جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى

2026-04-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2025 - يىلى 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى)

يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سوتسىيالىستىك ئەمگەكچىلەرنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم كۈچ. ھازىر دۆلىتىمىزدە يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەر تېز تەرەققىي قىلدى، بولۇپمۇ ئالاقە تورى سۇپىسىنى تىرەك قىلغان يېڭى كەسىپ ھالىتى كۆپلەپ مەيدانغا كېلىپ، كۆلىمى زور بولغان يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار توپلاندى. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۆۋەندىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.

1. ئومۇمىي تەلەپ

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئۇيۇشتۇرۇش - مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىنىپىي ئاساسى، ئاممىۋى ئاساسى، ئىجتىمائىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش.

ئاساسىي نىشان: 2027 - يىلىغا بارغاندا، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، سىستېمىلار بىلەن رايونلار بىرلەشتۈرۈلگەن، ئۈنۈملۈك ماسلىشىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە خىزمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاپ، ئەمگەكچى ئىشلىتىشنى تەدرىجىي قېلىپلاشتۇرۇپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتنى كۈچلۈك كاپالەتلەندۈرۈش. يەنە ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئىناقلاشتۇرۇپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش مۇھىتىنى تېخىمۇ دوستانە قىلىپ، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتنى تېخىمۇ تولۇق كاپالەتلەندۈرۈپ، كەسپىي جەھەتتە ئېتىراپ قىلىنىش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش.

2. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش

(1) يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ پارتىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، نەزەرىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىدۇ. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى تەشۋىق - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشۋىق - تەربىيەسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئەمگەك روھى، كۈرەش قىلىش روھى، تۆھپە قوشۇش روھى، ئىجادكارلىق روھى، ئىقتىسادچىل - تېجەشلىك بولۇش روھى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلىدۇ. تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆگىنىش - تەربىيەسى ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلىدۇ. ئىدىيەۋى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ئاشۇرۇلىدۇ.

(2) يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش. ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى، پائالىيەت دائىرىسىگە قارىتا تەۋەلىك، كارخانا، ساھە ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى تەسىس قىلىش ۋە پائالىيەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قاپلىشى ۋە پارتىيە خىزمىتىنىڭ قاپلىشى سىجىل كېڭەيتىلىدۇ. كۆچۈپ چىققان جاي ۋە كۆچۈپ بارغان جاينى ماسلاشتۇرۇش، تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئارىسىدىكى كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كۈچەيتىلىدۇ ھەم ياخشىلىنىدۇ. پارتىيە تەشكىلاتى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت، يېڭىلىق يارىتىش - ئىگىلىك تىكلەش، ئىجتىمائىي مۇلازىمەت قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش كۈچەيتىلىپ، پارتىيە خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. تۈرلۈك بازا ۋە تور سۇپىلىرىغا تايىنىپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.

(3) ئىجابىي تەشۋىقات ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىش. ئاخبارات تاراتقۇلىرى، تور سۇپىسى قاتارلىقلاردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش كۈچەيتىلىپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۇلارنى چۈشىنىدىغان ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىلىدۇ. تىپلارنىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى چوڭقۇر قېزىلىدۇ ھەم پائال تەشۋىق قىلىنىدۇ. گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ. يېڭى دەۋردىكى ئىش ئورنىدا تۆھپە يارىتىش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، ساھە كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسى قەرەللىك ئۆتكۈزۈلۈپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كەسىپ شەرەپ تۇيغۇسى ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ئۆستۈرۈلىدۇ.

3. قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتنى قانۇن بويىچە قوغداش

(4) ئادەم ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇش. ئالاقە تورى سۇپا كارخانىلىرى، تېز يوللانما كارخانىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئادەم ئىشلىتىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئېھتىياجىغا يېقىنلاشقان ئەمگەك توختامى، يازما كېلىشىم پايدىلىنىش نۇسخىلىرى كېڭەيتىپ قوللىنىلىپ، ئادەم ئىشلىتىش ئەمەلىيىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن ھوقۇق - مەجبۇرىيەت قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ خىزمەتكە قاتنىشىشىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلۇپ ۋە كۈچەيتىلىپ، تەربىيەلىنىپ ئىش ئورنىغا چىقىش تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ. كارخانا باش ئىشتابىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ھەمكارلىق كارخانىسى، ئىتتىپاقداش كارخانا ھەم تور نۇقتىسى، تور بېكىتى قاتارلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى چىڭىتىلىپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى مەدەنىيەتسىز ھەرىكىتىنى بەلگىلىمە - تۈزۈم ئارقىلىق چەكلەش كۈچەيتىلىدۇ. بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئەمگەك بىخەتەرلىكى ۋە كەسپىي ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

