شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا - ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى» باش تېمىسىدىكى 9 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى 6 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن 29 - كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان، ئاسىيا - ياۋروپا رايونىغا يۈزلەنگەن دۆلەت دەرىجىلىك، خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئاسىيا - ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن يۇقىرى قاتلام دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندى. 2011 - يىلىدىن بۇيان، كۆرگەزمە سەككىز نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، ئاسىيا - ياۋروپاغا تەسىر كۆرسەتتى، كۆرگەزمە كۆلىمى تۇنجى نۆۋەتتىكى 80 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن 140 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا كېڭەيدى، جەمئىي 120دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايون، 70تىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ مىنىستىر دەرىجىلىك 1000دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمىنى، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى 15 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا ۋە 140 مىڭ سودىگەر كۆرگەزمىگە، يىغىنغا قاتناشتى، نەق مەيداندا كۆرگەزمىنى كۆرگەنلەر 2 مىليونغا يېقىن ئادەم قېتىم بولۇپ، ئاسىيا - ياۋروپا رايونىنىڭ ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، ھەمكارلىق بوشلۇقىنى كېڭەيتىشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.
بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ پىلانلانغان كۆلىمى 140 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، «ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە قىلىش، كەسپىي ئۆتكۈزۈش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، «بىر ساراي، كۆپ رايون» ئورۇنلاشتۇرمىسى قوللىنىلىپ، دىققەت مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى، ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەر، يېشىل تەرەققىيات، مەدەنىيەت - ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، يىپەك يولى ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت ئالتە چوڭ خاس تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، تۈرلۈك كۆرگەزمە رايونلىرى دەل جايىدا تەسىس قىلىنىپ، كۆرگەزمىگە قاتنىشىش، كۆرگەزمىنى كۆرۈشتىكى ئاقىللاشقان تەسىرات ئاشۇرۇلىدۇ.
كۆرگەزمىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە ئەزىز مېھمانلارنى تەكلىپ قىلىش، ئىقتىساد سودا پائالىيىتى، مۇلازىمەت كاپالىتى جەھەتتە دەل جايىدا كۈچ چىقىرىلىدۇ. ئەزىز مېھمانلارنى تەكلىپ قىلىشتا دىققەت «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت قاتارلىقلاردىكى سودىگەرلەر نۇقتىلىق تەكلىپ قىلىنىدۇ؛ ئىقتىساد سودا پائالىيىتىدە سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، ئىستېمالنى كېڭەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ساھە چۆرىدىلىپ، بىر قاتار مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر پىلانلاپ ئۆتكۈزۈلىدۇ، شۇ مەزگىلدە، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلىدۇ.
نۆۋەتتە، كۆرگەزمىنىڭ كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا چاقىرىش، كۆرگەزمىگە تەشكىللەش قاتارلىق تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلماقتا، چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى كارخانىلار ۋە كەسپىي سودىگەرلەر بەس - بەستە تىزىمغا ئالدۇردى، نۇرغۇن باشلامچى كارخانا، ساھە باشلامچى ئاپپاراتلىرى كۆرگەزمىگە قاتنىشىش مۇددىئاسىنى بىلدۈردى، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا، ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق، ئەلا سۈپەتلىك تۈر قاتارلىقلارنى ئۇدۇللاشتۇرۇش تېزلىتىلمەكتە. كۆرگەزمە تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر، تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت ئارقىلىق ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى قۇۋۋىتىنى مۇجەسسەملەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك بەرپا قىلىشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.