شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى»نى يولغا قويۇش چارىسى

2026-05-28 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2006 - يىلى 1 - ئاينىڭ 24 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 - يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(78 - نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 28 - يىغىنىدا 2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ئۆزگەرتىپ ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

2026 - يىلى 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى

مۇندەرىجە

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 - باب ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش

3 - باب سورت تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە باشقۇرۇش

4 - باب ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنى قوغداش

5 - باب ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىش

6 - باب ئۇرۇقنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش

7 - باب يار - يۆلەك بولۇش تەدبىرى

8 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

9 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا بۇ چارە ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، سورت تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش، سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىش، ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقىنى قوغداش، ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارىتى قىلغۇچىلار، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ئۇرۇق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمانچىلىق، ئوتلاقچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى»غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدىكى زىرائەت، دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپ سورتلىرىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ چارىدە ئېيتىلغان ئۇرۇق زىرائەت، دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپلەرنىڭ تېرىلىدىغان، تىكىلىدىغان ياكى كۆپەيتىلىدىغان ماتېرىيالىنى، جۈملىدىن دېنى، مېۋىسى، يىلتىزى، غولى، مايسىسى، بىخى، يوپۇرمىقى، چېچىكى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

3 - ماددا ئۇرۇقچىلىق خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش، پۈتۈن جەريانلىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا ئىلھام بېرىش ۋە ئۇنى قوغداش، ئۇرۇقچىلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇقچىلىقنىڭ گۈللىنىشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمانچىلىق، ئوتلاقچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

4 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇرۇقچىلىق خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمانچىلىق، ئوتلاقچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇرۇقچىلىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇرۇقچىلىق پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، نەتىجىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتىدىكى چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتىغا دائىر يار - يۆلەك بولۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، سۈپەتلىك ئۇرۇق تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش ۋە كېڭەيتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇرۇق بازىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ ئۇرۇقچىلىققا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەمكارلىشىشى كېرەك.

5 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ زىرائەت، دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپ ئۇرۇقى خىزمىتىگە ئايرىم - ئايرىم مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، پەن - تېخنىكا، سودا ئىشلىرى، گۇڭئەن، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئۇرۇقچىلىققا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى مەسئۇلىيىتى بويىچە ياخشى ئىشلەيدۇ.

6 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىدىغان، كارخانا قاتارلىق كۆپ تەرەپ قاتنىشىدىغان ئۇرۇق زاپىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

زاپاس ئۇرۇق ئاساسلىقى ئاپەت يۈزبەرگەن چاغدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىغا ۋە ئارتۇق - كېمىنى تەڭشەشكە ئىشلىتىلىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئورمانچىلىق - ئوتلاقچىلىقنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ، زاپاس ئۇرۇقنى قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋە يېڭىلاش كېرەك.

7 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق قاتارلىق تارماقلىرى ۋە ئاخبارات تاراتقۇلىرى قاتارلىق ئورۇنلار ئۇرۇقچىلىققا دائىر ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملارنى تەشۋىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارىتى قىلغۇچىلار، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسى ۋە قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

8 - ماددا ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارىتى قىلغۇچىلار قانۇن بويىچە قۇرغان ئۇرۇق ساھە جەمئىيىتى ساھە تەلەپچانلىقى بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ماسلاشتۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، ھوقۇقنى قوغداش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنى تەشكىلات ئۆلچىمىنى بىرلىكتە تۈزۈشكە تەشكىللەپ، ئەزالارغا ۋە ساھە تەرەققىياتىغا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئىناۋەت قۇرۇلۇشى، بازار سودىسى ۋە مەسلىھەتچىلىك قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىشى كېرەك.

2 - باب ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش

9 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ئېھتىياجغا قاراپ، ئۇرۇق پىلازما بايلىقى ئامبىرى (باغ)، ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغداش رايونى ۋە ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغداش يېرى بەرپا قىلىپ، ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغدىغۇچى ئورۇننى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ ھەمدە قوغداش دائىرىسى ۋە پاسىلىنى قاتتىق ئايرىپ، قوغداش بەلگىسى ئورنىتىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى شۇ رايوندىكى ئۇرۇق پىلازما بايلىقى ئامبىرى (باغ)، ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغداش رايونى ۋە ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغداش يېرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغدىغۇچى ئورۇن مەسئۇلىيىتى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمى بويىچە، ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەك.

