«شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومى ۋە «شى جىنپىڭ بىلەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى دوستلار»نىڭ 1 - ، 2 - تومىنىڭ فەنتى خەت نۇسخىسى شياڭگاڭدا تۇنجى تارقىتىلدى

2026-03-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شياڭگاڭ، 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى«شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومى ۋە «شى جىنپىڭ بىلەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى دوستلار»نىڭ 1 -، 2 - تومىنىڭ فەنتى خەت نۇسخىسى يېقىندا بىرلەشمە نەشرىيات گۇرۇھى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، ئۈچ كىتابنىڭ فەنتى خەت نۇسخىسىدىكى يېڭى كىتابىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە نەشر قىلىنغانلىق سۆھبەت يىغىنى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

«شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - تومىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئايدىن 2024 - يىلى 12 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ھاسىل قىلغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەر مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي ئىقتىساد ئىلمىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچقانلىقى مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان نوپۇزلۇق ئەسەر. «شى جىنپىڭ بىلەن داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى دوستلار»نىڭ 1 -، 2 - تومىدا يولداش شى جىنپىڭنىڭ يەرلىكتە ۋە مەركەزدە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن بولغان ئالاقە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، سىردىشىش ھېكايىسى بايان قىلىنىپ، ئۇنىڭ ياشلارغا، بولۇپمۇ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىغا باشتىن - ئاخىر غەمخورلۇق قىلغانلىقى، كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، كۆيۈنگەنلىكى ھەقىقىي خاتىرىلەنگەن، بۇ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشتىكى جانلىق ئوقۇشلۇق.

ئۈچ كىتابنىڭ فەنتى خەت نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق ئىگىلىشى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە پايدىلىق بولۇپ، شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار ۋە ياش بىر ئەۋلادلارنى دۆلەت، مىللەت ۋە مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىش ۋە مۇلازىمەت قىلىشقا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭدىكى ئالاقە ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداش، شياڭگاڭدىكى ۋەتەننى سۆيىدىغان، شياڭگاڭنى سۆيىدىغان ئاپپاراتلار، سىياسىي تەشكىلات، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، شياڭگاڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەسىدىكى ۋەكىللەر، شياڭگاڭ ياشلار ۋەكىللىرى يېڭى كىتابنى ئېلان قىلىش يىغىنى ھەم نەشر قىلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ئۈچ كىتابنىڭ فەنتى خەت نۇسخىسى بۈگۈندىن باشلاپ شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەرقايسى چوڭ كىتابخانىلارغا ئومۇميۈزلۈك سېلىنىدۇ ھەم نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇپ سېتىلىدۇ.