شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
مەدەنىيەت مىراسلىرىدا پارلاق مەدەنىيلىك مۇجەسسەملەنگەن، تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىنغان، مىللەت روھى ساقلانغان بولۇپ، قايتا ھاسىل بولمايدىغان، ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدىغان قىممەتلىك بايلىق.
«يىرىك پىلان»دا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4 - ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلارنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قوغداشنى 1 - ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش ۋە ئەڭ كىچىك دائىرىدە ئارىلىشىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى سىستېمىلىق قوغداش ۋە بىرتۇتاش نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
«يىرىك پىلان»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2030 - يىلىغىچە، مەدەنىيەت مىراسلىرى بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن راۋانلاشتۇرۇپ، قانۇن - تۈزۈملەرنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى سىجىل زورايتىپ، قوغداش نازارەتچىلىكىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك قىلىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش ئەندىزىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك.
«يىرىك پىلان»دا: مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئارخېئولوگىيە خىزمىتى ۋە مەدەنىيلىك تارىخى تەتقىقاتىنى ئالغا سىلجىتىش، يۆتكىگىلى بولىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە مۇزېي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تارىخىي مەدەنىيەتكە ئىگە داڭلىق شەھەر، كوچا - رايون، كەنت - بازارلارنى ئۈنۈملۈك قوغداش ۋە ئۇنىڭغا جانلىق ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى پۇختا ياخشى ئىشلەش، دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇش - قوغداشنى ئالغا سىلجىتىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش جەھەتتىكى مائارىپ، پەن - تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار تىرىكىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت مىراسلىرى جەھەتتىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.