(5) قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش. ئالاقە تورى سۇپا كارخانىلىرى، تېز يوللانما كارخانىلىرى قاتارلىقلارنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى، ئەمگەك سىجىللىقى قاتارلىقلارغا ئاساسەن يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئەمگەك ھەققى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ، ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىنىدۇ. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇق - مەنپەئىتى كاپالەتلەندۈرۈلۈپ، ناچار ھاۋارايى قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللاردىكى ئەمگەك مۇھاپىزىتى كۈچەيتىلىدۇ. كارخانىلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىلتىماس - تەلەپلەرنى ئىپادىلەش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئەرز - شىكايەتلەر ئادىل، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى قوغدىلىدۇ. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئالاقىدار مۇھىم ئىشلاردا دائىملىق كېڭىشىش - سەمىمىي سۆھبەتلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، كېڭىشىش نەتىجىسى مۇۋاپىق ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئاشكارىلىنىدۇ. مۇۋاپىق بولمىغان ھەق ئېلىش - شېرىنكانە ئېلىش، ئېقىم مىقدارىنى ئادىل تەقسىملىمەسلىك ھەم بازارنىڭ يېتەكچى ئورنىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش قاتارلىق قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى باھالاش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئالاقىدار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ساھە تەلەپچانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىغا مەدەت بېرىلىدۇ.

(6) ئالاقە تورى سۇپىسىدىكى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش. ئالاقە تورى سۇپا كارخانىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، ھېسابلاش ئۇسۇلى قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئاشكارىلىق دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى قائىدىسىدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى، قاتنىشىش ھوقۇقى، تاللاش ھوقۇقى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. ھېسابلاش ئۇسۇلى قائىدىسى ئەلالاشتۇرۇلۇپ ۋە تەڭشىلىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاپ، تەقسىمات قائىدىسى، باھا ھېسابلاش قائىدىسى، ۋاقىتنى ئالدىن مۆلچەرلەش قاتارلىقلار مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ. ھېسابلاش ئۇسۇلى مېخانىزمى ۋە قوللىنىش نەتىجىسىنى قەرەللىك ھالدا تەكشۈرۈپ، باھالاپ، دەلىللەپ، ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئەنگە ئېلىش تۈزۈمى قاتتىق ئىجرا قىلىنىدۇ. سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، نەرسە تورى قاتارلىق ئىجادىي تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئەلالاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باھالاش ۋە نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش خىزمىتى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇلىدۇ.

(7) نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ساھەلەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش كۈچەيتىلىپ، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ مۇۋاپىق كىرىم ۋە تەمىنات كۆزلىمىسى شەكىللەندۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ. «ئىچكى تالىشىش شەكلى»دىكى رىقابەتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشنىڭ قاتتىق ئالدى ئېلىنىدۇ. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى، شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇن بويىچە كۈچەيتىلىدۇ. پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا ئالاقىدار تىجارەت خاراكتېرلىك قەرز پۇلنى باشقۇرۇش يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا چېتىلىدىغان ئالدامچىلىق، قەرز ئالدامچىلىقى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قەتئىي زەربە بېرىلىدۇ.

4. كۆيۈنۈش سالمىقىنى زورايتىش

(8) ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش. دائىم تۇرۇشلۇق جاي ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش يولغا قويۇلۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئالاقىدار ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئادەمگە ئەگىشىپ يۆتكىلىشىگە قەدەممۇقەدەم تۈرتكە بولۇنىدۇ. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈم سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مۇناسىۋىتىنى يۆتكەش - داۋاملاشتۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. كەسپىي زەخىم كاپالىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش كېڭەيتىلىپ، كەسپىي زەخىم كاپالىتى تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ. ئۆلكە ھالقىپ باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مۇلازىمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندىغا قاتنىشىش تۈزۈمى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىدۇ. كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش كۈچەيتىلىپ، كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش ۋە ئۇنۋان باھالاش سىياسىتى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كەسىپ تەرەققىيات يولى راۋانلاشتۇرۇلىدۇ. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئارىسىدىكى مېيىپلەرگە مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىدۇ. تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا بەلگىلىمە بويىچە مۇناسىپ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىلىپ، خىزمەت جەريانىدا كۈتۈلمىگەن ھادىسىگە ئۇچراپ يارىلانغان، قازا قىلغان شەخسلەر ھەم ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە يار - يۆلەك بولۇنىدۇ. ئىجتىمائىي پىسخىكا مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىپ، جەمئىيەت خىزمىتى كەسپىي خادىملىرى قاتارلىقلارنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كەسىپ جەھەتتىكى تەشۋىشى تۈگىتىلىدۇ. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ياكى باشقا ئۈستىگە ئالغان ئاساسىي گەۋدىلەردىن مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنى مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.

(9) ئىناق، دوستانە بولغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش مۇھىتى يارىتىش. مەھەللە، سودا چەمبىرىكى، بىنا، باغچە رايونى، قاتناش تۈگۈنى، تاشيول مۇلازىمەت رايونى، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى قاتارلىق دوستانە مۇھىت قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلىدۇ. پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزى (ئورنى، پونكىتى)، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پونكىتى، ياشلار ئائىلىسى، ئاياللار ئائىلىسى، شوپۇرلار ئائىلىسى قاتارلىقلارنى بىرتۇتاش ئىشلىتىش ۋە يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش، باشقۇرۇش كۈچەيتىلىپ، مۇلازىمەت تورى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ياتاق، تاماق، ئاپتوموبىل توختىتىش، يول يۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلىرى ماسلاشتۇرۇلىدۇ، ياردەم بېرىپ ھەل قىلىنىدۇ. ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ تور نۇقتىلىرى - پونكىت نۇقتىلىرىنىڭ يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت(مەھەللە)لەر بىلەن بولغان خىزمەت ئالاقىسى كۈچەيتىلىپ، پونكىت باشلىقى، ئەترەت باشلىقى قاتارلىقلارنىڭ تايانچلىق رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ كەنت (مەھەللە) ئاھالىسى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى خادىملىرى، ئامانلىق ساقلىغۇچىلار، سودىگەرلەر، يۈك ئىگىلىرى قاتارلىقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. يېزا - بازار (كوچا باشقارمىسى)، كەنت (مەھەللە) باشلامچى بولغان كۆپ تەرەپ كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا كۆيۈنۈش - مۇلازىمەت قىلىش ۋە ھۆرمەت قىلىش، قوللاش كۈچەيتىلىپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سىڭىشىش تۇيغۇسى، تەۋەلىك تۇيغۇسى كۈچەپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

(10) كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇش. پارتىيە تەشكىلاتى، ساھە باشقۇرۇش ۋە كەسىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئالاقە تورى سۇپا كارخانىلىرى، تېز يوللانما كارخانىلىرى ھەم ساھە جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ مەركەزلىك ئىلتىماس - تەلىپى توپلىنىپ ۋە ئىنكاس قىلىنىپ، مۇۋاپىق ئىلتىماس - تەلىپىنىڭ ۋاقتىدا ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ. مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىدە خەلققە قولايلىق يارىتىش قىزىق لىنىيەسى قاتارلىقلارغا تايىنىلىپ، تارماق ھالقىپ، رايون ھالقىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ماسلىشىپ بېجىرىشكە تۈرتكە بولۇنۇپ، كۆپ ئىنكاس قىلىنغان ئىلتىماس - تەلەپ ۋە ئورتاقلىققا ئىگە مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىنىدۇ. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇلۇپ ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇپ، زىددىيەتنى ھەل قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مەنبەدىن تۈزەش كۈچەيتىلىدۇ. ئەمگەك كاپالىتى بويىچە مەمۇرىي تەپتىش قىلىش قانۇن ئىجراسى سالمىقى زورايتىلىپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئەمگەك كاپالىتى ھوقۇق - مەنپەئىتى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك قوغدىلىدۇ. ئەمگەك تالاش - تارتىشىنى كېڭىشىش، مۇرەسسە قىلىش خىزمىتى مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇرەسسە كۈچەيتىلىپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئەمگەك تالاش - تارتىشىغا كېسىم چىقىرىش قائىدىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

5. جەمئىيەتكە سىڭىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

(11) ياخشى ئوبرازنى نامايان قىلىش. كەسپىي ئەخلاق يېتىلدۈرۈش، كەسىپ روھى يېتىلدۈرۈش گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىش ئورنىنى سۆيۈپ كەسىپنى قەدىرلەش، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىنىدۇ. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە، ئاممىۋى سورۇنلاردىكى ھەرىكەت ئۆلچىمىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، مەدەنىيلىك ساپاسىنى نامايان قىلىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ. كۈچەپ يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ قانۇنچىللىق ئېڭى، سەمىمىيەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچەيتىلىپ، ساغلام، ئاقىلانە روھىي ھالەت يېتىلدۈرۈلۈپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، پائال ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىنىدۇ. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تور بوشلۇقىدا ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئاقىلانە ئىپادىلەپ، ياخشى تور تەرتىپىنى ئاڭلىق قوغداشقا تەربىيەلىنىدۇ ۋە يېتەكلىنىدۇ.

(12) جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشقا يېتەكلەش. خىزمەت مېخانىزمى ۋە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ ھەم تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكى جارى قىلدۇرۇلۇپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقى قوزغىتىلىدۇ. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ ۋە يېتەكلىنىدۇ. يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ساھەنى ئىدارە قىلىشقا قانۇن بويىچە قاتنىشىپ، مۇۋاپىق ئىلتىماس - تەلىپىنى تەرتىپلىك ئىنكاس قىلىپ، جەمئىيەتنى نازارەت قىلىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورى سۇپا كارخانىلىرى قاتارلىقلارنىڭ تىجارەت ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇنىدۇ.

6. تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش

ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ بۇ پىكىرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك. پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى تارماقلىرى يېتەكچىلىك قىلىپ تۈرتكە بولىدىغان، ساھە باشقۇرۇش ۋە كەسىپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى كونكرېت تۈرتكە بولىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ماسلىشىدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. خادىملار كۈچى، بازا بايلىقى، خىراجەت قاتارلىق جەھەتلەردە كاپالەتلەندۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئالدىن كۆرەرلىك تەتقىقات ۋە ئەمەلىي ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، يېڭىياچە ئىشقا ئورۇنلاشقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇشقا ئالاقىدار قانۇن - نىزام ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى)