شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتى نىزامى

2026-04-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2005 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 - يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(80 - نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتى نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 - يىغىنىدا 2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۆزگەرتىپ ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى

مۇندەرىجە

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 - باب مۇھىت تازىلىقى ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش

3 - باب ساغلاملىق تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش

4 - باب كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش

5 - باب نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش

6 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

7 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا بۇ نىزام شەھەر - يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنىڭ ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ساغلام شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش مەقسىتىدە، مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 - ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتى ۋە ئۇنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ نىزامدا ئېيتىلغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتى ھۆكۈمەت تەشكىللىگەن، پۈتكۈل جەمئىيەت قاتناشقان، ئاممىنىڭ تازىلىق ئېڭىنى كۈچەيتىشنى، شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاشنى، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشنى، ساغلاملىققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئامىللارنى تىزگىنلەش ۋە تۈگىتىشنى، پۇقرالارنىڭ ساغلاملىق ساپا - سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىجتىمائىي، ئاممىۋى تازىلىق پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.

3 - ماددا ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە، خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىپ، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئامما ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئىلمىي تۈزەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، تارماقلار ھەمكارلىشىدىغان، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىدىغان خىزمەت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

4 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مۇناسىۋەتلىك سىياسەت - تەدبىرلەرنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى، كېرەكلىك خىراجەتنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خامچوتىغا كىرگۈزۈپ كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق پائالىيىتىنى كەنت ئاھالىسى ئەھدىنامىسى، شەھەر ئاھالىسى ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزۈپ، كەنت ئاھالىسى، شەھەر ئاھالىسىنى كەنت ۋە ھويلا - ئاران تازىلىقىنى ياخشىلاش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تازىلىق پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسە بولىدۇ.

5 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ماس ئالغا سىلجىتىش ۋە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، ساغلام شىنجاڭ ھەرىكىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ساغلام شىنجاڭ ھەرىكىتىنى باشلامچى بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولۇپ، مۇھىت ۋە ساغلاملىق خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ ۋە ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي پىسخىكا ساغلاملىقى مۇلازىمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، تاماكا تىزگىنلەش تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى سەھىيە - ساغلاملىق پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات - ئىسلاھات، مائارىپ، مالىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، ئېكولوگىيە - مۇھىت، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، قاتناش - تىرانسپورت، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، سودا ئىشلىرى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، تەنتەربىيە قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتىغا ئەزا تارماقلار ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە قانات يايدۇرىدۇ.

6 - ماددا ساھە مەسئۇل تارمىقى شۇ كەسىپ، شۇ ساھەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ.

دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىقىغا دائىر ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، تازىلىق ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

7 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھەم شەخسلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق قوللىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

پىدائىيلىق مۇلازىمەت تەشكىلاتى، پىدائىيلار ۋە باشقا ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىگە قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

8 - ماددا پۇقرالار ئۆز ساغلاملىقىنىڭ بىرىنچى جاۋابكارى بولۇپ، ئۆز ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولىدىغان ساغلاملىق باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، شەخسىي ۋە ئائىلە تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

پۇقرالار ئۆز ئورنى ياكى كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى تەشكىللىگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق پائالىيىتىگە ئاڭلىق قاتنىشىپ، ئاممىۋى سورۇننىڭ تازىلىقىنى ئاسرىشى كېرەك.

9 - ماددا ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 4 - ئايدىكى مەملىكەت بويىچە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى مەزگىلىدە، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرىدۇ.

10 - ماددا ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئورۇنلار ۋە شەخسلەر دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

2 - باب مۇھىت تازىلىقى ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش

11 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئاممىۋى ھاجەتخانا، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش، سۇ بىلەن تەمىنلەش - سۇ چىقىرىۋېتىش قاتارلىق ئاممىۋى تازىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانى، مۇھىت تازىلىقى مەخسۇس يىرىك پىلانى قاتارلىقلارغا كىرگۈزۈپ، شەھەر - يېزا ئاممىۋى تازىلىق ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

12 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش جەھەتتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاپ، كونا ئولتۇراق رايون، شەھەر ئىچىدىكى كەنت، شەھەر - يېزا تۇتاشقان جاي، ئارقا كوچا ۋە تار كوچا قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى بىرتۇتاش ياخشىلىشى كېرەك.

