شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول نىزامى

2026-10-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 - يىغىنىدا ماقۇللاندى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(86 - نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 - يىغىنىدا 2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2026 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

2026 - يىلى 7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى

مۇندەرىجە

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 - باب پىلانلاش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش

3 - باب ئاسراش ۋە باشقۇرۇش

4 - باب يۈرۈشتۈرۈش ۋە مۇلازىمەت قىلىش

5 - باب يولنى مەمۇرىي باشقۇرۇش

6 - باب قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش

7 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

8 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 - باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 - ماددا بۇ نىزام يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ مۇكەممەللىكى، بىخەتەرلىكى ۋە راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى قۇرۇلۇشى ۋە قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى»، گوۋۇيۈەننىڭ «تاشيول بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى» قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 - ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى پىلانلاش، ياساش، ئاسراش، يۈرۈشتۈرۈش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ نىزامدا ئېيتىلغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دۆلەتنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشى تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە ياسالغان ئاپتوموبىلنىڭ مېڭىش يۆنىلىشى، مېڭىش يولى ئايرىلغان، كىرىشى - چىقىشى تولۇق تىزگىنلىنىلىدىغان كۆپ يوللۇق مەخسۇس تاشيولنى كۆرسىتىدۇ.

3 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، رايونلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش، شەھەر - يېزىلارنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى ۋە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەر، قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يول يۈرۈش ئېھتىياجىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئىلمىي پىلانلاش، قولاي - راۋان بولۇش، ئىقتىسادچىل - يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، بىخەتەر - ئىشەنچلىك بولۇش، يۇغۇرۇش - جىپسىلاشتۇرۇش، يېشىل - تۈجۈپىلىك بولۇش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق - ئىلغار بولۇش، ياساش - ئاسراش بىلەن يۈرۈشتۈرۈش - باشقۇرۇش - مۇلازىمەت قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

4 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ياساش، باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم ئىشلار، چوڭ - چوڭ مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش ھەل قىلىشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول لىنىيەسى بويىدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تەرەققىياتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، سودا، ئەشيا ئوبوروتى، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق كەسىپلەر ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول پىلانى، قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ يۈرۈشۈشى بىلەن ماس ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

5 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول خىزمىتىنى ئاساسلىق باشقۇرىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ تاشيول ئىشلىرى تەرەققىياتى ئاپپاراتى (تۆۋەندە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى دېيىلىدۇ) يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ئاسراش، يۈرۈشتۈرۈش، مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول لىنىيەسى بويىدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مەمۇرىي باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزۈشىگە كېتىدىغان خىراجەت شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

6 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گۇڭئەن ئورگىنى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات - ئىسلاھات، مالىيە، تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيە - مۇھىت، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، سودا ئىشلىرى، سەھىيە - ساغلاملىق، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئورمانچىلىق - ئوتلاق، مېتېئورولوگىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەيدۇ.

7 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەققى ئېلىش ھوقۇقى، ئېلان تىجارىتى ھوقۇقى ۋە مۇلازىمەت ئەسلىھەسى تىجارىتى ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ، تاپاۋىتىنى ئاساسلىقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قەرزىنى قايتۇرۇش، ئاسراش - باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش - مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە ئىشلىتىدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مەبلەغ سالغۇچىلىرى، تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە ئۇلارنىڭ تاپاۋىتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

8 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ياساش، ئاسراش، يۈرۈشتۈرۈش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ئىناۋەت باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن لەۋزىدە تۇرغانلارنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈزىدۇ.

9 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ياساش، ئاسراش، يۈرۈشتۈرۈش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىشقا دائىر پەن - تېخنىكا ئىجادىي تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھام بېرىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۇغۇرۇش، بىخەتەرلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، رەقەملىشىش - ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە تىپ ئۆزگەرتىپ يېشىللاشتۇرۇش ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، سانلىق مەلۇماتنى يۇغۇرۇپ قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىستاتىستىكا كۆرسەتكۈچى ۋە ئۆلچىمىنى بېكىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يولۇچى - يۈك تىرانسپورت قاتارلىقلارغا دائىر ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئىلمىيلىكى، چىنلىقى ۋە توغرىلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنى تەھلىل قىلىش، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەش ۋە تەرەققىيات تەدبىرى بەلگىلەشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

10 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئاممىۋى قاتناش ئۇل ئەسلىھەسىگە تەۋە. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يېرى شۇنىڭدەك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، ئۇنى بۇزۇۋېتىشىگە ياكى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە يولىدا قانۇنسىز ھالدا چازا قۇرۇشىغا، ھەق ئېلىشىغا، جەرىمانە قويۇشىغا ۋە ئاپتوموبىللارنى توسۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قانۇنسىز ھالدا كىرىش - چىقىش ئېغىزى ئېچىشىغا ياكى قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى ئورنىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى قوغداش مەجبۇرىيىتى بار، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يېرى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋەتكەن، بۇزۇپ قويغان، بۇلغىغان ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ مۇكەممەللىكى، بىخەتەرلىكى، راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزگەن قىلمىشلارنى پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىش ھوقۇقى بار؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەق ئېلىش، ئاسراش، يۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى بار.

قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونىنى ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

2 - باب پىلانلاش ۋە قۇرۇلۇش قىلىش

11 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات شۇنىڭدەك دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دۆلەتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى يىرىك پىلانى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت يىرىك پىلانىنىڭ تەلىپى بويىچە، تەرەققىيات - ئىسلاھات، گۇڭئەن، تەبىئىي بايلىق، ئېكولوگىيە - مۇھىت، ئورمانچىلىق - ئوتلاق تارمىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول لىنىيەسى بويىدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە) بىلەن كېڭىشىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، قانۇن بويىچە يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن تەشكىللەپ يولغا قويۇشى كېرەك.

