يەر ھۆددىگەرلىكى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەم ئۇزاققىچە ئۆزگەرتمەسلىك، 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرما. 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ھۆددىگەرلىكنى ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دېيىلدى)نى پائال، پۇختا ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئالاقىدار قانۇن - نىزام ۋە سىياسەت تەلىپىگە ئاساسەن، تۆۋەندىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.
1. ئومۇمىي تەلەپ
شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلار بىلەن يەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، دېھقانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش، دېھقان كوللېكتىپ ئەزالارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇشنى بايلىق ئامىلىنى جانلاندۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى ھۆددە يەرلەرگە بولغان ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، گۇۋاھنامە تارقىتىش نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىنچىكە خىزمەت ئارقىلىق تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىش سىياسىتىنىڭ پۇختا، دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېزىلاردىكى ھۆددە يەرلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى، ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىش سىياسەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
خىزمەتتە مۇنۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك: كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىدىكى كوللېكتىپ يېرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى چەك - چېگراسىنى بۇزۇپ تاشلاپ پۈتۈن كەنت دائىرىسى ئىچىدە تەكشى ھۆددىگە بېرىشنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، دېھقانلار كوللېكتىپىنىڭ ھۆددە يەرنى ھۆددىگە بېرىش، تەڭشەش، نازارەت قىلىش، قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىق تۈرلۈك ھوقۇق ۋە فۇنكسىيەسىنى تولۇق قوغداپ، يېزا يەرلىرى كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇرۇلۇش شەكلى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۇنى بېيىتىش كېرەك. دېھقان ئائىلىلىرى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، يېزا كوللېكتىپ يېرىنى شۇ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتى ئىچىدىكى دېھقان ئائىلىلىرى ھۆددە ئالىدۇ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھۆددە يېرىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش كېرەك، ھۆددە بەرگۈچى تەرەپ ھەم باشقا تەشكىلات، شەخسلەرنىڭ دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھۆددە يېرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا تەڭشىشىگە ۋە قايتۇرۇۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. دېھقانلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلار كوللېكتىپىنىڭ قانۇن ۋە سىياسەت دائىرىسىدە شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىشنىڭ كونكرېت يولى ۋە چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. يېزىلارنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ، تارىخقا ھۆرمەت قىلىپ، رېئاللىققا ئېتىبار بېرىپ، بىرتۇتاش ئويلىشىپ، تەرتىپلىك تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىپ، سۈرئەتنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزىلارنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى ساقلاش كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، مۈشكۈللۈكى، مۇرەككەپلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئالدىن پىلانلاپ، خىزمەتلەرگە ياخشى يېتەكچىلىك قىلىپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنى كۈچەيتىشى ھەم ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن ئالاقىدار تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىك توختامىنىڭ مۇددىتى توشقان بولسا، پىرىنسىپ جەھەتتە مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش خىزمىتىنى تاماملاش كېرەك.
2. يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلىدۇ
(1) يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ. يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، يېزا ھۆددە يېرىنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، گۇۋاھنامە تارقىتىش نەتىجىسى ئاساس قىلىنىپ، 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىك توختامى مۇددىتىنىڭ توشۇشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتى يەنە 30 يىل ئۇزارتىلىدۇ. ئائىلىنى بىرلىك قىلىپ يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش قانات يايدۇرۇلۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ھۆددە يېرىنىڭ داۋاملىق مۇقىم بولۇشنى ساقلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، ئاغدۇرۇۋېتىپ قايتا باشلاشقا، قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ قايتا تەقسىم قىلىشقا بولمايدۇ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ھۆددە يېرىنى تەڭشەشكە ياكى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ.
