شى جىنپىڭ قىرغىزىستان تاراتقۇلىرىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى
قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، بىشكەككە بېرىپ قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھارپىسىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «قىرغىزىستان مۇھاكىمە گېزىتى»، «كابار» دۆلەت ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا «قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
ھازىر دەل باش كۈز مەزگىلى، ھاۋا ئوچۇق ھەم ساپ. بۇ مول ھوسۇل مەزگىلىدە، زۇڭتۇڭ جاپاروفنىڭ تەكلىپى بىلەن، پات ئارىدا قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 26 - قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىمەن. بۇ مېنىڭ بۇ گۈزەل تۇپراققا 3 - قېتىم قەدەم قويۇشۇم، مەن زۇڭتۇڭ جاپاروف بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ يىل قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 35 يىللىقى. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، دوستانە قىرغىزىستان خەلقىنى سەمىمىي تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى بىلدۈرىمەن. جۇڭگو دوست قوشنا دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇقىملىقنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى، جەمئىيەت ئىناقلىقىنى ساقلىغانلىقىدىن چىن قەلبىدىن خۇشال.
جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن ياخشى قوشنا، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان ياخشى ھەمراھ، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ياخشى دوستلار. ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، قەدىمىي يىپەك يولى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشىگە گۇۋاھ بولدى، جاڭ چيەن، شۈەنزاڭ، لى بەي قاتارلىق تارىختىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ جۇڭگو - قىرغىزىستان مەدەنىيلىكىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش داستانى ھازىرغىچە ئىككى دۆلەتتە كەڭ تارقىلىپ مەدھىيەلەنمەكتە.
دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈردى، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردى. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتۈشتىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇشقىچە، يەنە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇشقىچە بولغان تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى.
2025 - يىلى 2 - ئايدا، مەن زۇڭتۇڭ جاپاروف بىلەن جۇڭگو - قىرغىزىستان يېڭى دەۋر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتىدىغان، گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچتۇق.
− بىز ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىدا ئالاقە قىلىپ، قەتئىي تۈردە بىر - بىرىمىزنى قوللىدۇق. ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ، قارشى تەرەپنىڭ دۆلەت تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان سىياسەت - تەدبىرلىرىنى قەتئىي قوللاپ، قوشنا دۆلەتلەر ئىناق قوشنا بولۇپ دوستانە ئۆتىدىغان، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ئۈلگىگە ئايلاندى. بۇلتۇر، مەن زۇڭتۇڭ جاپاروف بىلەن ئۈچ قېتىم كۆرۈشۈپ، يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە شەخسىي دوستلۇق ئورناتتۇق، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلدۇق.
− بىز مەنپەئەت ئاساسىدا ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەلققە بەخت ياراتتۇق. جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكى بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاجىز بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، جۇڭگو ئۇدا كۆپ يىل قىرغىزىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ۋە ئەڭ چوڭ چەت ئەل مەبلىغى مەنبەسى بولۇپ كەلدى. جۇڭگونىڭ يان تېلېفونى، توكسىكلىتى قىرغىزىستان خەلق ئاممىسىنىڭ مودا تاللىشىغا ئايلاندى، قىرغىزىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى جۇڭگودىكى ھەممە ئائىلىلەرگە كىردى. ئىككى تەرەپ ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بىر قاتار ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ئورتاق يولغا قويۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى. جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىنىڭ قىرغىزىستان چېگراسى ئىچىدىكى بۆلىكى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، بەدەل پورتىدا ۋاقىتلىق قاتناش باشلاندى، ئىككى دۆلەتكە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، ئىستېرېئولۇق، كۆپ خىل ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى.
