توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك

2026-04-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 7 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 12 - ئايدىن 2026 - يىلى 2 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندە.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي نەتىجە قارىشى مەسىلىسى بىر تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلە، ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە مۇناسىۋەتلىك. ئۈزلۈكسىز تۈردە ياخشى سىياسىي نەتىجە ئارقىلىق پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلققە بەخت ياراتقاندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنى ياخشى ئەمەلدە كۆرسەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئەمەلىي ئىشلەش، جاپاغا چىداپ ئىشلەش ئارقىلىق ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان، خەلققە ھەقىقىي بەخت يارىتىدىغان، ئاممىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى پارتىيەۋىلىك. پارتىيەۋىلىكنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىنى ئۆلچەيدىغان تۈپ ئۆلچەم ئومۇم بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت. پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك بولۇپ، شەخسىي غەرەزنى چۆرۈپ تاشلىغاندىلا، سىياسىي نەتىجە قارىشىدا ئېغىش كۆرۈلمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى چىقىش قىلىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئۆز ئىدىيەسى ۋە ھەرىكىتىنىڭ كوممۇنىزم ئۇلۇغۋار غايىسى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسىدىن ئېغىپ كەتكەن - كەتمىگەنلىكى، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدىن چەتنەپ كەتكەن - كەتمىگەنلىكى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىدىن يىراقلاپ كەتكەن - كەتمىگەنلىكى، دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلىپ قالغان - قالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ، تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك دېگەن مەنىۋى مەنزىل ئارقىلىق، پۈتۈن زېھنى بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كوممۇنىستلار شۇنى ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەككى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە. ئىش قىلىش، سىياسىي نەتىجە يارىتىش شەخسنىڭ ئەمەل - مەنسىپىنىڭ ئۆسۈشى ۋە پايدا - زىيىنى ئۈچۈن بولماستىن، بەلكى خەلققە بەخت يارىتىش ئۈچۈندۇر. خىزمەتلەرنى پىلانلىق ئالغا سىلجىتىشتا، چوقۇم جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىش كېرەك. خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي نەتىجە قوغلىشىپ ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى ئۈنۈم ۋە مەنپەئەتكىلا بېرىلىش، ساختىپەزلىك قىلىش، قارىغۇلارچە ئىش قىلىشتىن ساقلىنىپ، يېڭى ئەمەلدار كونا ھېساباتقا ئىگە بولماسلىق ۋە «ئوبراز قۇرۇلۇشى»، «سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى»نى توسۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى باش ۋەزىپە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇشنى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ تەلەپنى دەرىجىمۇدەرىجە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى بولمىسا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. مۇقىم بولۇش بىلەن ئىلگىرىلەش، تىكلەش بىلەن قالدۇرۇش، مەۋھۇم بىلەن ئەمەلىي، ھادىسە بىلەن ماھىيەت، يېقىن بىلەن يىراقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى سىياسىي نەتىجىنى تەكشۈرۈش - باھالاش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوماندانلىق تايىقى بولۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئەستايىدىل ئەمەلدە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە توغرا خىزمەت يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پەرقلىق تەكشۈرۈش - باھالاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش - باھالاشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئىلمىيلىكىنى ئۆستۈرۈپ، «ساختا سانلىق مەلۇماتلارنى ئۆسۈشنىڭ سىياسىي نەتىجە دەسمايىسى قىلىۋېلىش، سانلىق مەلۇماتلارنى ھوقۇق ئىرادىسىنىڭ مەھسۇلىغا ئايلاندۇرۇۋېلىش»تەك يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىل «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ئارقا - ئارقىدىن نۆۋەت ئالماشتۇرىدۇ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇشى ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم، ناھايىتى زۆرۈر. ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچى، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئەستايىدىل، پۇختا ئۆستۈرۈش كېرەك. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەھەتتىن سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇشى، بولۇپمۇ ئىجابىي، سەلبىي ئىككى جەھەتتىكى تىپلارغا سېلىشتۇرۇپ، تەجرىبە - ساۋاقلارنى چوڭقۇر قوبۇل قىلىپ، پارتىيەۋىلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككىنچى، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل، پۇختا تۈزىتىش كېرەك. «ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش» ئومۇمىي تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ كۆزلەپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ، دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىشنى دەل جايىدا، ئەمەلىي تۇتۇش كېرەك. ئۈچىنچى، تۈزۈم - قائىدىنى ئەستايىدىل، پۇختا، ياخشى تۇرغۇزۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە تەكشۈرۈپ تۈزىتىلگەن مەسىلىلەردىن تۈزۈمدىكى يوچۇق، كەمتۈكلۈك، ئاجىز تۈرلەرنى بايقاپ، ھەقىقىي تۈردە تۈزۈم - قائىدىلەرنى تولۇقلاپ، ياخشى تۇرغۇزۇپ، نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق، كىم ئۈچۈن قىلىش، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەم جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى چىڭىتىپ، يېتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش - چەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.