12 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرىدە ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىش، جەمئىيەت مەبلەغ سېلىش، ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەت كاپىتال جەھەتتە ھەمكارلىشىش قاتارلىق كۆپ خىللاشقان سېلىنما شەكلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرىگە قانۇن بويىچە مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

ھەقىقەتەن ھۆكۈمەت سېلىنمىسى بىلەن مەبلەغ جەھەتتىن مەدەت بېرىشكە توغرا كەلگەن تىجارەت خاراكتېرلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرىدە، كاپىتال كىرگۈزۈش ئاساسلىق مەدەت شەكلى قىلىنىدۇ، تۈرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، سېلىنما ياردەم پۇلى بېرىش، قەرز ئۆسۈم ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ مەدەت بېرىشكىمۇ بولىدۇ.

13 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىدا ئاساسىي قۇرۇلۇش تەرتىپى بويىچە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش چارلاش، لايىھەلەش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە نازارەت قىلىشقا دائىر مۇناسىۋەتلىك قائىدىسى شۇنىڭدەك تېخنىكا ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇن - بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا، سۈپەتنى تىزگىنلىگىلى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

14 - ماددا زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى بىرتۇتاش ئويلىشىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى بوشلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى يېرى زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى، يەر ئىشلىتىشتە يەرنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىش، تېرىلغۇ يەرنى قاتتىق قوغداش، يەرنى تېجەشلىك - تۈجۈپىلىك ئىشلىتىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىشتە، لىنىيە بويىدىكى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك (ۋىلايەتلىك) خەلق ھۆكۈمىتى (مەمۇرىي مەھكىمە)، ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتى مەدەت بېرىشى ۋە ھەمكارلىشىشى كېرەك. كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئەسلىھەسىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە كۆچمەس مۈلۈك قاتارىدا تىزىملاش كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياساشقا چېتىلىدىغان يەر، ئۆيلەرنى ئېلىشتا تۆلەم بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. ھەرقانداق تارماق ۋە ئورۇننىڭ بېرىشكە تېگىشلىك ئورۇنلاشتۇرۇش تۆلەم پۇلىنى تۇتۇپ قېلىشىغا، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىدا قانۇن بويىچە ۋاقىتلىق يەر ئىشلىتىدىغانلار، مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەرنى قايتا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەجبۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

15 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇن دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يىرىك پىلانى ۋە تورلاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا خەۋەرلىشىش، نازارەت قىلىش - كۆزىتىش - ئۆلچەش، ھەق ئېلىش سىستېمىسى شۇنىڭدەك چەكتىن ئاشۇرۇۋەتكەننى ئۆلچەش، قاتناش مىقدارىنى كۆزىتىش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ئۆي قاتارلىق قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشقا بىرتۇتاش تەشكىللىشى كېرەك.

16 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش تەرتىپى شۇنىڭدەك مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا قائىدىسى بويىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ ياساش، تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش كېرەك.

بۇ نىزام يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن پۈتۈپ قاتناش باشلانغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا، بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىش، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش سەۋەبىدىن، مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن ھازىرقى ئەسلىھەلەردىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك. يۈرۈشلۈك قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنى يېڭىدىن كۆپەيتىشكە توغرا كەلسە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى بىلەن تولۇق كېڭىشىپ، تولۇقلاپ ياساش خىزمىتىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

17 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئۈستىدىن ئۆتىدىغان ھەم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن ئايرىلىدىغان كۆۋرۈك، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاستىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان يول، ھەق ئېلىش پونكىتىنى تۇتاشتۇرىدىغان لىنىيە، قوشۇمچە يول قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئەسلىدىكى يول باشقۇرغۇچى ئورۇن ياكى ئېھتىياجنى ئوتتۇرىغا قويغان ئورۇن مەسئۇل بولۇپ ئاسرايدۇ ۋە باشقۇرىدۇ؛ يۇقىرىقىدىن باشقا ئەھۋالدا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى مەسئۇل بولۇپ ئاسرايدۇ ۋە باشقۇرىدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ئۆزگەرتىپ ياساش، كېڭەيتىپ ياساش قۇرۇلۇشىنى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئۆتۈشمە كىرىش - چىقىش ئېغىزىنى، مۇلازىمەت رايونىنى كۆپەيتىپ قۇرۇش، باشقۇرۇشنى يېڭىدىن ياسىلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ قۇرۇلۇش تەلىپى ۋە باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلىپ بېرىش كېرەك؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ئۆزگەرتىپ ياسىغاندا، ئەگىپ ماڭغىلى بولمىسا، ۋاقىتلىق يول ياساپ، ئاپتوموبىل ۋە پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

3 - باب ئاسراش ۋە باشقۇرۇش

18 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن تېخنىكا قېلىپى، مەشغۇلات قائىدىسى ۋە ئاسراش - باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىشى، يېشىللاشتۇرۇش - كۆركەملەشتۈرۈش، قار - مۇزلارنى تازىلاش، يەر ئىشلىتىش دائىرىسىدىكى سۇ - تۇپراقنى ساقلاش قاتارلىق راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئاسراش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق ئاسراش پىلانى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئاسراش مەشغۇلاتى قىلىدىغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قانۇن بويىچە مۇناسىپ ئاسراش مەشغۇلات ساپاسىغا ئىگە بولۇشى ھەمدە ئاسراش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش سۈپىتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

19 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى چارلىشى، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشى ھەمدە مۇكەممەل خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا گۈمۈرۈلۈش، ئازگال پەيدا بولۇش، كۆتۈرۈلۈپ قېلىش قاتارلىق بۇزۇلۇش ئەھۋالى شۇنىڭدەك بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغاندا، ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ ئوڭشاپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەشكىللەپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆۋرۈك، تونېلنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن باھالاپ، ئۇنىڭ تېخنىكىلىق ھالىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئارقىلىق ئاپتوموبىل يۈرۈش بىخەتەرلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىسا، ئوڭشىشى، جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى ھەمدە گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

20 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ئاسراشقا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەللىك ئەھۋالىنى، ئاسراش سۈپىتىنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنىڭ تېخنىكىلىق ئەھۋالىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا قەرەللىك يوللىشى كېرەك؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى تېخنىكا قائىدىسى تەلىپىگە يەتمىسە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرىنى مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىش تەدبىرى قوللىنىشقا بۇيرۇشى كېرەك.

21 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاسراش مەشغۇلاتى قىلىشقا توغرا كەلسە، ئاسرىغۇچى ئورۇن ئاپتوموبىل مىقدارى ئازراق بولىدىغان ۋاقىتنى تاللاپ مەشغۇلات قىلىشى كېرەك، قاتناش بېسىق ۋاقىتتا مەشغۇلات قىلماسلىق كېرەك. ئاپتوموبىل مېڭىش يولىنى ئىگىلەشكە توغرا كەلسە، گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتىغا ئالدىن مەلۇم قىلىشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئاسراش مەشغۇلاتىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى تاقاشقا توغرا كەلسە ياكى يولنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەپ مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كەلسە، مەشغۇلات قىلىدىغان يول بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى كىلومېتىردىن ئۇزۇن بولسا ھەمدە مەشغۇلات مۆھلىتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتسە، جىددىي ئەھۋالدىن باشقىلىرىدا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئاسراش مەشغۇلاتى ئورۇنلىرى مەشغۇلات باشلاشتىن بەش كۈن بۇرۇن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى، ئەگىپ ئۆتىدىغان يول لىنىيەسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى ھەمدە ئەگىپ ئۆتۈش ئورنىغا بەلگە ئورنىتىشى؛ ئەگىپ ئۆتۈشكە بولمىسا، يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ۋاقىتلىق يول ياسىشى كېرەك.

22 - ماددا گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى، ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئاسراش مەشغۇلاتى قىلىۋاتقان نەق مەيداننى ۋە قاتناش تەشكىللەش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئاسراش مەشغۇلاتى مەزگىلىدە، گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى يول قاتناش تەرتىپىنى قوغداپ، يول قاتنىشىنىڭ تەرتىپلىك، بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

4 - باب يۈرۈشتۈرۈش ۋە مۇلازىمەت قىلىش

23 - ماددا قانۇن بويىچە تەستىقلاتقاندىن كېيىن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى ھەق ئېلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتنىغان ئاپتوموبىللاردىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

قانۇن - نىزامدا بەلگىلەنگەن ئاپتوموبىل يول يۈرۈش ھەققى ئېلىش كەچۈرۈم قىلىنغان ئاپتوموبىللاردىن سىرت، ھەق ئېلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتنىغان باشقا ئاپتوموبىللار يول يۈرۈش ھەققىنى قانۇن بويىچە تاپشۇرۇشى كېرەك.

24 - ماددا ھەق ئېلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتونوم رايون بويىچە تورلاشتۇرۇپ ھەق ئېلىش يولغا قويۇلىدۇ؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى يىغقان ئاپتوموبىل يول يۈرۈش ھەققىنى بەلگىلىمە بويىچە تاپشۇرۇشى ھەمدە ئېنىق ئايرىپ راسچوت قىلىش مۇلازىمەت ھەققىنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

ھەق ئېلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى تورلاشتۇرۇش لايىھەسى، ھەق ئېلىش تەرتىپى، ئاپتوموبىل يول يۈرۈش ھەققىنى بىرتۇتاش راسچوت قىلىش ۋە باشقۇرۇش، ئېنىق ئايرىپ راسچوت قىلىش مۇلازىمىتى ھەققىنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىقلارغا دائىر قائىدىلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى تەشكىللەپ تۈزىدۇ ھەم نازارەت قىلىپ يولغا قويىدۇ.

25 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايونىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشى دەپ بېكىتىپ، بەلگىلىمە بويىچە ئىناۋەت خاتىرىسىگە خاتىرىلەيدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئاپتوموبىل بېكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئاپتوموبىل يول يۈرۈش ھەققىنى كېمەيتىش - كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولسا بولمايدۇ:

(1) بىر يىل ئىچىدە ئاپتوموبىل يول يۈرۈش ھەققىنى تاپشۇرمىغان، تاپشۇرۇشتىن قاچقان، ئاز تاپشۇرغان قېتىم سانى ئۈچ قېتىمغا يەتسە ياكى تاپشۇرمىغان، تاپشۇرۇشتىن قاچقان، ئاز تاپشۇرغان بىر قېتىملىق ئاپتوموبىل يول يۈرۈش ھەققى مىڭ يۈەندىن كۆپ بولسا؛

(2) ئاپتوموبىل يول يۈرۈش كىنىشكىسى ياكى يول يۈرۈش ۋاسىتىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان بولسا؛

(3) ساختا ئاپتوموبىل، يۈك ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ، ئاپتوموبىلنى توختاتماي ئېلېكتىرونلۇق ھەق ئېلىش قۇرۇلمىسىنىڭ ياكى چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش ئاپتوموبىل يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئالداپ ئېلىۋالغان بولسا؛

(4) بىر يىل ئىچىدە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان سورت (ياكى بۇيۇم)نى ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق ئارىلاشتۇرۇپ قاچىلىغان ياكى ساختىلىق ئىشلىتىپ يېڭى - تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشىغان ئاپتوموبىل ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ چىقىلغان بولسا.

26 - ماددا ھەق ئېلىنىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ھەق ئېلىش مۇددىتى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

قانۇن بويىچە تەستىقلانغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ئۆزگەرتىپ ياساش، كېڭەيتىپ ياساش تۈرىنىڭ ھەق ئېلىش مۇددىتى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى گوۋۇيۈەننىڭ «ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول باشقۇرۇش نىزامى» قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى ئوخشاش بولمىغان ۋاقىت بۆلىكى، يول بۆلىكى، يۆنىلىش، ئاپتوموبىل تىپى، چىقىم شەكلى شۇنىڭدەك كىرىش - چىقىش ئېغىزى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىغا پەرقلىق ھەق ئېلىشنى يولغا قويۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، يول تورى ئېقىمىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى ۋە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرسە بولىدۇ.

پاراللېل دۆلەت يولى، ئۆلكە يولى بولمىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىدىكى ئاھالىلەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى قانۇن بويىچە يول يۈرۈشتە ئېتىبار بېرىش كېرەك.

