شىنجاڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش بويىچە ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى

2026-04-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

2030 - يىلى ناھىيە رايونلىرىدا ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ


شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرىسۇ لۇپىڭخەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق كۆپ تارماق بىرلىكتە «ئاپتونوم رايوننىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش بويىچە ئاساسنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى. شىنجاڭ زىچ تىپتىكى ناھىيە رايونى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىنى يادرو قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ساغلاملىق باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ. بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش مەركىزىگە تايىنىپ ناھىيە رايونى مۇلازىمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە بىر خىللاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ساغلاملىق باشقۇرۇش مەركىزى ۋە يۆتكەپ داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزىنى قۇرۇپ، پۈتۈن ناھىيە رايونىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر بويىچە ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ، 2030 - يىلىغا بارغاندا، ناھىيە رايونلىرىدا ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

دىققەت ئاساسىي قاتلام داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا بويىچە ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، «لايىھە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ياكى ھۆكۈمەتتىكى ساھەلەر بويىچە باشقۇرىدىغان مەسئۇل يولداشلار داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، باشقۇرۇش بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، مۇلازىمەت بىر خىل بولغان، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان بىر گەۋدىلەشكەن يۈرۈشتۈرۈش يولغا قويۇلۇپ، 2030 - يىلىغا بارغاندا ناھىيە رايونىدا كېسەل كۆرسىتىش نىسبىتىنى80تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈش، ئاساسىي قاتلام دىياگنوز قويۇپ داۋالىغان ئادەم قېتىم سانىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىنى53تىن ئاشۇرۇش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاساسىي قاتلامنى قوللاش جەھەتتە، «لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ناھىيە بىرلىك قىلىنىپ، بىرتۇتاش غەملىنىدىغان فوند ئومۇمىي سوممىسى بويىچە داۋالاش ئورتاق گەۋدىسىنىڭ يىللىق ئومۇمىي سومما خامچوت كۆرسەتكۈچى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش ۋە كېسەلخانىدا يېتىش، ناھىيە رايونى ئىچى - سىرتىدا كېسەل كۆرسىتىش، ئائىلە دوختۇرلىرىنىڭ كېلىشىملىك مۇلازىمەت ھەققىنىڭ ھەممىسى خامچوت باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. كەلگۈسىدە كېسەل تۈرى بويىچە ھەق تاپشۇرۇش ئاساس، كارىۋات - كۈن، ئادەم بويىچە ھەق تاپشۇرۇش قوشۇمچە قىلىنغان كۆپ خىل بىرىكمە چىقىم قىلىش شەكلى بەرپا قىلىنىدۇ ھەم قالدۇقنى قالدۇرۇپ ئىشلىتىش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا قارىتا، ئادەتتىكى دىياگنوز قويۇش - داۋالاش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى تەسىس قىلىنىپ، «دىياگنوز قويۇش - تەكشۈرۈش ھەققى» قاتارلىق بىردەكلىكى يۇقىرى بولغان تۈرلەرگە قارىتا «ئوخشاش شەھەردە ئوخشاش باھا، ئوخشاش سۈپەتتە ئوخشاش باھا» بولۇش تەدرىجىي يولغا قويۇلىدۇ. 2027 - يىلىغا بارغاندا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى ئومۇمىي سوممىسى بويىچە ھەق تاپشۇرۇش تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، كۆپ خىل بىرىكمە چىقىم قىلىش سىستېمىسى پىشىپ يېتىلىپ تۇراقلاشتۇرۇلىدۇ.

دورىلارنى ھەمتۈرتكىلىك باشقۇرۇش جەھەتتە، «لايىھە»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاپتونوم رايون تەشكىللەش، ۋىلايەت، شەھەر يېتەكچىلىك قىلىش، ناھىيە، يېزىلار ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، زىچ تىپتىكى داۋالاش ئورتاق گەۋدىسى يادرو قىلىنىپ، دورىلارنى ھەمتۈرتكىلىك باشقۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، 2030 - يىلى ئاساسىي قاتلام دورىلارنى ھەمتۈرتكىلىك باشقۇرۇش مېخانىزمىنىڭ تولۇق قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. مەركىزىي (بۇلۇت) دورىخانا، مەركەزلەشتۈرۈلگەن (بۇلۇت) رېتسېپ تەكشۈرۈش مەركىزى قۇرۇلۇشى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ناھىيە رايونىدىكى ئاغرىقلارنى ئاساسىي كۆرسەتكۈچ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى يادرو قىلغان، ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش، جىددىي داۋالىنىش ھەم كېسەلخانىدا يېتىش سانلىق مەلۇماتى توپلانغان ئاھالىلەرنىڭ ئۇدا دورا ئىشلىتىش خاتىرىسىنى باشقۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ.