«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 16 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 12 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 12 - ئايدىن 2026 - يىلى 4 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندە.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرەك. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن - تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىچكى بىردەكلىككە ۋە بىر - بىرىگە تىرەك بولۇش خاراكتېرىگە ئىگە. سىستېمىلىق قاراشنى كۈچەيتىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىسلاھ قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ھەسسىلەپ ئېشىش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مائارىپنىڭ پەن - تېخنىكا ۋە ئىختىساسلىقلارغا بولغان تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلارغا تايىنىدۇ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مائارىپقا تايىنىدۇ. يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئاساس تەتقىقاتىدىكى ئاساسىي قوشۇنلۇق ۋە مۇھىم پەن - تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىكى مەنبە رايونى بولۇش رولىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۆزئارا تىرەك بولىدىغان، پەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى ئورنىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىدىن زور پەن - تېخنىكا مەسىلىلىرىنى تاۋلاپ چىقىپ، دەسلەپكى ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى سىجىل بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئالىي مائارىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سەرخىل يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان مۇسابىقە يولىدا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇش، خاسلىق يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ، ئۈزلۈكسىز مائارىپنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەسپىي مائارىپ بىلەن ئادەتتىكى مائارىپنىڭ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ، پەن تەتقىقات بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا - ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى، چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى، ھۈنەر - سەنئەت ماھىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز يېتىشتۈرۈش كېرەك. ساپا مائارىپىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەربىيەلەش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان ئادەم تەربىيەلەش مۇھىتىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم بەرپا قىلىپ، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، بىرىنچى رىقابەت كۈچى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت كۈچىنى ئىشقا سېلىش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچىنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ سەپلەپ، بالدۇرراق دۇنيانىڭ ئاساسلىق ئىلىم - پەن مەركىزى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىگە ئايلىنىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. دۆلەت پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەتقىقات تىپىدىكى داشۆلەر، پەن - تېخنىكا باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسى ۋە جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاساس تەتقىقات ساھەسى، ئالدىنقى قاتاردىكى گىرەلەشمە ساھەلەر، نۇقتىلىق ساھەلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك، يېتەكلەش خاراكتېرلىك جايلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىنى نىشانلاپ، ئاساس تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، دەسلەپكى يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكا، ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىش جەھەتتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كۆلىمى زور، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ساپاسى ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تېز تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلار بىرىنچى بايلىق، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى رىقابىتى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىختىساسلىقلار رىقابىتى. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى تېز بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پەن - تېخنىكا بىلەن مائارىپ ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن تەتقىقاتنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئىختىساسلىقلارنى بايقاش ۋە يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار پىلانىدا ئاساس تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساس تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنى پەرقلىق باھالاش ۋە ئۇزاق دەۋرىيلىك قوللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساس تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى زورايتىش كېرەك. مۇقىم قوللاش، ئۇزاق دەۋرىيلىك باھالاش ئارقىلىق، ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مۇھىم ئامىللارنىڭ كىرىم تەقسىماتىغا قاتنىشىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىلىم، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلارنىڭ بازار قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىدىغان، مەغلۇبىيەتكە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.