(2025 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
(64 - نومۇرلۇق)
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى بىرقانچە بەلگىلىمىسى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنىدا 2025 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
2025 - يىلى 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى
1 - ماددا بۇ بەلگىلىمە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
2 - ماددا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك قىلىش، ھۆكۈمەت مەسئۇل بولۇش، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، كۆپ تەرەپ قاتنىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تارماقلار ماسلىشىش مېخانىزمى ۋە كۆزىتىش تور سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە ئېچىۋېتىلگەن سۇ دائىرىسىدىكى مەسئۇل ئورۇن ۋە مەسئۇل كىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە دائىر مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك.
يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى ئۆز تەۋەسىدىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئۆز تەۋەسىدىكى سۇ رايونىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قارىغۇچى ۋە چارلاپ تەكشۈرگۈچىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، چارلاپ تەكشۈرۈش، بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق سۇ رايونىدا ئاگاھ تاختىسى ئورنىتىپ، مەسئۇل كىشى، ئالاقىلىشىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىپ، كەنت (شەھەر) ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
3 - ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى بىخەتەرلىك بويىچە تەربىيەلەش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپتىكى مەزگىلدە سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ئائىلە - مەكتەپ بىخەتەرلىك ئالاقە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.
گۇڭئەن، سۇچىلىق، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق سۇ رايونىدىكى قىرغاق لىنىيەسىنىڭ بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت ئەسلىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپ - خەتىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىلدە، خەتەرلىك سۇ رايونىنى چارلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خالىغانچە سۇ ئۈزۈشى، سۇ ئوينىشى، مۇز تېيىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
خەلق ئىشلىرى تارمىقى كۆچمە ئوقۇغۇچىلار، ئۆيىدە قالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان ئوقۇغۇچىلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسى، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش - قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى، كوچا باشقارمىسى بىلەن بىرلىكتە كۆچمە ئوقۇغۇچىلار، ئۆيىدە قالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە قىيىنچىلىقتا قالغان ئوقۇغۇچىلارغا سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە بىخەتەرلىك تەربىيەسى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
تەنتەربىيە، سەھىيە - ساغلاملىق تارمىقى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا سۇ ئۈزۈش تەربىيەسى بېرىش ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشىغا يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
رادىيو - تېلېۋىزىيە، ئاخبارات - نەشرىيات تارمىقى رادىيو، تېلېۋىزىيە، ئالاقە تورى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىشى ۋە ئومۇملاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش تارمىقى تېلېگراف تىجارىتى قىلغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر ئاممىۋى مەنپەئەت قىسقا ئۇچۇرى يوللىشىغا يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئۆزىنىڭ خىزمەت ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دائىر غەمخورلۇق قىلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشى، پىدائىيلارنى پىدائىيلىق مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.
4 - ماددا مەكتەپلەر ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەر مەۋسۇمدا ئاز دېگەندە بىر قېتىم سۇ ئۈزۈش تەربىيەسى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپ - خەتىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان مەزگىلدە، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتا - ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيسىگە ۋاقتىدا ئەسكەرتىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىرلىكتە ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
5 - ماددا ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى ياكى ئوقۇ - ئوقۇتۇشتىن باشقا مەزگىلدە سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇپ، پەرزەنتلىرىگە سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى دائىملىق ئېلىپ بېرىپ، ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئاتا - ئانىلار ياكى باشقا ۋەسىيلەر سىرتقا چىقىپ ئىشلەش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ۋەسىيلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالمىسا، تولۇق ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىگە ۋاكالىتەن ۋەسىيلىك قىلىشنى ھاۋالە قىلىشى كېرەك.
6 - ماددا كەنت (شەھەر) ئاھالە كومىتېتى ئاساسلىق قاتناش يول ئېغىزى، ئەتراپتىكى سۇ دائىرىسى، ئادەم توپلىشىدىغان جايلارغا لوزۇنكا ئېسىپ، تەشۋىقات تاختىسى (تام گېزىتى) ئىشلەپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىق - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
7 - ماددا دەريا بۆلىكى، كۆل، سۇ ئامبىرى، ئۆستەڭ، كۆلچەك، سۈنئىي كۆل، سۇغا دائىر تىجارەت سورۇنى قاتارلىق سۇ تەۋەلىكىنىڭ ئىگىسى ياكى ئۇنى ئىشلەتكۈچى، باشقۇرغۇچى خەتەرلىك سۇ رايونىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتىرىنى تۈگىتىش قاتارلىق سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مەسئۇل كىشى، چارلاپ تەكشۈرۈشتىكى مەسئۇل كىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بەلگىلىمە بويىچە ئاگاھ بەلگىسى، بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت ئەسلىھەسى ئورنىتىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇمى سەپلەپ، كۈندىلىك ئاسراش ۋە بۇيۇم تولۇقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئازگال، سۇ ئازگىلى پەيدا بولسا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن ۋاقتىدا تىندۇرۇشى، تىندۇرۇلمىغانلىرىغا ئاگاھ بەلگىسى، بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت ئەسلىھەسى ئورنىتىشى كېرەك.
8 - ماددا ھەر يىلى 7 - ئاي ئاپتونوم رايوننىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات ئېيى بولىدۇ.
شارائىتى بار مەكتەپلەرنىڭ سۇ ئۈزۈش ئورنى قۇرۇشىغا ياكى مۇلازىمەت سېتىۋېلىش، مەكتەپ بىلەن ساراي ھەمكارلىشىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا سۇ ئۈزۈش تەربىيەسى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ؛ شارائىتى بار كەنت، مەھەللىنىڭ مۇۋاپىق سۇ ئۈزۈش، سۇ ئويناش ئورنى ۋە مۇناسىپ ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ؛ ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ سۇ ئۈزۈش، سۇ ئويناش ئورنى قۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى سۇ ئۈزۈش تەربىيەسى ۋە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى ئۇيۇشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
9 - ماددا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.
بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە ئورۇن تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارسا، جاۋابكارلىقى بار رەھبەر ۋە بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ ياكى بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؛ قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا، قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
10 - ماددا بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)