«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 20 ـ سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: «15 ـ بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۇلنى پۇختىلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا تۈزۈلگەن ئۇلۇغۋار پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا جەزمەن پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ قەتئىي، كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشتىكى تۈپ تەلەپ، شۇنداقلا پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم تارىخىي تەجرىبە. بىز تەكىتلىگەن «ئىككىنى قوغداش»، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش جەزمەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتتە گەۋدىلەندۈرۈلۈشى كېرەك، قۇرۇق شوئار توۋلاشقا بولمايدۇ، دېگىنى بىر خىل، قىلغىنى بىر خىل بولۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپە ـ تەلەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كونكرېتلاشقان، دەل جايىدا بولغان، دائىملاشقان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تۈزىتىشكە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قەتئىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كۈچلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇش زىددىيەتلىك ئەمەس. قاتتىق نازارەت قىلىش بىلەن بىللە، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلارنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋە يول ئۈستىدە ئىزدىنىشكە مەدەت بېرىپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ئۈنۈمنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش مۇددىئاسى، سىياسەت ئەسلىي مەقسىتىگە ئۇيغۇن كېلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھوقۇقنى تېخىمۇ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ھالدا تۈزۈم قەپىسىگە سولاش كېرەك. ھوقۇقنى تۈزۈم قەپىسىگە سولاش يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە، ھەم تۈزۈم ـ بەلگىلىمىلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەپەسنى زىچ، پۇختا توقۇش، ھەم تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قاتتىق چەكلىمىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ رېئال ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈزۈم تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنى چىڭىتىپ ئەمما مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتمەي، ئۈنۈملۈك، ئەسقاتىدىغان قىلىپ، «كالا قوتىنىغا مۈشۈك سولاش»نىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. قانۇن ـ نىزام، تۈزۈم ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش، قانۇن ـ نىزام، تۈزۈمگە رىئايە قىلىشتا ئالاھىدە ئىمتىياز بولماسلىق، قانۇن ـ نىزام، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشتا ھەممىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم ـ بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەقىقىي تۈردە توك بار يۇقىرى بېسىملىق توك سىمىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «بىرىنچى باشلىق» باشلامچىلىق بىلەن تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشقا دائىر مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ھەل قىلىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، بولۇپمۇ «بىرىنچى باشلىق» ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، باشلامچىلىق بىلەن جايىدا ئىجرا قىلىشى، ئالاقىدار نازارەتچىلىكنىمۇ جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تېخىمۇ سەگەكلىك بىلەن قەتئىي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، بۇ يولنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ھازىر، چىرىكلىك مەسىلىسى يەنىلا ئاسان، كۆپ يۈزبېرىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەت يەنە بىر قېتىم شۇنى بىلدۈردىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى يوقىتىش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر» دېگەن ھۆكۈمى تامامەن توغرا. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش مەغلۇپ بولۇشقا بولمايدىغان، شۇنداقلا قەتئىي غەلىبە قىلىدىغان بىر مەيدان زور كۈرەش، بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالماسلىق، يېرىم قەدەممۇ چېكىنمەسلىك كېرەك. جەزمەن يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، چىرىكلىككە جەزمەن قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلىكنى جەزمەن تازىلاش، رەزىللىكنى تولۇق تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىك ئۇنسۇرلارغا يوشۇرۇنغۇدەك ھېچقانداق جاي قالدۇرماسلىق كېرەك. جەزمەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، چىرىكلىكنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى، يېڭى خاراكتېرىنى ئىگىلەپ، ۋاسىتە، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرلۈك چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تۈزەش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە جەزمەن تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، سىستېمىلىق قاراشنى كۈچەيتىپ، بىرلا ۋاقىتتا كۈچەش، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەش، ھەر تەرەپلىمە كۈچەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرمىسى، بايلىق تەقسىملەش، خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش، ئۈنۈمنى باھالاشتا ھەمتۈرتكىلىك ماسلىشىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى نازارەتچىلىكنى تۇتاشتۇرۇپ، پۈتۈن زەنجىرلىك ھەمكارلىشىش ئارقىلىق بىر گەۋدە بويىچە تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.