− بىز قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇپ، سىجىل ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالدۇق. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستاندا لۇبەن ھۈنەرخانىسىدىن بىرنى، كۇڭزى شۆيۈەنىدىن تۆتنى ۋە كۇڭزى دەرسخانىسىدىن 21نى تەسىس قىلىپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ خەنزۇ تىلى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىنىشىگە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ «ساغلاملىق تېز پويىزى يورۇقلۇق سەپىرى» تۈرىنى يولغا قويۇپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مەركىزى قۇرۇپ، قىرغىزىستاندىكى تېخىمۇ كۆپ خەلق ئاممىسىنى ئىككى دۆلەتنىڭ داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ھەمكارلىقىدىن نەپكە ئېرىشتۈردى. ئىككى تەرەپ يەنە ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، مەدەنىيەت كۈنى، كىنو بايرىمى، سەنئەت بايرىمىنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ، قول تۇتۇشۇپ «ماناس» قاتارلىق دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنى قارشى تەرەپ دۆلەت مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ خادىملار ئالاقىسى بۇلتۇر 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، 30 جۈپ دوستانە ئۆلكە، ئوبلاست، شەھەرنىڭ ئالاقىسى قويۇقلاشتى، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش ئۇلى بارغانسېرى پۇختىلاندى.
− بىز ھەققانىيەت يولىدا ھەمدەم بولۇپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇردۇق. جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، تىنچلىقتىمۇ، خەۋپ - خەتەردىمۇ بىللە بولىدىغان بولۇپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىلىرى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى مەيدانى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە زىچ ھەمكارلىشىپ، بىر - بىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسىنى پائال قوللاپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتتى.
بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ىنىڭ باشلىنىش يىلى. جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. قىرغىزىستان تەرەپ «2030 - يىلىدىن ئىلگىرىكى دۆلەت تەرەققىيات پىروگراممىسى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «يېڭى قىرغىزىستان» قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتماقتا. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، بۇ رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
− قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتۈشنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ئۇرۇق - تۇغقان، قوشنا - قولۇملار بىر - بىرىنىڭ ئىناق، بەختلىك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى ۋە ھەرقايسى قاتلام ھەمكارلىقىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.
− ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. بۇ، ھەمكارلىشىشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى. ئۇزاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېشىل قېزىلما بايلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، رەقەملىك ئىقتىساد، پاكىز ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقىتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پورتنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش» ۋە «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» سەۋىيەسىنى ماس قەدەمدە ئۆستۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ راۋان سەپەرگە چىقىشى، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
− ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگو - قىرغىزىستان ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى. ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت، سەنئەت، تاراتقۇ، ئاقىللار ئامبىرى، ياشلار، ئارخېئولوگىيە، سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت رىشتىنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىش كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ياش ئوقۇغۇچىلارنى قارشى تەرەپ دۆلىتىگە بېرىپ ئوقۇپ بىلىم ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش، يەرلىكلەر ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشنى قوللاش كېرەك. جۇڭگو - قىرغىزىستان دوستلۇق ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش ئۇلىنى سىجىل مۇستەھكەملەش كېرەك.
− كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش كېرەك. قىرغىزىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تارىخىي خاراكتېرلىك بىرەسمىي دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇپ سايلانغانلىقى خۇشاللىنارلىق ئىش ھەم مەدھىيەلەشكە ئەرزىيدۇ. بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايرىقى روشەن ھالدا زومىگەرلىك، يەككە تەرەپچىلىك ۋە لاگېرلار قارشىلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 25 يىلدىن بۇيان، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى»نى يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قوشنا دۆلەتلەر ھەمراھ بولىدىغان ئەمما ئىتتىپاق تۈزمەيدىغان، خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭىچە رايون ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولغان ئۇنىۋېرسال رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئايلاندى. قىرغىزىستان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، «قول تۇتۇشۇپ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تىنچلىق، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە ئاتلىنىش» باش تېمىسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن قالتىس ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ «شاڭخەي روھى»غا يەنىمۇ ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.
قىرغىزىستاندا «تامچە سۇ قوشۇلسا كۆل بولۇر» دېگەن ماقال - تەمسىل بار. جۇڭگودىمۇ «كىچىك ئېقىنلار قوشۇلمىسا، دەريا - دېڭىز ھاسىل بولمايدۇ» دېگەن قەدىمكى سۆز بار. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى دوستلۇقىنىڭ كىچىك ئېقىنلىرىنى مۇجەسسەملەپ جۇڭگو - قىرغىزىستان دوستلۇقىنىڭ چوڭ دەرياسىغا ئايلاندۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى خالايدۇ.