
ساۋما قىلىپ ئاساسلىق مۇندەرىجە تونۇشتۇرۇشىنى كۆرۈڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 -، 2 - تومى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا تارقىتىلدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مۇھىم دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، مول جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، دەۋر روھىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىدىغان، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ، شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نەزەرىيە نەتىجىسى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، جۇڭگو دىپلوماتىيە نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، ماركسىزم خەلقئارا مۇناسىۋەت نەزەرىيەسىنى بېيىتىپ، راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.
«شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 -، 2 - تومىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2013 - يىلى 1 - ئايدىن 2025 - يىلى 11 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى تاشقى ئىشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىلغان، ئۇنىڭدا دوكلات، سۆز، نۇتۇق، تەبرىك سۆزى قاتارلىق جەمئىي 134 پارچە ئەسەر بار. بۇنىڭ ئىچىدە، 1 - تومىغا 2013 - يىلى 1 - ئايدىن 2018 - يىلى 6 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى 63 پارچە ئەسەر كىرگۈزۈلگەن، 2 - تومىغا 2018 - يىلى 6 - ئايدىن 2025 - يىلى 11 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى 71 پارچە ئەسەر كىرگۈزۈلگەن.
«شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 -، 2 - تومىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى نوپۇزلۇق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلىتىمىز بىلەن دۇنيا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچى، چاقىرىق كۈچى، يارىتىش كۈچىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق خەلقئارا مۇھىت يارىتىش، تېخىمۇ پۇختا ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.