جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2026-10-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.

«پىكىر»دىكى ئومۇمىي تەلەپ: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىش، ئىسلاھاتنى ئاچقۇچلۇق تۇتقا قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى تېخنىكا، يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سۈپەتتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، سۈپەت ھالىتى بىلەن كەسىپ ھالىتى، ئىسلاھات بىلەن تەرەققىيات، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشنى يادرولۇق بەلگە قىلىپ، تېخنىكىدا ئىنقىلاب خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى ئىجادىي سەپلەش، كەسىپتە چوڭقۇر تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئەمگەكچىلەر، ئەمگەك ۋاسىتىلىرى، ئەمگەك ئوبيېكتلىرىنى سەرخىل بىرىكتۈرۈش ۋە يېڭىلاپ يۈكسەلدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشقان ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پايدىلىق بولغان ياخشى تەرەققىيات ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولۇش.

«پىكىر»دە بەش جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش چۆرىدىلىپ، 19 تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىرىنچى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئىجادىي خاراكتېرلىك، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن - تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىككىنچى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كېلەچەك كەسىپلەرنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىساد بىلەن رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار +» ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش كېرەك. ئۈچىنچى، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يېشىل تەرەققىياتقا دائىر سىياسەت قورال ساندۇقىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى پائال ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تۆتىنچى، تۈزۈلمە - مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دىققەتنى پەن - تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەن ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى سەپلەش كېرەك. بەشىنچى، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش ۋە يۆتكەش سىياسىتىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات بولۇش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشى كېرەك. ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك، ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ مەۋھۇملۇققا يۈزلىنىشكە، زىيادە مۇكەممەللىككە ئىنتىلىشكە، كۆپۈكلەشتۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ، كەسىپتە كاۋاكلىشىش ياكى كەسىپتە ئۈزۈكچىلىك ھادىسىسى كۆرۈلسە بولمايدۇ، يېڭىلىق يارىتىشقا قارىغۇلارچە ئىنتىلىشكە، ئۇنى دەپ بۇنىڭدىن قۇرۇق قېلىشقا بولمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى راۋاجلاندۇرۇش نامى بىلەن سىياسەتتىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قالايمىقان پايدىلىنىشنى قاتتىق چەكلەپ، پىلانسىز ئىش كۆرۈش، قارىغۇلارچە مەبلەغ سېلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق زور زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.