ئۇرۇق پىلازما بايلىقى ئامبىرى (باغ)، ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغداش رايونى ياكى ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغداش يېرىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلىۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. ھەقىقەتەن ئىگىلەشكە توغرا كەلسە، ئىگىلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، ئۇرۇق پىلازما بايلىقىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ياكى تولۇقلاش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە ئەسلىي تەسىس قىلغان ئورگاننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش كېرەك.

10 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى تۆۋەندىكى ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى نۇقتىلىق يىغىشى ھەمدە قوغداشنى كۈچەيتىشى كېرەك:

(1) دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق قوغدايدىغانلىرى؛

(2) ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىرى؛

(3) ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆزىگە خاس ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىرى؛

(4) ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە، نۇقتىلىق قوغداشقا تېگىشلىك بولغانلىرى.

زىرائەت ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى ئەسلىي مۇھىتتا ساقلاش بىلەن ئەسلىي مۇھىتتىن باشقا مۇھىتتا ساقلاش بىرلەشتۈرۈلگەن ساقلاش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. ئورمان، ئوت - چۆپ ئۇرۇق پىلازما بايلىقى ئۆسۈش مۇھىتى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىش دەرىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئۆز جايىدا ساقلاش، باشقا جايدا ساقلاش ۋە ئەسلىھەلىك ساقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق قوغدىلىدۇ.

11 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، يىغىش، رەتلەش، باھالاش، تىزىملاش، ساقلاش، ئالماشتۇرۇش ۋە پايدىلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللەپ، ئۇرۇق پىلازما بايلىقى ئارخىپى تۇرغۇزۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان ئۇرۇق پىلازما بايلىقى مۇندەرىجىسىنى قەرەللىك ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن، كۆزىتىش، باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئەتىۋارلىق، ئاز ئۇچرايدىغان، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشى ۋە سىگنال ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىدۇ.

مۇھىت ئۆزگىرىشى، تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق ئەھۋاللار سەۋەبىدىن ئۇرۇق پىلازما بايلىقى تەھدىتكە ئۇچرىغان ياكى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى قۇتقۇزۇش يۈزىسىدىن يىغىش، قوغداشقا ۋاقتىدا تەشكىللىشى كېرەك.

12 - ماددا پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى شۇنىڭدەك باشقا ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغداشقا قاتنىشىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ ھەمدە ئۇلار ساقلىغان ئۇرۇق پىلازما بايلىقى ئۇچۇرى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملىنىدۇ.

پەن تەتقىقات ۋە سورت يېتىشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن، ئاپتونوم رايون پايدىلىنىشقا تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە شەخسلەر ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغدىغۇچى ئورۇنغا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغدىغۇچى ئورۇنلاردىن شارائىت ھازىرلىغانلىرى ۋاقتىدا تەمىنلىشى، ئۇرۇق پىلازما بايلىقىغا ئېرىشىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش كېلىشىمى ئىمزالىشى ھەمدە ئىزلاپ ياخشى خاتىرە قالدۇرۇشى؛ تەمىنلەش شارائىتى ھازىرلىمىغانلىرى سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.

ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغدىغۇچى ئورۇن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقىغا ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئەھۋالىنى قەرەللىك دوكلات قىلىشى كېرەك.

دۆلەت ئۇرۇق پىلازما بايلىقىدا ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس چېگرا سىرتىغا ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى تەمىنلەشتە ياكى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات ۋە شەخسلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى تەتقىق قىلىش، پايدىلىنىشتا، شۇنىڭدەك چېگرا سىرتىدىن ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى كىرگۈزۈشتە، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىشى كېرەك.

3 - باب سورت تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە باشقۇرۇش

13 - ماددا ئاپتونوم رايون ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر بىلەن سورت يېتىشتۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق، ئورتاقلىققا ئىگە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئەلا گېننى قېزىش، يېڭى ئۇرۇق پىلازمىسىنى يارىتىش، يېڭى سورت يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشىنى، بازارنى يېتەكچى قىلغان، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىدىغان، مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، خەۋپ - خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشىنى قوللايدۇ.

14 - ماددا ئاساسلىق زىرائەت، دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپ سورتلىرىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشتىن بۇرۇن، قانۇن بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك ياكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

ئاساسلىق زىرائەت، دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپ سورتىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ئىلتىماس قىلىشتا، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئاساسلىق زىرائەت، دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپ سورتلىرىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى تەسىس قىلغان زىرائەت، دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپ سورتلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتىغا ئىلتىماس قىلىدۇ، تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەنلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ئېلان قىلىدۇ، سورت ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان رايونلاردا كېڭەيتىشكە بولىدۇ.

