ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك

2026-10-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 19 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئايدىن 2026 - يىلى 1 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىدىن ئۈزۈندە.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى دەل بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز. بىزنىڭ نىشانىمىز ناھايىتى ئۇلۇغۋار، شۇنداقلا ناھايىتى ئاددىي، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا پۇقرالارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش. جەزمەن تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلىپ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، تولۇق كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەڭپۇڭلۇقى ۋە مەنپەئەتلىنىشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۆۋەن چەكنى چىڭ ساقلاپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆزلىمىنى يېتەكچى قىلىپ، مائارىپ، كىرىم تەقسىماتى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، تۇرالغۇ قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، بالىلار يەسلىگە كىرەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، ئاغرىقلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيسىزلەر ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش، ئاجىزلار يار - يۆلەككە ئېرىشەلەيدىغان بولۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈش، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىش كېرەك. تۈرلۈك قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ئالاھىدە دىققەت ئىېتىبار بىلەن قاراپ، ئالاھىدە كۆيۈنۈپ، ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەر ۋاقىت ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسى، ھال - ئەھۋالىنى قەلبكە پۈكۈپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى پۇقرالار بىلەن بىۋاسىتە يۈز كۆرۈشىدىغان، ھېسابات سېلىشتۇرىدىغان خىزمەت، قىلچە ساختىلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ۋەدە قىلغان ئىشلارنى نەقلەشتۈرۈپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ بېجىرىپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەش كېرەك. قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېھتىياج بىلەن ئىمكانىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مالىيە كۈچىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشى ئاساسىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك. كەڭ ئاممىنى تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ھەم پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى، ھەم خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆز كۈرەش نىشانى قىلىش كېرەك.

ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى تۈپ مەقسەت خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، خەلق تۇرمۇشىنى تۇتۇشمۇ تەرەققىياتنى تۇتقانلىق. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات سىياسىتىنى تۈزگەندە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تەلىپىنى ماس قەدەمدە سىڭدۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشى سىياسىتىنى تۈزگەندە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمىنى ماس قەدەمدە ئويلىشىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئۈنۈملۈك ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئۆزئارا تولۇقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.