(2) «كىچىك دائىرىدە تەڭشەش» قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق ئىگىلىنىدۇ. «ئومۇميۈزلۈك مۇقىم قىلىش، كىچىك دائىرىدە تەڭشەش»تە چىڭ تۇرۇلىدۇ، «كىچىك دائىرىدە تەڭشەش»نىڭ ئالدىنقى شەرتى «ئومۇميۈزلۈك مۇقىم قىلىش». «كىچىك دائىرىدە تەڭشەش» يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرىدىكى ئايرىم دېھقان ئائىلىلىرى ئارىسىدا ھۆددە يەرنى كىچىك دائىرىدە مۇۋاپىق تەڭشەشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ، پەقەت ئاز ساندىكى تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن ھۆددە يەر بۇزۇلۇپ كېتىش قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار مەۋجۇت بولغان ھەمدە ئامما ئومۇميۈزلۈك يەر تەڭشەشنى تەلەپ قىلغان كەنت، گۇرۇپپىلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
(3) يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش تەرتىپى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش خىزمەت قائىدىسىدە بېكىتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇش، تېگى - تەكتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، لايىھە تۈزۈش، تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، تەكشۈرۈپ ئېلان قىلىش، توختام ئىمزالاش، گۇۋاھنامىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ماتېرىياللارنى ئارخىپلاشتۇرۇش قاتارلىق تەرتىپلەر بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ قانات يايدۇرۇلىدۇ. يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش خىزمەت گۇرۇپپىسى شۇ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتى ئەزالىرى يىغىنى ياكى ئەزالار قۇرۇلتىيىدا قانۇن بويىچە سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلىدۇ. يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش لايىھەسىنى دېھقانلار كوللېكتىپى قانۇن ۋە سىياسەت دائىرىسىدە دېموكراتىك كېڭىشىدۇ، شۇ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتى دائىرىسى ئىچىدە ئېلان قىلىش ۋاقتى 15 كۈندىن كەم بولمايدۇ، ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمە بويىچە شۇ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالغاندىن كېيىن ئاشكارا تەشكىللەپ يولغا قويۇلىدۇ. يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش لايىھەسى ھۆددە يەرنى تەڭشەشكە چېتىلسا، يېزا(بازار)لىق ھۆكۈمەت ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا مەسئۇل تارمىقى، يېزا(بازار)لىق ھۆكۈمەت يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشقا بولغان يېتەكچىلىك ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى، مەسىلە بايقالسا ۋاقتىدا تۈزىتىشى كېرەك.
(4) گەۋدىلىك زىددىيەتلەر مۇۋاپىق ھەل قىلىنىدۇ. 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىدە ھۆددە ئېلىشتىن ۋاز كەچكەنلەر قاتارلىق يېرى يوق دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن بويىچە قوغدىلىپ، يەر كەم، يەر ئاز بولۇش سەۋەبىدىن تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ مۇۋاپىق ئىلتىماس - تەلىپى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە كوللېكتىپ پايدىسىنى تەقسىملەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق يەردىن باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ. ھۆددە يەرنىڭ ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىش، تىزىملاش، گۇۋاھنامە تارقىتىشنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا بىرلەشتۈرۈلۈپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
3. دېھقانلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كۈچەيتىلىدۇ
(5) يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى ئەزالىرىنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇق - مەنپەئىتى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. شۇ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە ھۆددىگەر دېھقان ئائىلىسىنىڭ ئەزالىرى قانۇن بويىچە يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىغا ئەزا بولمىغانلار يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا قاتناشمايدۇ. ياتلىق بولغان، ئاجراشقان، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ئاياللار ۋە ئىچ كۈيۈ ئوغۇل قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ، رايون ھالقىغان ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، «ئۆز ئاتا - ئانىسى بىلەن جورىسى تەرەپتە ئوخشاشلا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى بولماسلىق»تىن ساقلىنىپ، «ئۆز ئاتا - ئانىسى بىلەن جورىسى تەرەپتە ئوخشاشلا يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلىۋېلىش»نىڭ ئالدى ئېلىنىپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى، يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى قانۇنى قاتارلىق قانۇن - نىزاملار بويىچە ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇق - مەنپەئىتى قوغدىلىدۇ. شەھەرگە كىرىپ ئولتۇراقلاشقان دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. دېھقانلارنىڭ يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ھەقلىق چېكىنىپ چىقىش چارىسىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.
(6) ئائىلە ئەزالىرى نوپۇستىن تولۇق ئۆچۈرۈۋېتىلگەن ئائىلىلەرنىڭ ھۆددە يېرى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىنىدۇ. يېزا يېرىگە دېھقانلار كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇلىدۇ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبىدىن ھۆددە ئالغۇچى تەرەپ يوق بولسا، ھۆددە بەرگۈچى تەرەپ ھۆددە يەرنى قانۇن بويىچە قايتۇرۇۋېلىشى كېرەك، ئەسلىدىكى ھۆددە ئالغۇچى تەرەپ ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھۆددە پايدىسىغا ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ. ھۆددە ئالغۇچى تەرەپلەر ئايرىلىپ كەتكەن، قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا، ھۆددە بەرگۈچى تەرەپ بىلەن يېڭى ھۆددە مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى كېرەك. ئالاقىدار تەرتىپ قاتارلىقلارنى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.
