شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
2015 - يىلى 8 - ئايدا بېسىپ تارقىتىلىپ يولغا قويۇلغان «چارە (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلغان)»دە، تۇنجى قېتىم پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا تۈزۈم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، بۇ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىش، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ «چارە»نى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش زۆرۈر.
يېڭىدىن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن «چارە» شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت «قىزىل سىزىقى»نى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەشنى قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. «چارە»نىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ بېسىپ تارقىتىلىشى ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش «15 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«چارە» جەمئىي 19 ماددا. ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتتە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى: بىرىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. پارتىيەنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش «چارە»نىڭ تولۇق تېكىستىگە سىڭدۈرۈلۈپ، مەقسەت، پىرىنسىپ، ئەھۋال قاتارلىق قىسىملاردا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشقا دائىر بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىرى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتى چىڭىتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇنىدۇ. ئىككىنچى، تەتبىقلاش ئوبيېكتلىرى كېڭەيتىلدى. كەسپىي ئورۇنلار، تۈرلۈك تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى، بولۇپمۇ دۆلەت كارخانىلىرى ھەم ئۇلارنىڭ ئىچكى ئاپپاراتلىرى، قارىمىقىدىكى كارخانىلارنىڭ رەھبىرىي خادىملىرى تەتبىقلاپ ئىجرا قىلىش ئوبيېكتلىرى قاتارىغا كۆپەيتىپ كىرگۈزۈلۈپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە مۇھىم ئوبيېكتلارغا بولغان نازارەتچىلىك كۈچەيتىلىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش مەسئۇلىيىتى ھەر تەرەپلىمە چىڭىتىلدى. ئۈچىنچى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالى ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى تەلىپى ۋە پارتىيەنىڭ ئالاقىدار ئىچكى نىزاملىرى، قانۇن - نىزاملاردىكى يېڭى روھ، يېڭى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كۆزىتىش - كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى نازارەت قىلىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىقلاردا بايقالغان ئېكولوگىيە - مۇھىت جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئەسلىدىكى جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالى ئاساسىدا ئىنچىكىلەشتۈرۈلۈپ، تەڭشىلىپ، تولۇقلىنىپ، خىزمەت جەريانىدا تېخىمۇ ياخشى تەتبىقلاش ۋە ئىگىلەشكە قولايلىق يارىتىلدى. تۆتىنچى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش شەكلى ۋە مېخانىزمى ياخشىلاندى. جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش شەكلى جەھەتتە ھازىر بار بولغان قانۇن - نىزاملار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى ھەم ئېكولوگىيە - مۇھىتقا زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش، يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزملىرى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىدا «ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش» دائىرىسىنىڭ «بايلىقنى قوغداش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، قانۇن دەستۇرى بىلەن ياخشى جىپسىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، «چارە»دە ئەسلىدىكى «ئېكولوگىيە - مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداش» دېگەن بايان بىرتۇتاش «ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش»قا ئۆزگەرتىلدى.
«چارە»دە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىت ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە ئاساسەن، پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەم ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قاتارلىقلارنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، ئىجرا قىلىش، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش داۋامىدىكى مەسئۇلىيىتى بويىچە نۇقتىلىق ھالدا تۆت تۈرلۈك جاۋابكارلىق ئاساسىي گەۋدىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئەھۋالى ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى، مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.
«چارە»دە تۆۋەندىكىدەك جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش شەكىللىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرىنچى، سۆزلىشىپ ئەسكەرتىش، تەنقىد - تەربىيە بېرىش، تەكشۈرۈشكە بۇيرۇش، ئاگاھلاندۇرۇش؛ ئىككىنچى، تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشەش ياكى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش؛ ئۈچىنچى، پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى، مەمۇرىي جازا بېرىش. جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتىكى بۇ شەكىللەرنى ئايرىم قوللىنىشقىمۇ، بەلگىلىمە بويىچە بىرلەشتۈرۈپ قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.
«چارە»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بۇ چارىگە ئاساسەن يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تۈزۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋال، ئۆلچەم، تەرتىپ قاتارلىقلارنى ئىنچىكىلەشتۈرسە بولىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار تارمىقى بۇ چارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت تۈزۈم، تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك.