل قىلىش» شەكلى قوللىنىلىپ، ئاساسىي قاتلام سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى ئورگانلىرىغا يۇقىرى ساپالىق قانۇن كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى تولۇقلاش سالمىقى زورايتىلىدۇ.

تۆتىنچى، ئىمتىھان تەرتىپى قوغدىلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندا ئىمتىھان كونسۇلتاتسىيە كىتابلىرى نەشر قىلىنمايدۇ ھەم كۆرسىتىپ بېرىلمەيدۇ، ئىمتىھان كونسۇلتاتسىيە كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇلمايدۇ ھەم ھەرقانداق ئاپپارات ياكى شەخسنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىغا ھاۋالە قىلىنمايدۇ. ئالاقىدار تارماقلار مەمۇرلار ئىمتىھانى بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇش - نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، سودا ماركېتىڭ تەشۋىقاتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىمتىھاندا ساختىلىق قىلىشقا قاتتىق زەربە بېرىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداپ، ياخشى ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىدۇ. جەمئىيەتتىكى مەمۇرلار ئىمتىھانى بويىچە تەربىيەلەش، تور بېكىتى ياكى نەشر بۇيۇملىرى قاتارلىقلارغا قارىتا كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ، ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى سورايمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىدارىسى مۇنداق ئەسكەرتتى: بىرىنچى، كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ خىزمەت ئورنى شەرتىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۆز ئەھۋالىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، بالدۇرراق تور بېكەتكە چىقىپ تىزىملىتىشىنى سورايمىز. ئەگەر تاللاپ تىزىملاتقان خىزمەت ئورنىنىڭ كونكرېت تەلىپىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكچى بولسا، خىزمەت ئورنى جەدۋىلىدە ئېلان قىلىنغان قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ تېلېفونىغا تېلېفون بېرىپ سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. ئىككىنچى، كەڭ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سەمىمىيەت تەلىپىنى ئاڭلىق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سەمىمىيلىك بىلەن تىزىملىتىشى، سەمىمىيلىك بىلەن ئىمتىھان بېرىشى، سەمىمىيلىك بىلەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.