(7) زاپاس يەر ۋە يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەرنى باشقۇرۇش چىڭىتىلىدۇ. زاپاس يەر كۆلىمى شۇ كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %5ىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، شۇنداقلا يېڭىدىن كۆپەيتىلمەسلىكى كېرەك. قانۇن بويىچە بوز يەر ئېچىش، قايتا ئۆزلەشتۈرۈش ھەم يەرلەرنى رەتلەش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يېڭىدىن كۆپەيگەن تېرىلغۇ يەرلەرنى قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھۆكۈمەتلەر يەر ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك. يېزا كوللېكتىپ ئىگىدارلىقىدا بولۇش بېكىتىلگەن تېرىلغۇ يەرلەر يېزا كوللېكتىپ مال - مۈلكىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ يەرنى بېكىتىش، ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ پاينى بېكىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئائىلىلەرگە ھۆددە بېرىلىدۇ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولىدۇ، كوللېكتىپ ئىگىلىكتىن ئېرىشكەن پايدا ئاساسلىقى پايدا تەقسىملەشكە ئىشلىتىلىپ، كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ مەنپەئەتلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
(8) ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ پاينى بېكىتىش، يەرنى بېكىتمەسلىك قاتتىق ئىگىلىنىدۇ. ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئائىلىلەرگىچە، يەرگىچە بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇلىدۇ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا مەمۇرىي ۋاسىتە ئارقىلىق ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ پاينى بېكىتىش، يەرنى بېكىتمەسلىككە تۇرتكە بولۇشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا ئاددىي ھالدا ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا بويسۇنۇش نامى بىلەن پاينى بېكىتىشنى خالىمىغان دېھقانلارنى پاينى بېكىتىشكە مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ. ھوقۇق تەۋەلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ پاينى بېكىتىش، يەرنى بېكىتمەسلىك شەرتى ۋە تەرتىپىنى يولغا قويۇشنى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا مەسئۇل تارمىقى قانۇن بويىچە بەلگىلەيدۇ.
4. يېزا يەر ھۆددىگەرلىك توختامىنى باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ
(9) توختامنى توردا ئىمزالاش ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلىدۇ. دۆلەت، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەر ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى ئۇچۇرلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىش سۇپىسى تېز تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن يېزا يەر ھۆددىگەرلىك توختامىنى توردا ئىمزالاش سىستېمىسى چىڭ تۇتۇپ بەرپا قىلىنىدۇ. يېزا يەر ھۆددىگەرلىك توختامىنى توردا ئىمزالاش تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ، ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، يەر ئېلىش ۋە ھۆددە ئالغۇچى تەرەپ ئايرىلىپ كېتىش، قوشۇلۇپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ھۆددىگەرلىك توختامى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىلىدۇ ياكى ئاخىرلاشتۇرۇلىدۇ.
(10) ئارخىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش داۋامىدا شەكىللەنگەن دۆلەت، جەمئىيەت ۋە شەخسلەرگە نىسبەتەن ساقلاش قىممىتى بولغان تۈرلۈك يېزىق، جەدۋەل، ئۈن - سىن، سانلىق مەلۇمات قاتارلىق ھۆججەت - ماتېرىياللارنى يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى ئارخىپىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك. يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش ئارخىپىنى باشقۇرۇش چارىسى تۈزۈلىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا مەسئۇل تارمىقى ۋە ئارخىپ مەسئۇل تارمىقى ھەم يېزا - بازارلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى ئارخىپىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھۆددە بەرگۈچى تەرەپ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى ئارخىپىنى كەنت دەرىجىلىك ئارخىپ باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.