15 - ماددا تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە تېگىشلىك زىرائەت سورتلىرىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىلمىگەنلىرىنى ئېلان قىلىشقا، كېڭەيتىشكە، سېتىشقا بولمايدۇ.

تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە تېگىشلىك دەل - دەرەخ سورتلىرىدىن تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتمىگەنلىرىنى ئەلا سورت قاتارىدا كېڭەيتىشكە، سېتىشقا بولمايدۇ، لېكىن ئىشلەپچىقىرىشتا ھەقىقەتەن ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، دەل - دەرەخ سورتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن ئىشلىتىش كېرەك؛ ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، دەل - دەرەخ سورتىغا ئېتىراپنامە بېرىپ، ئىشلىتىش مۇددىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەمدە ئېلان قىلىش كېرەك.

16 - ماددا تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن ئۆتكەن زىرائەت سورتى، دەل - دەرەخ ئەلا سورتى، ئوت - چۆپ سورتى ۋە ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆتكەن دەل - دەرەخ ئەلا سورتىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئەسلىدىكى سورت تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتى تەكشۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئېتىراپ قىلىش بىكار قىلىنىدۇ، ئەسلىي ئېلان قىلغان تارماق ئېلان چىقىرىپ، كېڭەيتىش، سېتىشنى توختىتىدۇ:

(1) ئىشلىتىش جەريانىدا يەڭگىلى بولمايدىغان ئېغىر نۇقسان كۆرۈلسە؛

(2) سورت خۇسۇسىيىتى ئېغىر دەرىجىدە چېكىنگەن ياكى ئىشلەپچىقىرىشتا پايدىلىنىش قىممىتىنى يوقاتقان بولسا؛

(3) سورتنىڭ ئۆلچەملىك ئەۋرىشكىسىنى تەلەپ بويىچە تەمىنلىمىگەن ياكى ئۆلچەملىك ئەۋرىشكىسى يالغان بولسا؛

(4) ئالدامچىلىق قىلىش، تەجرىبە سانلىق مەلۇماتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق ناتوغرا ئۇسۇللار بىلەن تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆتكۈزۈۋالغان بولسا؛

(5) قانۇن - نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

17 - ماددا دۆلەت ئېلان قىلغان ئاساسلىق بولمىغان زىرائەتلەرنى تىزىملاش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن سورتلارنى كېڭەيتىشتىن ئىلگىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تىزىملىتىش كېرەك. تىزىملاتمىغان بولسا ئېلان بېرىشكە، كېڭەيتىشكە، تىزىملاتقان سورت قاتارىدا سېتىشقا بولمايدۇ.

18 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى باب كېلىدىغان ئوخشاش بىر ئېكولوگىيە رايونىدا سورت سىنىقى سانلىق مەلۇماتلىرىدىن ئۆلكىلەر ئارا بەھرىلىنىش، ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش مېخانىزمىغا تۈرتكە بولۇپ، كىرگۈزۈلگەن سورتنى ئەنگە ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ باب كېلىدىغان ئوخشاش بىر ئېكولوگىيە رايونغا تەۋە زىرائەت سورتى، دەل - دەرەخ ئەلا سورتى، ئوت - چۆپ سورتىنى كىرگۈزۈشتە، سورت كىرگۈزگۈچى كىرگۈزىدىغان سورتنى ۋە رايوننى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا ياكى ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. ئەنگە ئالدۇرۇلغانلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا ياكى ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

زىرائەت، ئوت - چۆپ سورتلىرىنى كىرگۈزۈشتە، سورت كىرگۈزگۈچى سورت كىرگۈزمەكچى بولغان رايوندا ئاز دېگەندە بىر يىل ماسلىشىشچانلىق، تاقابىلچانلىق سىنىقى ئېلىپ بېرىشى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقىغا سورت سىنىقى دوكلاتى تاپشۇرۇشى كېرەك.

شۇ رايوندا تەبىئىي تارقالمىغان دەل - دەرەخ سورتىنى كىرگۈزۈشتە، سورت كىرگۈزگۈچى دۆلەتنىڭ سورت كىرگۈزۈش ئۆلچىمى بويىچە سىناقتىن ئۆتكۈزۈشى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقىغا سورت سىنىقى دوكلاتى تاپشۇرۇشى كېرەك.

