مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېزا - بازار(كوچا)لارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكىدىن ياخشى پايدىلىنىش توغرىسىدىكى كونكرېت تەدبىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2026-05-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسىيېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېزا - بازار(كوچا)لارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكىدىن ياخشى پايدىلىنىش توغرىسىدىكى كونكرېت تەدبىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «كونكرېت تەدبىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«كونكرېت تەدبىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا - بازار(كوچا)لار ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىشلىرىنى كونكرېت ئىش ئورنى ۋە خادىملارغا ئىنچىكە تەقسىملەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش، قانۇنچىللىق ئارقىلىق تىنچ - ئامانلىققا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئاساسلىق فۇنكسىيەلەرنى ياخشى ئادا قىلىشى، بولۇپمۇ خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا ماسلىشىدىغان ئىش تىزىملىكىنى ھەمكارلىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغان كونكرېت ئاپپاراتلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تىزىملىكتە كۆرسىتىلگەن خىزمەت ۋەزىپىسىنى ياخشى ئادا قىلىپ، يېزا - بازار(كوچا)لارنىڭ ماسلىشىپ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىغا قارىتا، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، سىياسەت جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، خادىملار كۈچى، مەبلەغ سېلىش، جابدۇق - ئۈسكۈنە قاتارلىق جەھەتلەردە زۆرۈر قوللاش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار قايتۇرۇۋالغان ئىش تىزىملىكىنى جىپسىلاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار قايتۇرۇۋالغان ئىش تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئاپپاراتلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كۈچ سەپلەشنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا - بازار(كوچا)لار بىلەن خىزمەتلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، باشقۇرۇشتا بوشلۇق كۆرۈلۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكى بويىچە، «كوچا - يېزىلار پۇشتەك چېلىش، تارماقلار تىزىمغا ئالدۇرۇش»تىن ئىبارەت يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «12345» قاتارلىق مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئىلتىماس - تەلەپلەر بويىچە تىزىملىك يوللاش مۇندەرىجىسىنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، تىزىملىكنى رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىشلىرىنى توردا يۈرۈشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت يېزا - بازار(كوچا)لارغا ئالاقىدار يىرىك پىلان - پىلان، سىياسەت - ھۆججەت، مۇھىم خىزمەت قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلغاندا، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكىنى مۇھىم ئاساس قىلىشى كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ھەم ئۆلكە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىدىن باشقا، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن مەسئۇلىيەت ئىش تۈرلىرىنى ئۆز مەيلىچە يېزا - بازار(كوچا)لارغا چۈشۈرۈشىگە ياكى ھوقۇق بېرىش، ھاۋالە قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا تۆۋەنگە چۈشۈرۈشىگە بولمايدۇ.

«كونكرېت تەدبىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكىنى يېزا - بازار(كوچا)لارنى باھالاشنىڭ تۈپ ئاساسى قىلىپ، ناھىيە دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئاساسلىقى ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكىگە ئاساسەن، يېزا - بازار(كوچا)لارنى ئۇنىۋېرسال باھالاش مەزمۇنىنى تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا - بازار(كوچا) رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنى ئىلمىي باھالىشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا ماسلىشىش ئىش تىزىملىكىگە ئاساسەن، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىشلىرى ۋە يېزا - بازار(كوچا)لارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ماسلىشىش ئىشلىرىنى باھالاش، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ئەھۋالى، ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى، يېزا - بازار(كوچا)لارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ماسلىشىشىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلەش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى باھالىشى، يېزا - بازار(كوچا)لارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ماسلىشىش ئەھۋالى، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى باھالىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار قايتۇرۇۋالغان ئىش تۈرلىرى بويىچە يېزا - بازار(كوچا)لارنى باھالاشقا بولمايدۇ.

«كونكرېت تەدبىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا ماسلىشىش ئىش تىزىملىكى بويىچە مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىش كېرەك. ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تۈرىدە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماسلىق ياكى توغرا ئادا قىلماسلىق سەۋەبىدىن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلگەندە، بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە يېزا - بازار(كوچا) ھەم ئۇنىڭ خىزمەت ئاپپاراتى، يېزا - بازار(كوچا)دىكى ئالاقىدار رەھبىرىي كادىرلار ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشقا ماسلىشىش ئىشلىرىدا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق ئەھۋاللىرى ساقلانغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلگەندە، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار ئاساسلىق جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يېزا - بازار(كوچا) ماسلىشىش مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئۆزىنىڭ خاتالىقىغا قارىتا قىسمەن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. يېزا - بازار(كوچا)لار ماسلىشىش مەسئۇلىيىتىنى توغرا ئادا قىلغان، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىغانلىقتىن جاۋابكارلىق ھادىسىسى، ۋەقەسى كېلىپ چىققان بولسا، يېزا - بازار(كوچا)لارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار قايتۇرۇۋالغان ئىشلاردا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق ئەھۋاللىرى ساقلانغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلگەندە، يېزا - بازار(كوچا)لارنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ.

«كونكرېت تەدبىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تۈرلىرىنى خىراجەت جەھەتتىن قوللاش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكىگە ئۇدۇللاشتۇرۇپ يېزا - بازار(كوچا)لارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا دائىر تۈر ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، «ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، كىچىك دائىرىدە تەڭشەش»تە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاش ئاساسىدا، يېزا - بازار(كوچا) ۋە ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلارنى تەڭشەش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەشكىللەپ، تەرتىپ بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن يولغا قويۇش كېرەك.

«كونكرېت تەدبىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى يېزا - بازار(كوچا)لارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى، ناھىيە، يېزا ئىككى دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى، پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى باشلامچىلىق بىلەن تىزىملىكتىن ياخشى پايدىلىنىشى كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى تارماقلىرى يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكىدىن ياخشى پايدىلىنىشقا ئالاقىدار كونكرېت تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك، سىياسەت تۈزۈش جەريانىدا ھەقىقەتەن يېزا - بازار (كوچا)لارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە توغرا كېلىدىغان خىزمەتلەردە كونكرېت ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك، يېزا - بازار(كوچا)لاردىن تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى بىۋاسىتە تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ، «تۈرمۇتۈر ئارىلىشىۋېلىش»نى قەتئىي توسۇشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىش تىزىملىكىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. ئاپپارات ئىشتاتى تارماقلىرىنىڭ «12310» پاش قىلىش تېلېفونىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تىپىك مەسىلىلەرنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.