(11) كۆچمەس مۈلۈكنى بىرتۇتاش تىزىملاش بىلەن تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇش ياخشى ئىشلىنىدۇ. يېزا يەر ھۆددىگەرلىك توختامى ئۇچۇرى بىلەن تىزىملاش ئۇچۇرى، يەر ئېلىش ئۇچۇرى قاتارلىقلاردا ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش كۈچەيتىلىپ، يەر ھۆددىگەرلىك توختامىنى باشقۇرۇش بىلەن كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاشنىڭ تەرتىپلىك جىپسىلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. تارقىتىلغان يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسى يېڭى ھۆددىگەرلىك مۇددىتىدە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولىدۇ ھەمدە ئۆزگەرمەيدۇ، ئالماشتۇرۇلمايدۇ. ھۆددە ئالغۇچى تەرەپ، ھۆددە يەر قاتارلىقلاردا ئۆزگىرىش بولسا، ھۆددىگەرلىك توختامىغا ئاساسەن كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملىتىشنى بېجىرسە بولىدۇ. يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش جەريانىدا پەقەت يەر ھۆددىگەرلىك توختامىنىڭ مۇددىتى ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن ئۇزارتىلغان بولسا ھۆددىگەرلىك توختامىدا خاتىرىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن تىزىملاش رەسمىيىتى بېجىرىلىپ، ئەسلىدىكى يېزا يېرىنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىگە بەلگە قويۇپ خاتىرىلىنىپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەخسۇس تامغىسى بېسىلىدۇ. گۇۋاھنامىنى بىرتۇتاش ئالماشتۇرۇپ تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلام ۋە دېھقانلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.
(12) ئوبوروت يەرنى مۇقىم باشقۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئوبوروت قىلغان ئىككى تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىنىپ، يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ رولى ياخشى جارى قىلدۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ھۆددە ئالغۇچى تەرەپ بىلەن قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ تولۇق كېڭىشىشكە يېتەكلىنىپ، توختامدا پۈتۈشۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتقاندىن كېيىنكى يەرنى داۋاملىق ئىجارە ئېلىش ئىشلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، باشقۇرۇش ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ كۆزلىمىسى مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ. ئوبوروت يەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ، يېزا يەرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە، ئۇزاق ۋاقىت ئوبوروت قىلىشقا ئىلھام بېرىلمەيدۇ. ئوبوروت يەرنى «يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نى قەتئىي توسۇپ، «ئاشلىق تېرىشتىن باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىش»نىڭ ئۈنۈملۈك ئالدى ئېلىنىدۇ.
5. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك
(13) خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆلكىلەر باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، شەھەر، ناھىيە، يېزىلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزىلار دەرىجىمۇدەرىجە خىزمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش خىزمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن تۇتۇش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى قەرەللىك ئاڭلاپ، مۇھىم مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ، ئىلغار تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىشى، كېڭەيتىشى كېرەك. 2 - نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش بويىچە مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنى خىزمىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى باشلامچى ئورۇن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك؛ قانۇن يۈرگۈزۈش، مالىيە، تەبىئىي بايلىق، ئارخىپ، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتى بويىچە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش كونكرېت چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇش، كۆزىتىش - ئۆلچەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش مەزگىلىدە ھەر يىلى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ئەھۋالنى دوكلات قىلىشى كېرەك. ناھىيەلىك، يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت كونكرېت مەسىلىلەرگە قارىتا خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش سىياسىتى، كەسىپ ۋە تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، توختامنى توردا ئىمزالاش، ئۇچۇرنى ئۆزگەرتىش، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش - بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىشى كېرەك. يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ئەزالىرى، تۇرۇشقا ئەۋەتىلگەن كادىرلار، كەنتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان شۈەندياۋشېڭلار، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى قاتارلىقلارنى ئالاقىدار خىزمەتلەرگە پائال قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، كەنت، گۇرۇپپىلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش خىزمەت كۈچىنى تولۇقلاش كېرەك. ھەرقايسى جايلارنىڭ يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش جەريانىدا دېھقانلاردىن ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
(14) تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. سىياسەت جەھەتتىن تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، ھۆكۈمەت تور بېكىتى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ھەمدە گېزىت - ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە، يېڭى تاراتقۇ قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، ئامما ياقتۇرىدىغان شەكىللەرنى قوللىنىپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىش كېرەك.
(15) خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش جەريانىدا كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، خىزمەتتە يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىش كېرەك. سىياسەت ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن جەمئىيەت مۇقىملىقى خەۋپ - خەتىرىنى باھالاشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ماجىرالارنى كۆپ خىل يول بىلەن ھەل قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا يېرىنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇشقا دائىر ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىش قوشۇنىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە شارائىت كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش، مۇرەسسە قىلىش، كېسىم قىلىش، دەۋا قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قانۇن بويىچە قوللىنىپ يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش جەريانىدا كۆرۈلگەن زىددىيەت - ماجىرالارنى ۋاقتىدا، مۇۋاپىق ھەل قىلىش كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)