13 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەكتەپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى، يېزا - سودا بازىرى، يولۇچىلار بېكىتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونى، ساياھەت مەنزىرە رايونى، باغچە قاتارلىق نۇقتىلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ئاممىۋى ھاجەتخانا سېلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھاجەتخانىنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىشى كېرەك؛ يېزىلاردا ئائىلىۋى پاكىز ھاجەتخانا سېلىش ۋە ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھاجەتخانىدىكى گەندە - پاسكىنا سۇنى زىيانسىزلاندۇرۇش ۋە بايلىقلاشتۇرۇپ پايدىلىنىش دائىرىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتىشى كېرەك.

14 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەر - يېزا تۇرمۇش ئەخلىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تۇرمۇش ئەخلىتىنى مەنبەدىن ئازايتىش ۋە تۈرگە ئايرىپ تاشلاشنى يولغا قويۇپ، تۇرمۇش ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق مىقدارنى ئازايتىش، بايلىقلاشتۇرۇش ۋە زىيانسىزلاندۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

15 - ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس ئاممىۋى تازىلىق قائىدىسىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، ئاممىۋى تازىلىق ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىشى، ئاممىۋى مۇھىت تازىلىقىنى ئاسرىشى كېرەك. تۆۋەندىكى قىلمىشلار مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) ئاممىۋى سورۇندا خالىغان يەرگە تۈكۈرۈش، ھاجەت قىلىش، مېۋە شۆپۈكى (شاكىلى)، قەغەز پارچىسى، تاماكا قالدۇقى، سېغىز، كېرەكسىز باتارېيە، ئىچىملىك بوتۇلكىسى، سولياۋ خالتا قاتارلىق تاشلاندۇقلارنى قالايمىقان تاشلاش؛

(2) ئەخلەتنى خالىغانچە تۆكۈش، تاشلاش، دۆۋىلەپ قويۇش ياكى كۆيدۈرۈش؛

(3) بەلگىلەنگەندىن باشقا جايغا پاسكىنا سۇ، داشقال ۋە گەندە تۆكۈش؛

(4) كارىدورغا قالايمىقان نەرسە - كېرەك دۆۋىلەپ قويۇش، شۇنىڭدەك ئاممىۋى ئەسلىھە، ئىمارەت ۋە دەل - دەرەخلەرگە شەھەر قىياپىتى ۋە مۇھىت تازىلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك ئېلانلارنى خالىغانچە يېزىش، ئويۇش، چاپلاش؛

(5) غازاڭ ياكى باشقا تاشلاندۇقلارنى ئەخلەت ساندۇقىدا كۆيدۈرۈش؛

(6) ئاممىۋى تازىلىق ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋېتىش؛

(7) ئاممىۋى تازىلىق قائىدىسىگە خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

16 - ماددا ئاممىۋى سورۇندا تۆۋەندىكى ئىشلار دۆلەت بەلگىلىگەن مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم ۋە تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:

(1) ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ سۈپىتى؛

(2) يورۇقلۇق، شاۋقۇن؛

(3) مەركىزىي ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى؛

(4) تۇرمۇش ئىچىملىك سۈيى، يۇيۇنۇش سۈيى، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى سۇ؛

(5) لازىمەتلىكلەر ۋە سايمانلار؛

(6) ئىمارەت، زىننەت بۇيۇملىرى، بېزەكچىلىك ماتېرىياللىرى؛

(7) دېزىنفېكسىيەلەش، ھاشارات ۋە چاشقان يوقىتىش ئەسلىھەلىرى؛

(8) تاشلاندۇق ساقلاش ئەسلىھەسى؛

(9) دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا ئىشلار.

17 - ماددا ئاممىۋى سورۇندىكى كەسىپكارلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزامغا ۋە تازىلىق مەشغۇلات قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ، تىجارەت سورۇنىنى پاكىز تۇتۇشى كېرەك. خېرىدارلارغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈشى، يۇقۇملۇق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ياكى ئاممىۋى ساغلاملىققا تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ساقايماي تۇرۇپ خېرىدارلارغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقى كېرەك.