27 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، ئاپتوموبىلنى توختاتماي تورلاشقان ئېلېكتىرونلۇق ھەق ئېلىش، كۆچمە چىقىم قىلىش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەق ئېلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، يول يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى ھەمدە مۇناسىپ خىزمەتچى سەپلەپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھەق ئېلىش سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەندە، ئاپتوموبىللارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

قوللىنىش مۇھىتىنى كېڭەيتىش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كۆپەيتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاپتوموبىلنى توختاتماي ھەق ئېلىش سىستېمىسىنى كېڭەيتىپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىلھام بېرىلىدۇ.

28 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى تۈرلۈك قائىدە - تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇق تىجارەت قىلىشى، مەدەنىي مۇلازىمەت قىلىشى، مۇلازىمەت مەزمۇنى، ئۆلچىمى، باھاسىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول خىزمەتچىلىرى مەدەنىي - ئەدەپلىك بولۇپ، قائىدىلىك مۇلازىمەت قىلىشى؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى خىزمەتچىلەرگە بولغان كەسپىي تەربىيە ۋە كەسىپ ئەخلاقى تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

29 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرىنىڭ مۇلازىمەت رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلەرگە تايىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى بەلگىسى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئوبرازىنى ئىپادىلەپ ۋە نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە كېڭەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت رايونىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەيدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە، شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان مۇھىم كۆزنەككە ئايلاندۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

30 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى مۇلازىمەت رايونى، ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىغا بولغان كۈندىلىك باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ياخشى تەرتىپ ۋە رەتلىك - پاكىز مۇھىتنى ساقلىشى، ماي قاچىلاش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مۇلازىمەت رايونىدا ئاممىۋى ھاجەتخانا سېلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش ئاممىۋى ھاجەتخانا تازىلىق قائىدىسىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. مۇلازىمەت رايونىدا ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئاممىۋى ھاجەتخانا، توك تەمىنلەش، ئىچىملىك سۇ، ماي قاچىلاش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا توك قاچىلاش، ئاپتوموبىل رېمونت قىلىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر كېچە - كۈندۈز داۋاملىشىشى كېرەك. ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئاممىۋى ھاجەتخانا، ئىچىملىك سۇ مۇلازىمىتى ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىشى، شارائىتى بار مۇلازىمەت رايونىدا شوپۇر ئارام ئېلىش رايونى تەسىس قىلىنىشى كېرەك.

31 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە لىنىيە بويىدىكى بايلىققا تايىنىپ، ساياھەت - ئارام ئېلىش، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، ئۆزگىچە مەدەنىيەت، يەرلىك يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، سودا - ئىستېمال قاتارلىق كەسىپلەرنى يۇغۇرۇپ، رايون خاس مۇلازىمەت رايونىنى بەرپا قىلىپ، كۇرسلۇق، زەنجىرسىمان تىجارەتنى ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت رايونى بىلەن تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يول يۈرۈش ھەققى، ئىستېمال جۇغلىما نومۇرى قاتارلىق ئېتىبار بېرىش - رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېمەك - ئىچمەك پارچە سېتىش، ماي - گاز قاچىلاش، توك قاچىلاش - باتارېيە ئالماشتۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتى - ئامباردا ساقلاش، سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئىقتىدارى كېڭەيتىلىدۇ.

پۈتۈپ قاتناش باشلانغان مۇلازىمەت رايونىدا ئەسلىھەلەر يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلسە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئۆزگەرتىپ قۇرۇش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرلىرىدە يەر ئىشلىتىشنى تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە بېجىرىش كېرەك؛ يەر ئاجرىتىش مۇندەرىجىسىگە ئۇيغۇن كەلسە، يەرنى ئاجرىتىش شەكلى ئارقىلىق ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.

32 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىنىڭ يۈرۈشۈشىنى نازارەت قىلىشى ۋە باشقۇرۇشى كېرەك.

ئېكولوگىيە - مۇھىت، سەھىيە - ساغلاملىق، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە، تۇرۇشلۇق جايدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

33 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى مۇلازىمەت رايونى قۇرۇلمىسى، ئاپتوموبىل تىپى ۋە ئاپتوموبىل تۈرىگە ئاساسەن، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئىلمىي ئايرىپ، رايونغا ئايرىپ باشقۇرۇپ، روشەن توختىتىش كۆرسەتمە بەلگىسى ئورنىتىشى، خەتەرلىك يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرى ۋاقىتلىق توختاش مەخسۇس رايونىنى ئېنىق بېكىتىشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن پايدىلانغۇچىلار ئاپتوموبىلنى بەلگە كۆرسەتمىسى بويىچە توختىتىشى كېرەك، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا جىددىي ئېھتىياج يولى، ئوت ئۆچۈرۈش يولىنى ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، مۇلازىمەت رايونىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ئۇزاق ۋاقىت ئىگىلىۋېلىپ، نورمال ئوبوروت قىلىپ ئىشلىتىشكە تەسىر يەتكۈزۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئېقىم مىقدارى ۋە ئاپتوموبىل تىپ قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن، يولۇچى - يۈك ئاپتوموبىلى ئورنىنىڭ نىسبىتىنى ئىلمىي تەڭشىشى كېرەك.

34 - ماددا خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملارنى توشۇش جەريانىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونى، ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىدا توختاشقا توغرا كەلسە، ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى، قاراۋۇللۇق ئاستىدا توشۇغۇچى مۇناسىپ بىخەتەرلىك مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك؛ ئۆتكۈر زەھەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم ياكى ئاسان پارتلاتقۇچ ياسىغىلى بولىدىغان خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم توشۇشتا ياتاقتا يېتىش ياكى نورمال توشۇشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋال سەۋەبىدىن، ئاپتوموبىلنى ئۇزاق ۋاقىت توختىتىشقا توغرا كەلسە، يەنە شۇ جايدىكى گۇڭئەن ئورگىنىغا مەلۇم قىلىش كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم توشۇيدىغان ئاپتوموبىلنىڭ بەلگىلىمە بويىچە توختىمىغانلىقىنى ھەم نەسىھەتكە قۇلاق سالمىغانلىقىنى ياكى ئۆتكۈر زەھەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، ئاسان پارتلاتقۇچ ياسىغىلى بولىدىغان خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم توشۇيدىغان ئاپتوموبىلنىڭ مۇلازىمەت رايونى، ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىدا ئۇزاق ۋاقىت توختىغانلىقىنى بايقىسا، شۇ جايدىكى گۇڭئەن ئورگىنىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى، گۇڭئەن ئورگىنى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

35 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول لىنىيەسى بويى ۋە مۇلازىمەت رايونىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىش، ياردەم سوراش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلىپ، خەلققە قولاي مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئېغىر بۇزۇلۇش، زور قاتناش ھادىسىسى ياكى زور تەبىئىي ئاپەت يۈزبېرىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاپتوموبىللار ھەق ئېلىنىدىغان يېپىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ قالسا، لىنىيە بويىدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ھەم يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى ۋاقتىدا جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، شارائىت يارىتىپ تۇرۇپ قالغانلارغا ئىچىملىك سۇ، يېمەكلىك تەمىنلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىشى كېرەك.

