شىنجاڭ گېزىتى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى» ناملىق ئىككى پارچە يېڭى كىتاب بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى.
جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي داۋلىسىنى چۈشىنىش، تارىخىي ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەش ئۈچۈن جەزمەن ئالدى بىلەن تارىخنى تەتقىق قىلىش كېرەك. «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ تارىخى» دۆلىتىمىزدىكى قەدىمكى بىلەن ھازىرقى تۇتاشتۇرۇلغان، قاپلاش دائىرىسى ئەتراپلىق، تەرتىپ سىستېمىسى مۇكەممەل قېلىپلاشقان شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخى تۈرىدىكى تۇنجى ئەسەر. پۈتۈن كىتابتا جەمئىي يەتتە باب تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ماركسىزملىق تارىخ قارىشىنى تۈپ يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيە چىڭ كۆزلىنىپ، شىنجاڭنىڭ يىراق قەدىمكى زاماندىن ھازىرقى زامانغىچە بولغان تارىخىي تەرەققىيات تومۇرى ۋە روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكى مۇكەممەل، سىستېمىلىق رەتلەپ چىقىلغان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننىڭ بىپايان زېمىنىنى ئېچىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى تاۋلاش، جۇڭخۇا تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، ئۇلۇغ مىللەت روھىنى يېتىلدۈرۈش تارىخىي مۇساپىسى چوڭقۇر بايان قىلىنغان ۋە چۈشەندۈرۈلگەن. «جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى»دا پارتىيەنىڭ شىنجاڭ تارىخىغا دائىر مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئاساسىي يەكۈنى ۋە ئاساسىي سىياسىتى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئومۇمىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ۋە دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشقا پايدىلىق بولغان مەيدان چىقىش قىلىنىپ، پۈتۈن كىتابنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، ئاساسىي تومۇرى بەرپا قىلىندى. پۈتۈن كىتاب جەمئىي يەتتە باب بولۇپ، قەدىمكى زامان تارىخى بىلەن يېقىنقى زامان تارىخى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنىڭ ھەجىم نىسبىتى دەل ئورۇنلاشتۇرۇلغان، قەدىمكى جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى سىستېمىلىق، ئىخچام رەتلەپ چىقىلغان، ئاچقۇچلۇق مۇھىم مەسىلىلەر ئېنىق سۆزلەنگەن، بىر قاتار قانۇنىيەتلىك تونۇشلار مېغىزلىق شەكىللەندۈرۈلگەن، نۇقتىلىق ھالدا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى شىنجاڭ رايونىنىڭ دىن تارىخى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ قىياپىتىدە بارلىققا كەلگەن يېپيېڭى ئۆزگىرىشلەر، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ دىن خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر تولۇق بايان قىلىنغان.
«شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»دا تارىخىي ماتېرىيالىزمدا چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، مول تارىخىي ماتېرىيال، چوڭقۇر داۋلى، پىششىق يېزىقچىلىق ئىستىلى ئارقىلىق، «تۈنۈگۈنكى شىنجاڭ»دىن «بۈگۈنكى شىنجاڭ»غىچە بولغان تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى جانلىق بايان قىلىنىپ، بۈيۈك بىرلىككە ئىگە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغانلىقىدىن ئىبارەت شانلىق تارىخىي داستان ۋە كۆپ خىل دىن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ئىبارەت تارىخىي مەنزىرە سىستېمىلىق نامايان قىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش شانلىق مۇساپىسى چوڭقۇر بايان قىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىپ، دۇنيانى «نېمە ئۈچۈن جۇڭگو» «نېمە ئۈچۈن شىنجاڭ» دېگەن تارىخىي لوگىكىنى يەنىمۇ ئىگىلەش ۋە چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. «شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى» تارىخىي پاكىت ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكى شىنجاڭنىڭ مۇقىم، خاتىرجەم بولۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى شىنجاڭنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنىڭ پۇختا ئاساسى ئىكەنلىكىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدى.
«شىنجاڭنىڭ ئىككى تارىخى»نىڭ نەشر قىلىنىشى ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇش، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، توغرا تارىخىي بىلىم ۋە ئىدىيەۋى قاراشنى كىشىلەر قەلبىگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جۇڭگو قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭخۇا روھىنى مۇستەھكەملەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشقا تەربىيەلەيدۇ، يېتەكلەيدۇ.
مەركەزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يېڭى كىتابنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. ئاساسلىق ئىجادىيەتچىلەر ۋەكىللىرى يېڭى كىتابنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئالاقىدار ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. ئېلان قىلىش نەق مەيدانىدا يەنە كىتاب تەقدىم قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.