سورت كىرگۈزگۈچى سورتنىڭ چىنلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە ماسلىشىشچانلىقىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

4 - باب ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنى قوغداش

19 - ماددا ئاپتونوم رايون دۆلەتنىڭ ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنى قوغداش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنى تەتقىق قىلىپ يارىتىپ، يېتىشتۈرۈپ ۋە نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇپ، خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنى يېتىشتۈرۈشىگە، ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

20 - ماددا ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئىگىدار ھوقۇق بېرىلگەن سورتنى مۇستەقىل ئىگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە.

ھوقۇق بېرىلگەن سورتنى ئىشلىتىدىغانلار ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقى ئىگىدارىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى كېرەك. ئىجازەت ئالغان ئورۇن ياكى شەخس ئىشلەپچىقارغان، ساتقان سورت ھوقۇق بېرىلگەن سورت بىلەن بىردەك بولۇشى، ھوقۇق بېرىلگەن سورتنىڭ قوغدىلىش مۇددىتى توشقان ياكى توشمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ھوقۇق بېرىلگەن شۇ سورتنى سېتىشتا ھوقۇق بېرىلگەن شۇ سورتنىڭ نامىنى قوللىنىشى كېرەك.

21 - ماددا دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش - تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىدىن ئۆزى كۆپەيتىپ، ئۆزى ئىشلىتىشكە ھوقۇق بېرىلگەن سورتنىڭ كۆپەيتىش ماتېرىيالىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىغانلىرى ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشى كېرەك.

5 - باب ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىش

22 - ماددا زىرائەت، دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپ ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارىتى قىلىدىغانلار قانۇن بويىچە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشى كېرەك، لېكىن قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

ئۇرۇق ئىمپورت - ئېكسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، گېنى يۆتكەلگەن زىرائەت ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىدىغان، تىجارىتى قىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىش ئىلتىماسى يەنە مۇناسىۋەتلىك قانۇن، نىزام ۋە قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

23 - ماددا ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارىتى قىلغۇچىلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا قائىدىسى ۋە ئۇرۇق تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش قائىدىسىنى ئىجرا قىلىشى، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى ۋە ساقلىشى كېرەك. زىرائەت ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئارخىپىنى ئاز دېگەندە بەش يىل ساقلاش كېرەك، دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپ ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئارخىپىنى ساقلاش مۇددىتى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ، سۈرۈشتۈرگىلى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

24 - ماددا ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارىتى قىلغۇچىلار ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان ئۇرۇق ئەۋرىشكىسىنى تۈركۈم بويىچە ساقلىشى كېرەك. زىرائەت ئۇرۇقى ئەۋرىشكىسىنى ساقلاش مۇددىتى شۇ خىل زىرائەتنىڭ ئىككى ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىدىن كەم بولسا بولمايدۇ، دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپ ئۇرۇقى ئەۋرىشكىسىنى ساقلاش مۇددىتى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

25 - ماددا سېتىلىدىغان ئۇرۇق دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى، بەلگىسى ۋە ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشى قوشۇپ قويۇلۇشى كېرەك. بەلگىسى ۋە ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشىدە ئەسكەرتىلگەن مەزمۇن سېتىلىدىغان ئۇرۇق بىلەن ماس كېلىشى كېرەك. ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارىتى قىلغۇچىلار ئەسكەرتىلگەن مەزمۇننىڭ چىنلىقىغا ۋە ئۇرۇق سۈپىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

سېتىلىدىغان زىرائەت ئۇرۇقىنىڭ بەلگىسىگە ئۇرۇقنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئەسكەرتىلىشى، ئاي بىرلىك قىلىنىپ ئەسكەرتىلىشى، تەكشۈرۈلگەن كۈندىن باشلاپ ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 12 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. سۈپەت كاپالەت مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرىنى قايتا تەكشۈرۈش ھەمدە قايتا تەكشۈرۈلگەن ۋاقىتنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك.

تەكشۈرۈپ بېكىتىلگەن، ئېتىراپ قىلىنغان، تىزىملانغان ۋە كىرگۈزۈپ ئەنگە ئالدۇرۇلغان سورتلارنىڭ بەلگىسى ۋە ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشىدە ئەسكەرتىلگەن ئاساسلىق خۇسۇسىيەت تەسۋىرى قاتارلىق مەزمۇنلار تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئېتىراپ قىلىش، تىزىملاش ۋە كىرگۈزۈشنى ئەنگە ئېلىش ئېلانىدىكىسى بىلەن بىردەك بولۇشى، باشقا مەزمۇنلار تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئېتىراپ قىلىش، تىزىملاش ۋە كىرگۈزۈشنى ئەنگە ئېلىش ئېلانىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

