خې جياۋلۇڭ شەرەپ بىلەن تاللاندى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاياللار، بالىلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاياللارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئاياللارغا مەدەت بېرىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، كەڭ ئاياللارنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، «8 - مارت» خەلقئارا ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پۈتۈن جەمئىيەتكە 2026 - يىللىق «كۈرەش قىلغۇچى ئەڭ گۈزەل ئايال»لارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى ئېلان قىلدى.
لەن جېن، جۇ بېيۋېي، جۇ شۆلەن، جاڭ يۈخۇا، جاڭ دۇڭشياڭ، خې خۇڭمېي، خەن لى، خې جياۋلۇڭ، چېن يۈۋېن، رېن پىڭپىڭ قاتارلىق ئون يولداش شەرەپ بىلەن تاللاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلغان، دادىل سىناق قىلغان پەن تەتقىقات ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغۇچى بار بولۇپ، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش، دېڭىز - ئوكيان تېخنىكىسىنى ئېچىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى ئەمەلىي قوللىنىش قاتارلىق ساھەلەردە قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلدى؛ بىرىنچى سەپتە يىلتىز تارتقان ئاساسىي قاتلام ياخشى كادىرى بار بولۇپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەجرى ئارقىلىق يۇرتداشلارنى «بېيىش ئارزۇسى»نى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلىدى؛ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىغا قىزغىن قاتناشقان جەمئىيەت پىدائىيسى بار بولۇپ، ئىللىق مېھىر - مۇھەببەتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ خەلق تۇرمۇشى كۈندىلىك ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلدى؛ ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە ئىجتىھات بىلەن ئىشلىگەن روھ ئىنژېنېرى بار بولۇپ، سەمىمىي قەلبى بىلەن ئوقۇغۇچىلار قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى؛ قەتئىي ئىشەنچ بىلەن تىرىشىپ ئىشلىگەن ئاخبارات خىزمەتچىسى بار بولۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ھەر قېتىملىق مۇھىم خەۋەرلەرنى تاماملىدى... ئۇلار كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئەڭ گۈزەل نەتىجىلەرنى يارىتىپ، چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، «ئاياللار يېرىم دۇنيا» دېگەن دەۋر سالاپىتىنى مەركەزلىك نامايان قىلدى.
كەڭ ئاياللار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز ھەربىر ئايال باش رولچى، ھەممىمىز كىشىلىك ھاياتىمىزنى جۇلالاندۇرۇش، ئارزۇيىمىزنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە. «كۈرەش قىلغۇچى ئەڭ گۈزەل ئايال»لار ئاددىي ھەم ئۇلۇغ بولۇپ، ئۇلار ھەم ئىللىق ئائىلىسىنى ياخشى قوغداشتا چىڭ تۇردى، ھەم جەمئىيەت چوڭ ئائىلىسىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىدى. بىز ئىلغارلارنى ئۈلگە قىلىپ، تەسىرلىنىشنى ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، خىزمەتنى پۇختا ئىشلەپ، مۇلايىملىق ۋە قەيسەرلىك، مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزۈش ۋە تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق، ئائىلە ۋە جەمئىيەتتە يېڭى دەۋر ئاياللىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىمىز.
ئىگىلىنىشىچە، 2026 - يىللىق «كۈرەش قىلغۇچى ئەڭ گۈزەل ئايال»لارنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى مەخسۇس پىروگراممىسى يېقىندا كۆرسىتىلىدىكەن.