36 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى پەن - تېخنىكا ئىجادىي ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ يېڭى - تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش يېشىل يولىدىكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭغا كىرىدىغان - چىقىدىغان چوڭ يول، مۇلازىمەت رايونى شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش تۈگۈنىدە مەركەزلىك تەكشۈرۈپ، مەنبەدىن يىغىش - تارقىتىش بازىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئاپتوموبىل - يۈك ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە تايىنىپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىپ، ھەق ئېلىش پونكىتىغا كىرىش - چىقىشتىكى تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى ئازايتىپ، تىرانسپورت مۇلازىمىتىنىڭ سۈپەت - ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

37 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى يول ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا، توغرا ئېلان قىلىشى ھەمدە گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ماسلىشىپ قاتناش باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىشى كېرەك؛ شارائىت ھازىرلىغانلار ئەھۋال ئۆزگىرىشىنى ئۇقتۇرۇش تاختىسى، ئۆزگىرىشچان قاتناش بەلگىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىپ ئېلان قىلسا بولىدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى توپلىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش قاتارلىقلارغا دائىر ئۇچۇر بايلىقىدىن قاتناش - تىرانسپورت، گۇڭئەن قاتارلىق تارماقلار بىلەن تەڭ بەھرىلىنىشى كېرەك.

5 - باب يولنى مەمۇرىي باشقۇرۇش

38 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش ئارخىپىنى تۇرغۇزۇپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يېرى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى، تىزىملاپ خاتىرە قالدۇرۇشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئارخىپ باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە، قۇرۇلۇش ماتېرىيالىنى يىغىپ، رەتلەپ، ساقلاپ، قۇرۇلۇش تۈر ئارخىپى تۇرغۇزۇپ، قۇرۇلۇش پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئارخىپ ماتېرىيالى ۋە مۈلۈكنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك.

39 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئىمارەت تىزگىنلەش رايونىنىڭ دائىرىسنى بېكىتىش، ئېلان قىلىش، بەلگە قوزۇقى، پاسىل قوزۇقىنى ئورنىتىش «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى»، گوۋۇيۈەننىڭ «تاشيول بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يېرىنىڭ سىرتقى گىرۋىكىدىن سىرتقا 50 مېتىر، باشقا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يېرىنىڭ سىرتقى گىرۋىكىدىن سىرتقا 30 مېتىر، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى، باغلىما يول يېرىنىڭ سىرتقى گىرۋىكىدىن سىرتقا 100 مېتىر كېلىدىغان ئارىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئىمارەت تىزگىنلەش رايونى بولىدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئىمارەت تىزگىنلەش رايونىدا ئىمارەت ياكى يەر ئۈستى قۇرۇلمىلىرىنى يېڭىدىن سېلىش، كېڭەيتىپ سېلىش مەنئى قىلىنىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى قوغداش، ئاسراش ئېھتىياجىدىن سېلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئىمارەت تىزگىنلەش رايونى ئىچىدە ئەسلىدە بار بولغان قانۇنلۇق ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى چېقىۋېتىشكە توغرا كەلسە، قانۇن بويىچە تولۇقلىما بېرىش كېرەك.

40 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە يولنى مەمۇرىي چارلىشى، يول مۈلكىنى ئىگىلىۋېلىش، بۇزۇۋېتىش قىلمىشلىرى شۇنىڭدەك تاشيول باشقۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزامغا خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

يولنى مەمۇرىي چارلاشتا ئاپتوموبىللىق چارلاش، پىيادە چارلاش، ئېلېكتىرونلۇق تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق چارلاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ئادەمسىز ئۇچقۇ، ماشىنا ئادەم قاتارلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى قوشۇمچە قوللىنىپ چارلاشقا ئىلھام بېرىلىدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يول مەمۇرىيىتى، ئاسراش، گۇڭئەن ئورگىنى قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بىرلىشىپ چارلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

41 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتى رايونى، مۇلازىمەت رايونى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ يول تىرانسپورت تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، يول تىرانسپورتى ياكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى رېمونت قىلىش تىجارىتىنى باشقۇرۇشقا دائىر مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى شۇنىڭدەك تىجارەت ئاپتوموبىلى ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسىپكارلارنى نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشى كېرەك.

42 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە ئۇنىڭ يېرى دائىرىسىدە كەپە ئۆي، رېمونت قىلىش مەيدانى، سۇ قاچىلاش پونكىتى، ئاپتوموبىل يۇيۇش نۇقتىسى شۇنىڭدەك باشقا ۋاقىتلىق ئەسلىھەلەرنى قانۇنسىز قۇرۇش مەنئى قىلىنىدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئايرىش توسۇقى، مۇداپىئە رېشاتكىسىنى بۇزۇۋېتىش، ئۇلاردىن ئاتلاپ ئۆتۈش، مەركىزىي ئايرىش بەلبېغىنىڭ ھەرىكەتچان مۇداپىئە رېشاتكىسىنى ئۆز مەيلىچە ئېچىش مەنئى قىلىنىدۇ.

