​پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك

2026-09-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 17 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2013 - يىلى 6 - ئايدىن 2026 - يىلى 7 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندە.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرغاندىلا، ئاندىن پارتىيەنى ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ؛ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلغاندىلا، ئاندىن پارتىيەنى ياخشى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ. مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرمىغاندا، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەندە، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرمىگەندە، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، جەزمەن پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەڭ تۈپ سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى بىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە ھەرىكەتكە كېلىپ بىرلىكتە تۇتۇش ياخشى ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئاساسىي گەۋدىسى ئايدىڭ، تەلىپى ئېنىق بولغان مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، ھېچقانداق پارتىيە تەشكىلاتى ۋە رەھبىرىي كادىر بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىدە ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەت، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى، بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى، «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش» قاتارلىقلار بار، بۇلار بىر مۇكەممەل مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى تەشكىل قىلىدۇ، ھەربىر مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم، ھەممىسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ئەپلەپ - سەپلەپ ئىش كۆرۈشكە بولمايدۇ. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، كادىرلارنى ياخشى تاللاش، ياخشى ئىشلىتىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى نازارەت قىلىش، چەكلەشنى كۈچەيتىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا)نىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ يۇقىرى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ بەنزىنى ياخشى تۇتۇش، قوشۇننى ياخشى يېتەكلەش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا) شۇجىلىرىنىڭ 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ مەسئۇلىيەت، ۋەزىپە تەقسىماتىغا بىرلەشتۈرۈپ، «بىر ئىش ئورنىدا قوش مەسئۇلىيەت بولۇش» تەلىپى بويىچە، رەھبەرلىك بەنزىسىدىكى باشقا ئەزالارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش؛ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش ۋە ئۆزئارا نازارەت قىلىش، ئۆزئارا ئەسكەرتىش ۋە ياردەم بېرىشنى چۆرىدەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىش ئورنى ئالاھىدىلىكى ۋە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «مەسئۇلىيەت»نى چىڭ كۆزلەپ، «مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت باراۋەر بولۇش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى جەزمەن سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باھالاش مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەسئۇللىرى، بولۇپمۇ پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) شۇجىلىرىنى باھالاشتا، ئالدى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمىگە قاراش، باشقا پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمىتىنى باھالاشتىمۇ بۇ جەھەتتىكى سالماقنى ئاشۇرۇش كېرەك. دەل جايىدا، ئىلمىي بولغان مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ئاساسىي گەۋدىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەت تەلىپىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باھالاش - مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: بىر جاي ۋە تارماقنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋەزىيىتىنىڭ قانداق بولۇشىدىكى ئاچقۇچ پارتىيە تەشكىلاتى ۋە رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق»نىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان - قىلمىغانلىقىغا باغلىق. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپا) پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئاساسىي كەسىپنى ياخشى تۇتۇپ، ياخشى باش رولچى بولۇپ، ھەربىر سەپ، ھەربىر ساھە، ھەربىر ھالقىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كونكرېت تۇتۇشى، چوڭقۇر تۇتۇشى كېرەك. پارتىيە كومىتېتى شۇجىسى پارتىيەنى باشقۇرىدىغان، پارتىيەنى ئىدارە قىلىدىغان شۇجى بولۇشى، پارتىيەگە مەسئۇل بولۇشى، ئۆز رايونى، ئۆز ئورنىنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىگە مەسئۇل بولۇشى، كادىرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەسئۇل بولۇشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇشنى ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى، جەزمەن زىممىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتى قىلىشى كېرەك. «پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇش ئۆز مەسئۇلىيىتى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتماسلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىغانلىق، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتماسلىق خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىق» دېگەن قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنىڭ قاتلاممۇقاتلام پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيەنى قوغداش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت سىياسىي سادىقلىق بىلەن، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئادا قىلىپ، باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، بېسىمنى قاتلاممۇقاتلام يەتكۈزۈپ، ھەقىقىي تۈردە قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى يارىتىشى، توغرا كەيپىياتنى تىكلىشى كېرەك.