18 - ماددا پەن - تېخنىكا تەتقىق قىلىپ يارىتىش ئاپپاراتى، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى، بىيو ياسالمىلار زاۋۇتى، ھايۋانات داۋالاش ئاپپاراتى، ھايۋانات يىغىۋېلىش ئورنى، قۇشخانا قاتارلىق ئورۇنلار پەيدا قىلغان زەھەرلىك، زىيانلىق تاشلاندۇقلارنى زىيانسىزلاندۇرۇشى كېرەك. زىيانسىزلاندۇرۇلمىغان تاشلاندۇقلارنى تۇرمۇش ئەخلىتى ياكى باشقا تاشلاندۇققا ئارىلاشتۇرۇپ دۆۋىلەپ قويۇش ۋە توشۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

19 - ماددا قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش ئورنىنىڭ تازىلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تازىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل مەخسۇس (قوشۇمچە) ۋەزىپىدىكى خادىم قويۇپ، تەدبىر قوللىنىپ چاڭ - توزاننى تىزگىنلىشى، شاۋقۇننى ئازايتىشى، قۇرۇلۇش توپىسى، قۇرۇلۇش داشقىلى ۋە قۇرۇلۇش ئەخلىتىنى ۋاقتىدا توشۇپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. قۇرۇلۇش ئورنىدىكى ئاشخانا، ياتاق، ھاجەتخانا مۇناسىۋەتلىك تازىلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

20 - ماددا ساياھەت مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى) تازىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى ھاجەتخانا، ئەخلەت ساندۇقى قاتارلىق ئاممىۋى تازىلىق ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەخلەت، گەندە - پاسكىنا سۇنى زىيانسىزلاندۇرۇپ، مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)نىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ئاسرىشى كېرەك.

مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)دىكى ئورۇن، ئاھالە ۋە ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونى (نۇقتىسى)نىڭ تازىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.

21 - ماددا يېزا - سودا بازىرى مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزا - سودا بازىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، فۇنكسىيەلىك رايونلارغا ئايرىش ۋە بازارنى جايلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تازىلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاممىۋى ھاجەتخانا، ئەخلەت ساندۇقى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ چىقىرىۋېتىش قاتارلىق ئاممىۋى تازىلىق ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىپ، بازار مۇھىتىنىڭ پاكىز، رەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

باشقۇرغۇچىلار ياكى تىجارەتچىلەر يېزا - سودا بازىرىنى پاكىزلاش، دېزىنفېكسىيەلەش ئىشىنى ياخشى قىلىشى، تاشلاندۇق ۋە كېسەل بولۇپ ئۆلگەن چارۋا، ئۆي قۇشىنى زىيانسىزلاندۇرۇش تەلىپىگە يەتكۈزۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

3 - باب ساغلاملىق تەربىيەسى ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش

22 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ساغلاملىققا دائىر ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاممىغا ئىلمىي، توغرا ساغلاملىق ئۇچۇرى يەتكۈزۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

سودا ساراي، مېھمانخانا، ئايرودۇرۇم، ۋوگزال، باغچە، كىنو - تىياتىرخانا، كۇتۇپخانا، ئاممىۋى قاتناش قورالى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا يېڭى تاراتقۇ، ئالاقە تورى، تەشۋىقات سەھىپىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ساغلاملىق بىلىملىرى تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇش ھەمدە مەزمۇنىنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تۇرۇش كېرەك.

23 - ماددا مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلىپى بويىچە ساغلاملىق تەربىيەسى دەرسى تەسىس قىلىپ، ساغلاملىق تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، مەخسۇس (قوشۇمچە) ۋەزىپىدىكى پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسى ئوقۇتقۇچىسى سەپلەپ ۋە پىسخىكا يېتەكچىلىك ئىشخانىسى (مەسلىھەت بېرىش ئۆيى) قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلاردا ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلاردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىك، سېمىزلىك، چىشنى قۇرت يېيىش، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يانغا ئېگىلىش قاتارلىق كېسەلنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك.

24 - ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىشى كېرەك. ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.

25 - ماددا پۇقرالارنى مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى يېتىلدۈرۈپ، تۆۋەندىكى ئاممىۋى ساغلاملىق مەدەنىيلىك ھەرىكىتىگە رىئايە قىلىشقا ئۈندەش كېرەك:

(1) مەدەنىي تائاملىنىش، قولنى پات - پات يۇيۇش، تاماقنى بۆلۈپ يېيىش، ئوپچە چوكا ئىشلىتىش قاتارلىق تازىلىق ئادىتىنى ئاڭلىق داۋاملاشتۇرۇش؛

(2) نەپەس يولى بىئارام بولۇش كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە ماسكا تاقاش، يۆتەلگەن ۋە چۈشكۈرگەندە ئېغىز، بۇرۇننى توسۇۋېلىش؛