43 - ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇننىڭ يولغا چېتىلىدىغان قۇرۇلۇش قىلىش پائالىيىتى تاشيول قۇرۇلۇشى تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك، تەستىقلىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ئىگىلىگەن، ئىشلەتكەن، كولىغان ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول لىنىيەسىنى ئۆزگەرتكەن بولسا، شۇ بۆلەكنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئەسلىدىكى تېخنىكا ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولمىغان ئاساستا ياساپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشى، ئۆزگەرتىپ ياسىشى ياكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرىگە مۇناسىپ تولۇقلىما بېرىشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇۋەتكەن ئورۇن ۋە شەخس ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتىغا قەرەللىك مەلۇم قىلىشى ھەمدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا قاتناش ھادىسىسى يۈزبېرىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى بۇزۇۋېتىلسە، گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

44 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەق ئېلىش پونكىتى رايونى، ئۆتۈشمە رايونى، مۇلازىمەت رايونى قاتارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يېرى دائىرىسىدە ئېلان ئەسلىھەسى قاتارلىق تاشيولغا مۇناسىۋەتسىز بەلگە ئورنىتىشتا شۇنىڭدەك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن ھالقىغان ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىپ ئېلان ئەسلىھەسى قاتارلىق تاشيولغا مۇناسىۋەتسىز بەلگە ئېسىشتا، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئىش كۆرۈش كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، ئىمارەت تىزگىنلەش رايونى دائىرىسىدە ئېلان ئەسلىھەسى قاتارلىق تاشيولغا مۇناسىۋەتسىز بەلگىنى ئورنىتىش، ئېسىش مەنئى قىلىنىدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرىنىڭ لىنىيە بويىدىكى ئېلان ئەسلىھەسىدىن پايدىلىنىپ ئاممىۋى مەنپەئەت تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

45 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ كىرىش ئېغىزىدا تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىشى كېرەك، قانۇنغا خىلاپ ھالدا چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇغان ئاپتوموبىلنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرگۈزمەسلىك كېرەك؛ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ چىقىش ئېغىزىدا ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ يۈرۈش مىقدارى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىنى مۇۋاپىق ئورنىتىپ، يۈك ئاپتوموبىللىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشى ۋە قايتا تەكشۈرۈشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى قانۇنغا خىلاپ ھالدا چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇشقا چېتىلىدىغان ئاپتوموبىلنى بايقىسا، ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى ۋە گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋاقتىدا قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئەسۋابىنى قانۇن بويىچە قەرەللىك تەكشۈرۈپ بېكىتىش كېرەك، تەكشۈرۈپ بېكىتىش كۈچكە ئىگە مەزگىلدە شەكىللەنگەن چەكتىن ئاشقاننى تەكشۈرۈش دوكلاتى، سانلىق مەلۇماتلارنى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئاپتوموبىل - يۈك ئومۇمىي ئېغىرلىقى ۋە تاشقى قۇرۇلما ئۆلچىمى پاكىتىنى بېكىتىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ.

46 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى كۆۋرۈك ئاستىدىكى بوشلۇق ۋە سۈڭگۈچنى كۈندىلىك چارلاش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، نەرسە - كېرەكلەرنى دۆۋىلەپ قويغان، ئەسلىھەلەرنى ئورناتقان شۇنىڭدەك يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى تارتقان ۋە ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ياكى زەھەرلىك، زىيانلىق باشقا گاز، سۇيۇقلۇق يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ياتقۇزغانلارنى بايقىسا، دەرھال نەسىھەت قىلىپ توسۇشى ۋە چەكلىشى ھەمدە ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتىغا مەلۇم قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

بىخەتەرلىككە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئەھۋالدا، شەھەر - بازارلارنىڭ ئېچىش دائىرىسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئاستىدىكى بوشلۇقنى كۆكەرتىش ۋە يېشىل يول ياساش، ئاممىۋى ئارام، تەنتەربىيە، بەدەن چېنىقتۇرۇش قاتارلىق ئوچۇق ئوت، ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلارغا چېتىلمايدىغان ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىشكە بولىدۇ. كونكرېت چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ.

6 - باب قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش

47 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ قاتناش بەلگىسى، بەلگە سىزىقى، ئايرىش توسۇقى قاتارلىق قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسلىھەلىرىنىڭ ئورنىتىلىشى دۆلەت ئۆلچىمى ۋە تېخنىكا قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچىمى بويىچە، قاتناش بىخەتەرلىكى ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ئۇلارنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى، يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، ۋاقتىدا ئورنىتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشى؛ قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا، يەنە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى ئورنىتىشى كېرەك.

48 - ماددا قاتناش - تىرانسپورت، گۇڭئەن، مېتېئورولوگىيە، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش، سانلىق مەلۇمات تارماقلىرى شۇنىڭدەك يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى قاتارلىقلار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول «بىر يول، كۆپ تەرەپ» خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىش - ئورتاق پايدىلىنىش، ئۇچۇرلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش - ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، خادىملار بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپەتتىن سىگنال بېرىش، كېڭىشىپ ھۆكۈم قىلىش، تەرتىپنى باشقۇرۇش، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزەش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، تەشۋىق قىلىش - ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

49 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى ئەتراپتىكى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)نىڭ قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى بىلەن بولغان رايون ھەمكارلىقى ۋە بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون) ھالقىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تاسادىپىي ۋەقەلەرنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش، قار - مۇزلارنى تازىلاش، يۈرۈشتۈرۈش - مۇلازىمەت قىلىش، بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئۆلكە ئارا، رايون ئارا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ئۇنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يۈرۈشتۈرۈش - مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى ئەتراپتىكى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلىرى بىلەن چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇشنى تۈزەش بويىچە رايون ھالقىغان ھەمكارلىق مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش پونكىتى قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىشى كېرەك.

50 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول لىنىيەسى بويىدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى كۆپ ھالەتلىك تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قانۇن بويىچە تۈزۈشى ھەمدە ئۇنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش - قۇتقۇزۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى تاسادىپىي ۋەقەلەرگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى قانۇن بويىچە تۈزۈپ، قار - شىۋىرغان، قۇم - بوران قاتارلىق ناچار ھاۋارايى شارائىتىغا دەرىجە بويىچە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوشۇنى قۇرۇپ، جىددىيەت ئەسلىھەلىرى، ئۈسكۈنىلىرى ۋە ماددىي ئەشيالىرىنى سەپلىشى، ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى تەشكىللەپ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش، ئوت ئۆچۈرۈش - قۇتقۇزۇش، ئېكولوگىيە - مۇھىت تارماقلىرىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا خەتەرلىك بۇيۇم ئېقىپ كېتىش ئاپىتى، ئوت ئاپىتى ۋە باشقا ھادىسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ماسلىشىشى كېرەك.

