«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلىنغان سۆز
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 9 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلىنغان سۆز» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇشنىڭ بىزنىڭ مۇھىم سىياسىي ئەۋزەللىكىمىز ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك. بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىشقا پايدىلىق، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئىگىلەشكە پايدىلىق، ئىشلارنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق. بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش ۋە يولغا قويۇش سىياسىيلىقى، سىياسەتچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بىر تۈرلۈك خىزمەت، پارتىيەمىز ئۇزاق مەزگىللىك ئەمەلىيەت داۋامىدا مول تەجرىبىلەرنى ياراتتى ۋە توپلىدى. بۇ ئاساسلىقى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇش، يىرىك پىلاننى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت. تۈزۈم ئىشەنچىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئۇنى يېڭى ئەمەلىيەتكە ئۈزلۈكسىز بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ئەۋزەللىكنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر، دەل جايىدا ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئىگىلەش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك بولۇش − «تەكلىپ»نى ئومۇملۇق نەزەر دائىرىسى بىلەن ئۆزلەشتۈرۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، يېتەكچى ئىدىيە، مۇھىم پىرىنسىپ، نىشان - ۋەزىپە، سىياسەت - تەدبىر قاتارلىقلارنى بىر پۈتۈن گەۋدە سۈپىتىدە ئىگىلەش دېگەنلىكتۇر. چوڭقۇر بولۇش − «تەكلىپ»تىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا نىسبەتەن ئىشنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى شۇنداقلا ماھىيىتىنى چۈشىنىپ، ھەم نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش، ھەم نېمە ئۈچۈنلۈكىنى، قانداق ئىشلەش كېرەكلىكىنى چۈشىنىش دېگەنلىكتۇر. دەل جايىدا بولۇش − «تەكلىپ»تىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ سىياسەت چېكى ۋە ئۆلچىمىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى جەزمەن قىلىش، قىلىشقا بولىدىغان ئىشنى تىرىشىپ قىلىش، قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشنى قەتئىي قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېگەنلىكتۇر.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەت ئىچى - سىرتى ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئىگىلەش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت بىلەن خەۋپ - خەتەر، خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان، ئېنىقسىز، مۆلچەرلىگۈسىز ئامىللار كۆپىيىۋاتقان مەزگىلدە تۇرماقتا. بۇ، ۋەزىيەتكە بولغان ئومۇمىي ھۆكۈم. بىز ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىشتا ھەم تۈرلۈك ئامىللارنى ئەتراپلىق ئويلىشىشىمىز، ھەم بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى ئاچقۇچلۇق ئامىللارنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇشىمىز كېرەك، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئومۇملۇقنى قەلبكە پۈكۈپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئىرادىنى ساقلاپ، ئىشەنچكە تولۇپ، تاكتىكا جەھەتتە كۆڭۈل قويۇپ پىلان تۈزۈپ، پايدىلىق تەرەپكە يۈزلىنىپ، زىيانلىق تەرەپتىن ساقلىنىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ئېنىقلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى پۇختا بەرپا قىلىش كېرەك. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تېز يۈكسىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ساھەلەر ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، ئاقىللىشىش، يېشىللىشىش، يۇغۇرۇلۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىندىكى كەسىپلەر ئۆزئارا جىپسىلاشقان، ھەرقايسىسى ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرىدىغان، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەيدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنىڭ تايانچى دەل ئىلغار ياسىمىچىلىق. ياسىمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق سالمىقىنى ساقلاپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. زامانىۋىلاشقان ئۇل ئەسلىھە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئورگانىك تەركىبىي قىسمى. سېلىنما - ھاسىلات ھېساباتىنى قىلىشقا دىققەت قىلىپ، ماس كېلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزدە نوپۇس كۆپ، بازار چوڭ، كەسىپلەر تولۇق، تەرەققىيات قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولۇپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئورنى تەڭداشسىز، بۇ، بىزنىڭ ئىقتىسادنى ئىچكى ئاشۇرۇش، ئۆز ئالدىمىزغا تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىشەنچ ئاساسىمىز. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا، جەزمەن دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئىستېمال بىلەن سېلىنما، ئېھتىياج بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەرسىگە مەبلەغ سېلىش بىلەن ئادەمگە مەبلەغ سېلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا جەزمەن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئايلىنىشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى جەھەتتە تۇتىشىش، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق ئىلگىرىلەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتى بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىرسى تېز، بىرسى ئاستا بولسا بولمايدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش مۇھىم نۇقتا. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسىتىنى تۈزۈشتە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تەلىپىنى ماس قەدەمدە كىرگۈزۈش، خەلق تۇرمۇشى سىياسىتىنى تۈزۈشتە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈمىنى ماس قەدەمدە ئويلىشىش كېرەك. جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جەزمەن جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ ئالدىنقى شەرتى. جەزمەن تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈشتە، جەزمەن ئورۇن بېكىتمىسى دەل جايىدا، چەك - چېگراسى ئېنىق، فۇنكسىيەسى بىر - بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىرتۇتاش جىپسىلاشتۇرۇلغان بولۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يەرلىكنىڭ يىرىك پىلانى ۋە ھەرقايسى ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ مەخسۇس يىرىك پىلانىنى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانى بىلەن ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي يىرىك پىلانىنىڭ روھى ۋە تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شارائىت ۋە ئىشقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئېھتىياج بىلەن ئىمكانىيەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بېكىتكەن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت - فاڭجېنى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئىقتىدارى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەسپىي ساپانى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قابىلىيىتىنى ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئىككىنچى، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا، قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئەمەلىي ئىشلەش، جاپاغا چىداپ ئىشلەش ئارقىلىق ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان، خەلققە ھەقىقىي بەخت يارىتىدىغان، ئاممىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدىغان نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. ئۈچىنچى، كۈرەش قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. دادىل كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى ۋاقتىدا، كەسكىن تۈگىتىپ، تىرىشىپ پايدىسىز ئامىللارنى دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىشتىكى پايدىلىق شارائىتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، قەتئىي تەۋرەنمەي چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش كېرەك. باشتىن - ئاخىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، بىر قەدەممۇ توختاپ قالماي، يېرىم قەدەممۇ يول قويماي، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ تۈگىتىش كېرەك.