مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2026-03-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىشتە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، ياشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ياشلار خىزمىتىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، پىيونېرلار ئەترىتى بىر گەۋدىلەشكەن ئادەم تەربىيەلەش زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، يېتەكلەش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، مۇلازىمەت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە ئىدارە قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، كەڭ ياشلارنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە يېتەكلەش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ياشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ قوش رەھبەرلىكىدە بولۇش، تەڭ دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاساس قىلىشتەك تەشكىلىي رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش، كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى؛ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيەگە سادىق بولۇش تەربىيەسى ۋە غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى؛ ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنىنىڭ مۇھىم ئىشلاردا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى؛ ئىتتىپاق كادىرلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى؛ كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلىشقا ئىنتىلىدىغان يېڭى دەۋردىكى ياخشى ياشلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈشى كېرەك. ئىتتىپاق كادىرلىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاق كادىرلىرىنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ئىتتىپاق ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى قۇرۇلۇشىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىشىنى قوللاپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ ئۈنۈملۈك قاپلىشىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى ۋە كېڭەيتىشى كېرەك. ساپا جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىتتىپاق كادىرلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كادىرلارنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە مەخسۇس ۋەزىپىگە قويۇش، ۋەزىپە بىلەن چېنىقىش، قوشۇمچە ۋەزىپىگە قويۇش ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئىتتىپاق كادىرلىرى قوشۇنىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ياش پارتىيە ئەزالىرىنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىدىكى تايانچلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى مۇنەۋۋەر ئىتتىپاق ئەزالىرى ئارىسىدىن پارتىيە ئەزالىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى؛ پىيونېرلار ئەترىتى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پۈتۈن ئىتتىپاق تەشكىلاتى بويىچە پىيونېرلار ئەترىتىنى يېتەكلەش مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ياشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جەڭگىۋار قوشۇنلۇق ۋە زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ياشلار 4 - ماي مېدالى ھەم يېڭى دەۋردىكى ياش ئاۋانگارتلار مۇكاپاتىنى باھالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ قانات يايدۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئىتتىپاق كادىرلىرىنىڭ توغرا كەسىپ قارىشى، ئۆسۈپ يېتىلىش قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاق كادىرلىرىنىڭ ياشلارغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، كەڭ ئىتتىپاق كادىرلىرىنى قۇرۇق گەپ ساتماي، كۆپرەك ئەمەلىي تۆھپە قوشۇش، ياشلار ئۈچۈن كۆپرەك باش قاتۇرۇش، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى ئازراق كۆزلەشكە يېتەكلىشى؛ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاكتىپ، ساغلام، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ئىدىيەۋى ئىستىلى، خىزمەت ئىستىلى، تۇرمۇش ئىستىلىنى ساقلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى؛ ياشلار بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، توردىكى ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىپ، پارتىيەنىڭ ياشلار بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەلىپىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي تەلەپنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، ياخشى ئوبرازنى ساقلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش؛ ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ ئىتتىپاق ئەزالىرىنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇشىنى چىڭىتىشى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشىنى چىڭىتىشى، ئىنتىزام ئىجراسىنى چىڭىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى پىلانى ۋە تەكشۈرۈپ باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئاڭلىق ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىتتىپاق تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشى كېرەك.