شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا «ئارمىيەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىرقانچە تەدبىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.
«بىرقانچە تەدبىر»دە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەدبىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرى ۋە تۈزۈم نەتىجىلىرى يەكۈنلىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئىدىيە جەھەتتە ئىستىل تۈزىتىشنى قانات يايدۇرۇش، سىياسىي جەھەتتە رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، قاتتىق تەربىيەلەش، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق نازارەت قىلىشتىن ئىبارەت پولاتتەك قائىدە ھەقىقىي تۇرغۇزۇلدى.
«بىرقانچە تەدبىر» جەمئىي يەتتە جەھەتتىكى 26 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭدا قانۇن - ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ھوشيارلىقنى ساقلاپ ھەيدەكچىلىكنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئاساسلىق ئوفىتسېرلارنى قاتتىق باشقۇرۇپ يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇش، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ ھەقىقىي تۇتۇپ پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۆزلەنگەن، ئىدىيە ئۆزگەرتىشتە ئاڭلىق ۋە ئۈزۈل - كېسىل بولۇشنى كۈچەيتىش، پارتىيە كومىتېتىنىڭ كوللېكتىپ رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ پىرىنسىپاللىقى، جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش، پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش، تەشكىل ئادەم تاللاشتا چىڭ تۇرۇش، ئاساسلىق رەھبەرلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق قائىدىلەرنى تۇرغۇزۇش ۋە ئايدىڭلاشتۇرۇش چۆرىدەلگەن بولۇپ، قاتتىق ۋە دائىملىق، يۇغۇرۇلغان ۋە تۇتاشتۇرۇلغان تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى ۋەزىپە ئادا قىلىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا، خىزمەت، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېپيېڭى سىياسىي قىياپەت بىلەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىشقا يېتەكلەيدۇ.