51 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئېغىر بۇزۇلۇش، ناچار ھاۋارايى شارائىتى ياكى زور قاتناش ھادىسىسى قاتارلىق ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەندە، گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئەھۋالغا ئاساسەن، يۈرۈش سۈرئىتىگە چەك قويۇش، باشقا يولدا مېڭىش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى تاقاش قاتارلىق قاتناش باشقۇرۇش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قانۇن بويىچە قوللىنىشى كېرەك. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ھەقىقەتەن تاقاشقا توغرا كەلسە، گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى كېرەك. ئاپتوموبىللارنىڭ نورمال يۈرۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋال تۈگىتىلگەندىن كېيىن، گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى ۋاقتىدا ئېچىۋېتىشى ھەمدە ئېلان چىقىرىشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول چارلىغۇچىلار ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللارنى بايقىغاندا، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىپ، روشەن بەلگە ئورنىتىشى ھەمدە گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى، ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرىگە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونى، تۇتاش چىقىش - كىرىش ئېغىزىنى ئۆز مەيلىچە تاقىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

52 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش مۇلازىمىتى خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىشى، قۇتقۇزۇش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، يېقىن جايدىكى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئاپتوموبىلى ۋە خادىملارنى نەق مەيدانغا ۋاقتىدا بېرىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قوماندانلىق قىلىشى، ھادىسىگە ئۇچرىغان ئاپتوموبىلنى گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلىگەن ئورۇنغا ئاپىرىپ توختىتىشى كېرەك. ھادىسىگە ئۇچرىغان ئاپتوموبىل پىرىنسىپ جەھەتتىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئەڭ يېقىن چىقىش ئېغىزى ئورنى ياكى مۇلازىمەت رايونىغا ئاپىرىلىدۇ، بەلگىلەنگەن ئورۇنغا مەجبۇرىي ئاپىرىپ رېمونت قىلىشقا بولمايدۇ.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا نورمال يول يۈرۈشكە تەسىر يەتمىگەن ئەھۋالدا، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئاپپاراتىنى مەجبۇرىي بېكىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، مۇناسىۋەتلىك ھاۋالە قىلغان قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئاپپاراتىنىڭ مەيدانغا كىرىپ مۇلازىمەت قىلىشىغا دەخلى قىلىشى ۋە توسقۇنلۇق قىلىشىغىمۇ يول قويۇلمايدۇ.

53 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى كۆزىتىش - ئۆلچەش سىستېمىسى ھەم ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلىرى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى ۋە ساھە تېخنىكا تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى ھەمدە ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق - يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول لىنىيەسىدە سىنلىق نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ غول لىنىيەسىگە سىنلىق كۆزىتىش - ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنى ھەر ئىككى كىلومېتىردا ئاز دېگەندە بىر جۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ھادىسە كۆپ يۈزبېرىدىغان يول بۆلىكى، ناچار ھاۋارايى تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدىغان يول بۆلىكى، ئۆزئارا تۇتاشقان ئۆتۈشمە، ئالاھىدە ئۇزۇن تونېل، ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈك قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا كۆزىتىپ ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنى تېخىمۇ زىچ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى كۆزىتىش - ئۆلچەش سىستېمىسى ھەم ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى كۈندىلىك قوغداش - ئاسراشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۈسكۈنىلەرنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ توغرىلاپ، سىستېمىنىڭ ئۇدا مۇقىم يۈرۈشۈشى، سانلىق مەلۇماتنىڭ ھەقىقىي - ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى كۆزىتىش - ئۆلچەش سىستېمىسى ھەم ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

54 - ماددا ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان، ئۆتكۈر زەھەرلىك، رادىيوئاكتىپلىق بۇيۇم قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرگەندە روشەن بەلگە ئېسىپ، يولنىڭ ئەڭ ئوڭ تەرىپىدىكى يولدا يۈرۈشى كېرەك؛ ئالاھىدە چوڭ كۆۋرۈك، ئالاھىدە ئۇزۇن تونېلدىن ئۆتۈشتە، گوۋۇيۈەننىڭ «تاشيول بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىزامى»دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى شۇنداقلا بەلگىلەنگەن ۋاقىت ۋە سۈرئەت بويىچە يۈرۈشى كېرەك. بوران - چاپقۇن، چاقماق، قار - مۇز، تۇمان، قار - شىۋىرغان، قۇم - بوران قاتارلىق ناچار ھاۋارايى شارائىتى ۋە مۇھىم بايرام - دەم ئېلىش كۈنلىرى، مۇھىم پائالىيەت مەزگىلىدە، ئۆتكۈر زەھەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇم، پارتلاش بۇيۇمى قاتارلىق خەتەرلىك يۈك تىرانسپورت ئاپتوموبىلىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىشىنى ۋاقىتلىق چەكلەشكە بولىدۇ.

پىيادىلەر، موتورسىز قاتناش ۋاسىتىسى، تىراكتور، يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ چاقلىق ئاپتوموبىل ۋە سائەتلىك ئەڭ يۇقىرى سۈرئىتى 70 كىلومېتىردىن تۆۋەن قىلىپ لايىھەلەنگەن باشقا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتارلىقلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا كىرىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

55 - ماددا ئاپتوموبىل ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تونېلىدىن ئۆتۈشتە، قاتناش بەلگىسى، بەلگە سىزىقى ۋە بەلگىلەنگەن سۈرئەت بويىچە يۈرۈش كېرەك، تۆۋەندىكى قىلمىشلاردا بولۇشقا بولمايدۇ:

(1) قانۇنغا خىلاپ ھالدا چەكتىن، نورمىدىن ئاشۇرۇپ يۈك توشۇش؛

(2) مەجبۇرىي يانداپ ئۆتۈش، خالىغانچە يول ئۆزگەرتىش؛

(3) ئاپتوموبىلنى كەينىگە ياندۇرۇش، بۇراش، تەتۈر مېڭىش؛

(4) تونېل ھەمدە تونېل بىلەن بولغان ئارىلىقى 50 مېتىر ئىچىدىكى يول بۆلىكىدە ئاپتوموبىل توختىتىش؛

(5) جىددىي ئەھۋال كۆرۈلمىسىمۇ جىددىي ئېھتىياج يولىدا يۈرۈش ياكى توختاش؛

(6) ئاپتوموبىلدىن سىرتقا نەرسە - كېرەك ئېتىش قاتارلىق باشقا قىلمىشلار.

