شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 ـ، 2 ـ تومى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت ـ ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات ئومۇملۇقىغا قويۇپ، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈمنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم تېمىغا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىشتىكى ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيە يەكۈنى، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزملىق مەدەنىيەت نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى زور نەتىجە بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەدەنىيەت سەھىپىسىنى ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.
«شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 ـ، 2 ـ تومىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 ـ يىلى 11 ـ ئايدىن 2026 ـ يىلى 2 ـ ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ۋاقىت تەرتىپى بويىچە تىزىلغان، ئۇنىڭدا دوكلات، سۆز، نۇتۇق، خەت ـ ئالاقە، يوليورۇق قاتارلىق جەمئىي 78 پارچە ئەسەر بار. بىر قىسىم ئەسەرلەر تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، 1 ـ تومىغا 2012 ـ يىلى 11 ـ ئايدىن 2016 ـ يىلى 12 ـ ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى 27 پارچە ئەسەر كىرگۈزۈلدى، 2 ـ تومىغا 2017 ـ يىلى 10 ـ ئايدىن 2026 ـ يىلى 2 ـ ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى 51 پارچە ئەسەر كىرگۈزۈلدى.
«شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 ـ، 2 ـ تومىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى نوپۇزلۇق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ يېڭى پارلاق سەھىپىسىنى يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.