مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر»ى سىرتقا ئېلان قىلىندى

2026-10-23 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىنىڭ «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى پىكىر»ى سىرتقا ئېلان قىلىندى.

پىكىردە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىپ، كارخانا يېتەكچىلىك قىلىدىغان، ھەرقايسى ئاساسىي گەۋدىلەر ھەمكارلىشىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى يۇغۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن زەنجىرنى تۇتاشتۇرۇش، پۈتۈن ساھەنى قاپلاش، تولۇق ئامىللىق يۈرۈشتۈرۈش، ھەر تەرەپلىمە كاپالەتلىك قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان، ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى ئەندىزىنى شەكىللەندۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا كۈچلۈك بولۇشتىن كەسىپتە كۈچلۈك بولۇش، ئىقتىسادتا كۈچلۈك بولۇش، دۆلەت كۈچلۈك بولۇشقا ئۆتۈش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

پىكىردە يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك پەن - تېخنىكا تەمىناتى ئارقىلىق زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تىرەك بولۇش، كارخانىلار يېتەكچىلىكىدىكى ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات پاسىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرتۇتاش سەپلەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش ياخشى ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش ھەم تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.