26 - ماددا ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارىتى قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئۇرۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش، ۋاكالىتەن سېتىشنى باشقا ئورۇن ياكى شەخسلەرگە ھاۋالە قىلغان بولسا، ھاۋالە قىلغۇچى تەرەپتە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى بولۇشى، ھاۋالە قىلىنغۇچى تەرەپ شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى يوق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇرۇق ئىشلەپ بېرىشىگە ياكى ۋاكالىتەن سېتىپ بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئوراش - قاچىلاش، ساقلاش، سېتىش، ئىشلىتىش قاتارلىق ھالقىلاردا ئۆتكۈر زەھەرلىك، زەھىرى كۈچلۈك دېھقانچىلىق دورىسى ياكى قانۇن - نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا زىيانلىق ماددىلارنى قوشۇشقا بولمايدۇ.

27 - ماددا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا زاكاز شەكلىدە دېھقانلارنى ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەيدىغانلار تەمىنلىگەن ئۇرۇق مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى ھەمدە شۇ جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك.

28 - ماددا دېھقانلار ئۆزى ھۆددە ئالغان مەسئۇلىيەت ئېتىزىدا ئۆزى كۆپەيتىپ، ئۆزى ئىشلەتكەن ئادەتتىكى ئۇرۇق ئېشىپ قالسا، ئۆزى ھۆددە ئالغان مەسئۇلىيەت ئېتىزى بار جايدىكى يېزا (بازار) رايون سودا بازىرىدا ساتسا، ئالماشتۇرسا بولىدۇ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى بېجىرىش ھاجەتسىز. ساتقان، ئالماشتۇرغان ئۇرۇق مىقدارى ھۆددە ئالغان يەرنىڭ يىللىق ئۇرۇق ئىشلىتىش مىقدارىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

29 - ماددا ئۇرۇق ئېلانىنىڭ مەزمۇنى قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى، ئاساسلىق خۇسۇسىيىتىگە ئائىت تەسۋىر قاتارلىق مەزمۇنلار سورتنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئېتىراپ قىلىش، تىزىملاش، كىرگۈزۈپ ئەنگە ئېلىش ئۇچۇرى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك.

ساختا ئۇرۇق ئېلانى بېرىپ، ئۇرۇق سېتىۋالغۇچىلارنى ئالداپ ۋە ئازدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، ئېلان ئىگىسى، ئېلان تىجارەتچىسى، ئېلان چىقارغۇچى قانۇن بويىچە مۇناسىۋەتلىك جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

30 - ماددا ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىپ ئۇرۇق تىجارىتى قىلىدىغانلار ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش ئۇچۇرىنى باش بېتىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە ئۈزۈلدۈرمەي ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى تىجارەتچىلىرى سۇپىدىكى ئۇرۇق تىجارەتچىلىرىنىڭ سالاھىيىتى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ياكى ئەنگە ئالدۇرۇش ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشى، تىزىملىشى، تىجارەتچىلەرنىڭ ئارخىپىنى تۇرغۇزۇشى ھەم قەرەللىك تەكشۈرۈپ يېڭىلىشى كېرەك.

ئۇرۇقچىلىق يىغىنى قاتارلىق يەرمەنكىلەر ئارقىلىق ئۇرۇق سېتىلغان بولسا، يەرمەنكە ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇن ساتقۇچىلارنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ياكى ئەنگە ئېلىنغان ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

31 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى دۆلەت مەبلەغ سالغان ياكى دۆلەت سېلىنمىسى ئاساس قىلىنغان ئورمان بىنا قىلىش تۈرىدە ۋە دۆلەت ئورمانچىلىق ئورۇنلىرى بىنا قىلىدىغان ئورماندا دەل - دەرەخ ئەلا سورتى ئىشلىتىش پىلانى تۈزۈپ، دەل - دەرەخ ئەلا سورتى ئىشلىتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

6 - باب ئۇرۇقنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش

32 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغداش، سورت تاللاپ يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتى قىلىش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇق سۈپىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار تەرتىپىنى قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، گۇڭئەن قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىشىپ ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ساختا، ناچار ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ۋە ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقىغا چېقىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۇچۇرلىرىدىن ۋاقتىدا ئورتاق بەھرىلىنىشى ۋە دېلونى ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

33 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇق ئىناۋىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارىتى قىلغۇچىلارنى دەرىجىگە ۋە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە سەمىمىي تىجارەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

34 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى تاموژنا قاتارلىق تارماقلار بىلەن ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئۇرۇق ئىمپورت - ئېكسپورتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىدۇ.

35 - ماددا ئۇرۇق سۈپىتى ماجىراسى يۈزبەرگەندە، ئالاقىدارلار شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقىغا مۇرەسسە قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا ياكى قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇق سۈپىتى ماجىراسىنى مۇرەسسە قىلىش، بىر تەرەپ قىلىشتا، ماجىرادىكى ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن باھالاشقا تەشكىللىسە ياكى ئۇرۇق سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

36 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇققا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەرز قىلىش ۋە پاش قىلىش ئۇسۇلىنى ئاشكارىلىشى ھەمدە تاپشۇرۇۋالغان ئەرز ۋە پاش قىلىنغان ئىشلارنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

7 - باب يار - يۆلەك بولۇش تەدبىرى

37 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا يار - يۆلەك بولۇشقا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، سورت تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقىنى قوغداش، سورتنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش، ئۇرۇقنى زاپاس ساقلاشقا شۇنىڭدەك ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىدىغان چوڭ ناھىيەلەرگە يار - يۆلەك بولۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى، ھەمكارلىشىپ ماسلىشىش، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش جەھەتتىكى تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى قوغداش، سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، يېڭىلاش، كېڭەيتىپ ئىشلىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقچىلىقنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

38 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى شۇ جاينىڭ سۇ بايلىقى شارائىتىغا قاراپ، ئۇرۇق پىلازما بايلىقى ئامبىرى (باغ)، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش سىناق بازىسى، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ مۇۋاپىق سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

39 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللىنىپ، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بايلىق، تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار، كاپىتال قاتارلىق ئامىللارنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى - توپلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، ئۇرۇقچىلىق بازىلىرىنىڭ ئەۋزەل كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە ئىلھام بېرىشى كېرەك.

40 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى تۆۋەندىكى يېتەكچىلىك ۋە مۇلازىمەتلەرنى قىلىشى كېرەك:

(1) ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارىتى قىلغۇچىلارنى ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۆلەملىك تىجارەت قىلىشقا يېتەكلەش؛

(2) ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارىتى قىلغۇچىلار، ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۇچۇر، مەسلىھەتچىلىك، تېخنىكا ۋە ماجىرانى مۇرەسسە قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىش؛

(3) ئەلا سورت، ياخشى ئۇسۇل بويىچە تېخنىكىلىق تەربىيەلەشنى، ئىلمىي سىناققا يېتەكچىلىك قىلىشنى تەشكىللەش؛

(4) سورتنى كۆرگەزمە قىلىپ ئۈلگە كۆرسىتىش، ئەلا سورتنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

(5) ئەلا سورت تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، كېڭەيتىش ۋە ئىشلىتىشكە دائىر يار - يۆلەك بولۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش.

41 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا مەسئۇل تارمىقى بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇرۇق ئىشلەش، ئۇرۇق يىغىش تېخنىكىسى ۋە ئىلغار، ئەسقاتىدىغان ئۇرۇق ئىشلەش، ئۇرۇق يىغىش ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىشكە، كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىدۇ، دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشقا ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى بويىچە، ئىلغار، ئەسقاتىدىغان ئۇرۇق ئىشلەش، ئۇرۇق يىغىش ماشىنىلىرىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىشقا ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ.

8 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

42 - ماددا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن سورت تەكشۈرۈپ بېكىتىش، ئېتىراپ قىلىش ۋە كىرگۈزۈشنى ئەنگە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا ئالدامچىلىق، پارىخورلۇق قاتارلىق ناتوغرا قىلمىشلىرى بارلىرىنىڭ ئىلتىماسى ئۈچ يىلغىچە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

43 - ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان ئۇرۇق ئەۋرىشكىسىنى ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

44 - ماددا يېزا ئىگىلىكى - يېزا، ئورمانچىلىق - ئوتلاق مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن ئۇرۇق باشقۇرۇش خىزمىتىدە خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

45 - ماددا مۇشۇ چارىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

9 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

46 - ماددا تاماكا ئۇرۇقى، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى ئۇرۇقى، يېمەكلىك زەمبۇرۇغ ئۇرۇقىنىڭ ئۇرۇق پىلازما بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، باشقۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەردە مۇشۇ چارىدىن پايدىلىنىلىدۇ.

47 - ماددا بۇ چارە 2026 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)