(3) ئاڭلىق ھالدا ئۆچرەتتە تۇرۇش، مەدەنىي يوسۇندا يول بېرىش؛

(4) پىيادە مېڭىش، ۋېلىسىپىت مىنىش، ئاممىۋى قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇش قاتارلىق يېشىل سەپەر ئۇسۇلىنى ئالدىن تاللاش؛

(5) مۇھىت بۇلغىمايدىغان بۇيۇملارنى ئىشلىتىش، بىر قېتىملىق بۇيۇملارنى ئاز ئىشلىتىش؛

(6) ئەرمەك ھايۋانلارنى مەدەنىي بېقىپ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە پاكىزلىقىنى ساقلاش؛

(7) ئاممىۋى تازىلىقنى ئاسرايدىغان باشقا ھەرىكەتلەر.

26 - ماددا پۇقرالارنىڭ ئەتراپلىق، تەڭپۇڭ، مۇۋاپىق، ئىلمىي بولغان يېمەك - ئىچمەك ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يەيدىغان ناچار ئادىتىنى تۈگىتىشى، ھاراق - تاماكىنى تىزگىنلىشى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىغا بېرىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىشى، قېنىپ ئۇخلىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.

داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تاماكا تاشلاش ئامبۇلاتورىيەسى تەسىس قىلىش، تاماكا تاشلاشتىن مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيەسى تەسىس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىغا تاماكا تاشلاش مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

27 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پىسخىكا ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ۋە ئۇنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلق پىسخىكا ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش - تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پىسخىكا ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، خامۇشلۇق كېسىلى، تەشۋىشلىنىش كېسىلى قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان روھىي توسالغۇ ۋە پىسخىكىلىق ھەرىكەت مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش، پەرقلەندۈرۈش ۋە ئارىلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

28 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنى ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش بويىچە كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىق - تەربىيە خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئىس - تۈتەكسىز پارتىيە - ھۆكۈمەت ئورگىنى، ئىس - تۈتەكسىز دوختۇرخانا، ئىس - تۈتەكسىز ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق ئىس - تۈتەكسىز مۇھىت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى، كىنو - تىياتىرخانا، سودا سارىيى (دۇكان)، كىتابخانا، كۇتۇپخانا، كۆرگەزمىخانا، مۇزېي، تەنتەربىيە سارىيى، ۋوگزال - بېكەت كۈتۈش ئۆيى، ئايرودۇرۇم كۈتۈش زالى، ئاممىۋى قاتناش قورالى، ئاممىۋى لىفىتتا ۋە قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئۆي ئىچى سورۇنلىرىدا تاماكا چېكىش (ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەنئى قىلىنىدۇ، بەلگىلەنگەن تاماكا چېكىش رايونى ياكى تەسىس قىلىنغان تاماكا چېكىش ئۆيى بۇنىڭ سىرتىدا.

يەسلى، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەر توپلىشىپ پائالىيەت قىلىدىغان باشقا ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىش (ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەنئى قىلىنىدۇ.

تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنمىغان سورۇنلاردا تاماكا چەككەندە ئۆزىنى باشقىلاردىن مۇۋاپىق چەتكە ئېلىش كېرەك.

29 - ماددا تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنغان (ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سورۇنلارنىڭ تىجارەتچىلىرى ياكى باشقۇرغۇچىلىرى تۆۋەندىكى تاماكا تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك:

(1) تاماكا چېكىشنى تىزگىنلەش تەشۋىق - تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛

(2) تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنغان سورۇنلارغا تاماكا چېكىشنى مەنئى قىلىش بەلگىسىنى كۆزگە چېلىقىدىغان يەرگە ئورنىتىش؛

(3) تاماكا چېكىش مەنئى قىلىنغان سورۇنلارغا تاماكا ئېلانى (يوشۇرۇن تاماكا ئېلانىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) چۈشۈرۈلگەن بەلگە ۋە بۇيۇملارنى ئورناتماسلىق؛

(4) تاماكا چەككۈچىلەرنى ۋاقتىدا نەسىھەت قىلىپ توسۇش؛

(5) قانۇن، نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەر.

