شىنخۇا ئاگېنتلىقى، قاھىرە، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (ئەرەب تىل - يېزىقى نۇسخىسى)نى كۆرسىتىشنى باشلاش پائالىيىتى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلدى. مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى.
«يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (ئەرەب تىل - يېزىقى نۇسخىسى)دە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، ماقالىسى ۋە سۆھبىتىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى كىتابلىرى ۋە كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىكى ھېكمەتلىك جۈملىلەر كۆڭۈل قويۇپ تاللىنىپ، دىققەت ئىقتىسادىي تەرەققىيات، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، جەمئىيەت، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق باش تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مول، چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى ۋە خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتەك چوڭقۇر مۇھەببىتى نامايان قىلىنغان، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئۆزگىچە مەنىۋى بەلگىسى، يېڭى دەۋردىكى ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە دۇنياۋى قىممىتى مېغىزلىق ئىزاھلانغان.
بۈگۈندىن باشلاپ، پىروگرامما مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق مىسىردىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار ھەم ئافرىقا رادىيو ئىتتىپاقى قاتارلىق ئافرىقىدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلاردا كۆرسىتىلىدۇ.