«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىسپان تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى ئوقۇش - پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى مادرىدتا ئۆتكۈزۈلدى

2026-10-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مادرىد، 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېڭ دىڭبو) «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىسپان تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى ئوقۇش - پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنى 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئىسپانىيەنىڭ مادرىدتا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتتە «مەدەنىيلىك سۆھبىتى ئورتاق ئىلگىرىلەشكە كۈچ قوشۇش: جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيەنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىدىكى پۇرسەت ۋە نەزەر» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو - ئىسپانىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى، ئالىي مەكتەپ، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىن كەلگەن 60تىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى.

يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئىسپانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. جۇڭگو - ئىسپانىيە ئىككى تەرەپ ئۈزلۈكسىز تۈردە ئورتاق مەنپەئەتنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشۇشى كېرەك.

يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار مۇنداق قارىدى: «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىسپان تىل - يېزىقى نۇسخىسى ئىسپان تىلى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونى تونۇشى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۈشىنىشى ئۈچۈن مۇھىم ئىدىيەۋى كۆزنەك ئېچىپ بەردى. ئىككى تەرەپ ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، مۇھىت ئاسراش، رەقەم، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەر ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك.

ئىسپانىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى جوسې لۇيىس سېنتېللا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە خەلق تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىشى، تەرەققىيات پەرقىنىڭ كىچىكلىشى ۋە مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىدا ئىپادىلەندى.

ئىسپانىيە جۇڭگونى چۈشىنىش دەرسخانىسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى مارتا مونتورو مۇنداق بىلدۈردى: ئىسپانىيە - جۇڭگو ئىككى تەرەپ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پەرقنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرىدىغان ھەمكارلىق بوشلۇقىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك.

يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر يەنە جۇڭگو بىلەن ئىسپانىيەنىڭ يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياشلار ئالاقىسىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى. جۇڭگو تەرەپ ئىسپانىيەلىك ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرىگە «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ ئىسپان تىل - يېزىقى نۇسخىسىدىكى كىتابنى سوۋغا قىلدى.