4 - باب كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش

30 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چاشقان، پاشا، چىۋىن، سۈۋەرەك، بۈرگە قاتارلىق كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارغا مۇھىتنى تۈزەش ئاساس، دورا بىلەن ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قوشۇمچە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كۆپىيىش مۇھىتىنى تۈگىتىدىغان مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاش، كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

31 - ماددا كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئورۇنلار مەسئۇلىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، دۆلەت ئورگىنى، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇن، ئىجتىمائىي تەشكىلات، كەنت ئاھالە كومىتېتى، شەھەر ئاھالە كومىتېتى قاتارلىقلار كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك، كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇلازىمىتى ئاپپاراتىغا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنىڭ زىچلىقىنى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەم دائىرىسىدە تىزگىنلەشنى ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

32 - ماددا كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلار توپىنىڭ تارقىلىشى، زىچلىقى ۋە دورىغا تاقابىلچانلىقىنى كۆزىتىشنى تەشكىللەپ، كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنى كۆزىتىش تورى قۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنى باھالاش، تىزگىنلەش ئۈنۈمىگە باھا بېرىشنى قانات يايدۇرۇپ، كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش ۋە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

33 - ماددا مەكتەپ، سودا ساراي (دۇكان)، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى، مېھمانساراي، مېھمانخانا، ئىدارە ئاشخانىسى، باغچە قاتارلىق ئادەم توپلىشىدىغان جاي، ئاشلىق ئامبىرى، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت ئورنى، يېزا - سودا بازىرى، قۇرۇلۇش ئورنى، كېرەكسىز نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش پونكىتى، ئاممىۋى ھاجەتخانا، ئەخلەت پونكىتى، ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش مەيدانى قاتارلىق كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلار ئاسان پەيدا بولىدىغان ياكى كۆپىيىدىغان سورۇنلاردا كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى يوقىتىش ئەسلىھەلىرىنى ئورنىتىش، كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئىشلەشكە مەخسۇس ئادەم قويۇش كېرەك.

34 - ماددا كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتە ئىشلىتىلىدىغان دورا، سايمانلار دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىشى، مەنئى قىلىنغان، ساختا، ناچار دورا ۋە سايمانلارنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش، دورا ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە ۋە تەبىئىي مۇھىتقا بولغان تەسىرنى ئازايتىش كېرەك.

كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، توشۇش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئىشى دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش قاتارلىق بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

35 - ماددا كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاپپاراتلار ۋە شەخسلەر قانۇن بويىچە سۈپەت بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ھەققى مۇۋاپىق بولغان كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مۇلازىمىتى قىلىشى ھەمدە سەھىيە - ساغلاملىق تارمىقىنىڭ يېتەكچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى، كەسىپكارلىرى كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلار ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش بىلىمى ۋە ماھارىتىنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك.

5 - باب نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش

36 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق، مائارىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتىغا ئەزا تارماقلار مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنى دائىملىق نازارەت قىلىشى - تەكشۈرۈشى كېرەك.

يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك.

37 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇھىم سىياسەت، زور يىرىك پىلان تۈزگەندە، چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى يولغا قويغاندا، ئەمەلىي ئېھتىياجغا قاراپ ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاشقا تەشكىللىشى كېرەك.

ساغلاملىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش ئاممىۋى تازىلىق بىخەتەرلىكى، ساغلام مۇھىت ۋە تۇرمۇش، ساغلاملىق مۇلازىمىتى ۋە كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

38 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا سىڭدۈرۈپ، دائىملاشتۇرۇش بىلەن جىددىي تاقابىل تۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىشى كېرەك. تاسادىپىي ئاممىۋى ساغلاملىق ۋەقەسى يۈزبەرگەندە، ئامما ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىۋى ساغلاملىق بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

39 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىدە نازارەت قىلىش - پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، پاش قىلىش تېلېفونى، خەت ساندۇقى ياكى ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقىنى ئاشكارىلىشى؛ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار نازارەت قىلىش - پاش قىلىش ئىشلىرىنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

گېزىت - ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق تاراتقۇلار كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق پائالىيىتىگە بولغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تەشۋىقاتى ۋە ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

6 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

40 - ماددا ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنى ئىشلىمىگەن ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمىگەن ئورۇنلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ھەرىكىتى كومىتېتى مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ.

41 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ نىزامنىڭ 33 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، كېسەل تارقىتىدىغان جانلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرمىغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق مەسئۇل تارمىقى مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 1000 يۈەندىن يۇقىرى، 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، جاۋابكارلىقى بار شەخسكە 50 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

42 - ماددا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىدىن ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

43 - ماددا مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

7 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

44 - ماددا بۇ نىزام 2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)