مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى تەپسىلىي قائىدىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2026-05-20 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 18 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغانيېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى تەپسىلىي قائىدىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەپسىلىي قائىدە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ تەشكىلات تارماقلىرى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، «تەپسىلىي قائىدە»دىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ ھەم ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، تەرتىپنى چىڭىتىپ، ئۆتكەلنى چىڭىتىپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. سىياسىي ئۆلچەمنى باش ئورۇنغا قويۇپ، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە جەھەتتە پارتىيەگە كىرىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق تەكشۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ پارتىيەگە كىرىش مۇددىئاسى، سىياسىي ساپاسى ۋە رېئال ئىپادىسىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، كىرىش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلىشى كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ياشلار ۋە سانائەت ئىشچىلىرى، دېھقانلار، زىيالىيلار ئارىسىدىن پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاساسنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، پارتىيەنىڭ چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشۇش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «تەپسىلىي قائىدە»نى ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى مۇھىم ئەھۋال ۋە تەكلىپلەرنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى كېرەك.