مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2026-09-22 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىشنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنىڭ سىياسىي خۇسۇسىيىتى، خەلقچىللىق خۇسۇسىيىتى، ئىستراتېگىيەلىك خۇسۇسىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئالىي مائارىپنىڭ ئومۇملىشىش باسقۇچىدىكى تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ۋە ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ ماسلىشىپ ئادەم تەربىيەلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى باشلامچى، تۈرگە ئايرىپ ئىسلاھ قىلىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ئىلمىي باھالاشنى يېتەكچى قىلىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان قالتىس ئالىي مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۈرگە ئايرىپ ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنى تۈرگە ئايرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سىستېمىسىنى ئىلمىي بەرپا قىلىپ، ئۇنىۋېرسال، خاسلاشقان ئاساسىي يۆنىلىشنى پەرقلەندۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنى تۈرگە ئايرىش رامكىسىنى بېكىتىپ، تەۋەلىك مۇناسىۋىتىگە ئاساسەن كۆپ خىل، ماس كېلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى تۈرگە ئايرىش ئەندىزىسىنى ئورنىتىش؛ مەركەز تارماقلىرىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر بىلەن يەرلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش؛ ئالىي مائارىپ بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاش؛ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۈرگە ئايرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇۋۋىتىنى قوزغىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان تايانچ كۈچ بەرپا قىلىپ، «قوش بىرىنچى دەرىجە» قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقات تىپىدىكى داشۆ ئىسلاھاتىغا بولغان يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاساسىي كۈچنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك، ئۆزگىچە، قوللىنىشچان تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى قۇرۇلۇشى ۋە پەن، كەسىپ قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي كەسپىي مەكتەپلەر ۋە كەسىپ قۇرۇلۇشى پىلانىنى ئەلالاشتۇرۇپ يولغا قويۇش؛ مۇلازىمەت ساھەسىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرىدىغان تىرەك نۇقتا كۈچىنى مۇستەھكەملەپ، ساھە ئۆزگىچىلىكىگە ئىگە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش؛ ئالىي مائارىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى ھالىتىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ سەرخىل يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۈرگە ئايرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنى ئىلمىي تەسىس قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، ماكرولۇق يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش؛ ئالىي مەكتەپلەرنى تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى تۈرگە ئايرىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۇيغۇنلاشقان ئالىي مائارىپنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش؛ ئالىي مەكتەپلەرنى تۈرگە ئايرىپ باھالاش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، كۆپ مۇسابىقە يولى، كۆپ ئاساسىي گەۋدىلىك باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش؛ بايلىق تەقسىملەش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش؛ ئىختىساسلىقلار بويىچە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلغان پەن، كەسىپ تەسىس قىلىش، تەڭشەش مېخانىزمى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەكىتلەندى: تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئالغا سىلجىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كۆزلىمىنى مۇۋاپىق يېتەكلەپ، ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.