شىنجاڭدىكى 16 تارماق بىرلىكتە «تەدبىر» ئېلان قىلدى
يېزا - كەنتلەرنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇ لۇپىڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق 16 تارماق بىرلىكتە «يېزا - كەنت داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنى يەنىمۇ ياخشى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەدبىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ، ئاساسىي قاتلامدا دورا ئىشلىتىشتە «بىر دورا، ئىككى خىل ئۆلچەم» چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاش، يېزا - كەنت دوختۇرلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمگەك توختامى ئىمزالاش ھەم ئۇلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق 27 تەدبىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، سىستېمىلىق ئىسلاھات ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش بايلىقى تەكشى بولماسلىق، ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش قاتارلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
«تەدبىر»گە ئاساسەن، شىنجاڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش بويىچە ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، مەركىزىي يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلار ۋە مەركىزىي كەنت داۋالاش ئۆيىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ. نۇقتىلىق مەركىزىي يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلارنىڭ تەسۋىرىي سۈرەتكە ئېلىش ۋە تېببىي تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ناھىيە رايونىدا تەسۋىرىي سۈرەتكە ئېلىش، تەكشۈرۈش شۆبە مەركىزى قۇرۇلۇپ، ئەتراپتىكى يېزا - بازارلارنىڭ بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر ۋە ناھىيە دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردىكى ۋىراچلارنىڭ يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلارغا دائىملىق چۆكۈشىگە تۈرتكە بولۇنىدۇ، ئۇدا مۇلازىمەت قىلىش ۋاقتى ئالتە ئايدىن ئاز بولمايدۇ، بۇ مەزگىلدە ئەسلىي ئىدارىسىدىكى رېتسېپ يېزىش ھوقۇقى ۋاقتىنچە توختىتىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىدىلا «چوڭ مۇتەخەسسىس»لەرگە كېسەل كۆرسىتەلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.
يېزىلاردىكى ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دورا ئىشلىتىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قارىتا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى ئىچىدە بىرلىككە كەلگەن دورا مۇندەرىجىسى تۇرغۇزۇلۇپ، «بىر دورا، ئىككى خىل ئۆلچەم» قاتارلىق چەكلىمىلەرگە ئۇچرىماي، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر، سوزۇلما كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار كەنتلەرگە چۈشۈرۈلىدۇ. جىددىي، خەتەرلىك، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارغا قارىتا، شارائىتى بار يېزا - بازارلىق دوختۇرخانىلار جىددىي تېببىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پونكىت - نۇقتىسى قۇرىدۇ، ھەتتا مۇھىم سانائەت بازىسى، ساياھەت مەنزىرە رايونى ئەتراپىدا تىك ئۇچار ئايروپىلان توختىتىش سۇپىسى تەسىس قىلىپ، ئادەمسىز ئۇچقۇدىن پايدىلىنىپ جىددىي قۇتقۇزۇش دورىلىرىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ.
«تەدبىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئائىلە دوختۇرلىرىنىڭ كېلىشىملىك مۇلازىمەت ھەققىنىڭ %70تىن تۆۋەن بولمىغان قىسمى كوللېكتىپتىكى خادىملارنىڭ ئىش ھەققىگە ئىشلىتىلىپ، داۋالاش مۇلازىمىتى كىرىم - چىقىم قالدۇقىنىڭ %60تىن %80كىچە بولغان قىسمى ئۈنۈم مائاشى تارقىتىشقا ئىشلىتىلىپ، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتقان تېببىي خادىملار «كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ھەق ئېلىش، نەتىجىسى ياخشىلارغا ياخشى ھەق بېرىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ.
داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن چىقىم قىلىش جەھەتتە، شىنجاڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلام - دەرىجىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا «ئوخشاش كېسەلگە ئوخشاش چىقىم قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كېسەللىك تۈرلىرى بويىچە يولغا قويۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ، يېزا - كەنتلەردىكى داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە ئاتچوت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى ئىنچىكىلەشكەن باشقۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى قالدۇقىنى ساغلاملىق باشقۇرۇشقا ۋە ئائىلە دوختۇرلىرى كېلىشىملىك مۇلازىمىتىگە ئىشلەتسە بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، «تەدبىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا قارىتا قوللاش سالمىقى زورايتىلىپ، ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشى ۋە خاس مەخسۇس بۆلۈم قۇرۇلۇشى ئالدىن يولغا قويۇلىدۇ. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكتىكى داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ئارىسىدا تەكشۈرۈش، ئانالىز قىلىش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش ئالغا سىلجىتىلىپ، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ.