
ساۋما قىلىپ ئاساسلىق مۇندەرىجە تونۇشتۇرۇشىنى كۆرۈڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 -، 2 - تومى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قانداق ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش، ئۇزاق مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان ماركسىزملىق پارتىيەنى قانداق قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم دەۋر تېمىسىنى چۆرىدەپ، بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم ئىجادىي تۆھپە قوشتى، بۇ، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئۇزاق يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيەدىن كەلگەن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە يىلتىز تارتقان، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بارلىققا كەلگەن، پۇختا ئەمەلىيەت ئاساسىغا ۋە چوڭقۇر نەزەرىيە مەنبەسىگە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى تۈپ قوللانما. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى تارىخ، رېئاللىق، كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئوچۇق ئىدىيە سىستېمىسى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز بېيىيدۇ ۋە راۋاجلىنىدۇ.
«شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 -، 2 - تومىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئايدىن 2026 - يىلى 2 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىلغان، ئۇنىڭدا دوكلات، سۆز، ئىزاھات، ماقالە، يوليورۇق، كىرىش سۆز قاتارلىق جەمئىي 102 پارچە ئەسەر بار. بىر قىسىم ئەسەرلىرى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، 1 - تومىغا 2012 - يىلى 11 - ئايدىن 2018 - يىلى 6 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى 46 پارچە ئەسەر كىرگۈزۈلگەن، 2 - تومىغا 2018 - يىلى 7 - ئايدىن 2026 - يىلى 2 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى 56 پارچە ئەسەر كىرگۈزۈلگەن.
شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. «شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 -، 2 - تومىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى نوپۇزلۇق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئاڭلىق تەتبىقلاپ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ياخشى تۇتۇپ، 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.