56 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تونېلىدا بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى قىلمىشلاردا بولۇش مەنئى قىلىنىدۇ:

(1) تونېلنىڭ ئۈستى ۋە تونېل ئېغىزىنىڭ سىرتىدىكى 100 مېتىر دائىرىدە قۇم كولاش، شېغىل قېزىش، توپا ئېلىش، تاشلاندۇقلارنى تۆكۈش، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىش قاتارلىقلار؛

(2) تونېلدا نەرسە - كېرەكلەرنى دۆۋىلەپ قويۇش، ئەسلىھە ياساش ھەمدە يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى تارتىش ۋە ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ياكى باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق گاز، سۇيۇقلۇق يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش؛

(3) تونېلنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئۆيى، توك تەقسىملەش ئۆيى، ئوت ئۆچۈرۈش پومپىسى ئۆيى، ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۆيى قاتارلىق مەخسۇس خىزمەت رايونىغا ئۆز مەيلىچە كىرىش ھەمدە ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز مەيلىچە يۆتكەش، بۇزۇۋېتىش.

7 - باب قانۇن جاۋابكارلىقى

57 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناش - تىرانسپورت مەسئۇل تارمىقى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى، قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى، گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ قاتناش باشقۇرۇش تارمىقى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرۇش خىزمىتىدە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

58 - ماددا چارلىغۇچى، لايىھەلىگۈچى ئورۇنلاردىن بۇ نىزامنىڭ 13 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئۆلچەم بويىچە چارلىمىغان، لايىھەلىمىگەنلىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. قۇرۇلۇش سۈپىتى ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغانلارنى مۇناسىۋەتلىك تارماق ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، ساپا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ساپانامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنلاردىن قۇرۇلۇش قىلىش تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇلۇش قىلمىغانلىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قۇرۇلۇش توختامىدىكى باھا پۇلىنىڭ %2ىدىن يۇقىرى، %4ىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ بەلگىلەنگەن سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىنى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قايتا ئىشلەشكە، ياساشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئىش توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇيدۇ، ساپا دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ ياكى ساپانامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

59 - ماددا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرىدىن مۇشۇ نىزامنىڭ 18 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئاسراش مەشغۇلاتىنى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن تېخنىكا قېلىپى، مەشغۇلات قائىدىسى ۋە ئاسراش - باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە قىلمىغانلىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ تۈزەتمەي تۇرۇۋالغانلارنىڭ ساپانامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

60 - ماددا بۇ نىزامنىڭ 42 - ماددىسىنىڭ 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى ئايرىش توسۇقى، مۇداپىئە رىشاتكىسى، مەركىزىي ئايرىش بەلبېغىنىڭ ھەرىكەتچان مۇداپىئە رىشاتكىسىنى بۇزۇۋېتىش ياكى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا قانۇنسىز كىرىپ - چىقىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغانلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

61 - ماددا بۇ نىزامنىڭ 56 - ماددىسىنىڭ 1 - تارماقچىسىغا خىلاپلىق قىلىپ، تونېلنىڭ ئۈستى ۋە تونېل ئېغىزىنىڭ سىرتىدىكى 100 مېتىر دائىرىدە قۇم كولاش، شېغىل قېزىش، توپا ئېلىش، تاشلاندۇقلارنى تۆكۈش، پارتلىتىش مەشغۇلاتى قىلىش قاتارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تونېلىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرنى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

بۇ نىزامنىڭ 56 - ماددىسىنىڭ 2 - تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تونېلدا نەرسە - كېرەكلەرنى دۆۋىلەپ قويغان، ئەسلىھە ياسىغان ھەمدە يۇقىرى بېسىملىق توك سىمى تارتقان ۋە ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان ياكى باشقا زەھەرلىك، زىيانلىق گاز، سۇيۇقلۇق يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ياتقۇزغانلارنى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

بۇ نىزامنىڭ 56 - ماددىسىنىڭ 3 - تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تونېلدىكى ئەسلىھە - ئۈسكۈنىلەرنى ئۆز مەيلىچە يۆتكىگەن، بۇزۇۋەتكەنلەرنى ئاپتونوم رايوننىڭ قاتناش - تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئاپپاراتى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.

62 - ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك باشقا قىلمىشلار مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

63 - ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؛ ئامانلىق باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىش شەكىللەندۈرگەنلىرىگە گۇڭئەن ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8 - باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

64 - ماددا بۇ نىزامدىكى تۆۋەندىكى سۆز - ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

(1) يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يېرى تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يان ئېرىق (سۇ توسۇش ئېرىقى، يانتۇ تۆپىلىكتىكى ئاسراش يولى)نىڭ سىرتقى گىرۋىكىدىن بىر مېتىردىن كەم بولمىغان دائىرىنى، جۈملىدىن قانۇن بويىچە ئېلىپ ئىشلىتىلگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىكى ھەق ئېلىش پونكىتى رايونى، تۇتاشتۇرۇش رايونى، مۇلازىمەت رايونى قاتارلىق ئەسلىھەلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان يەرنى كۆرسىتىدۇ.

(2) مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى تىجارەت ھوقۇقى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ئېرىشكەن يېمەك - ئىچمەك پارچە سېتىش، ماي - گاز قاچىلاش، توك قاچىلاش - باتارېيە ئالماشتۇرۇش، ئەشيا ئوبوروتى - ئامباردا ساقلاش، سانلىق مەلۇمات مۇلازىمىتى قىلىش قاتارلىق ئەسلىھە ۋە مۇلازىمەت تىجارىتىنى باشقۇرۇش ھەم پايدىغا ئېرىشىش ھوقۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

(3) يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تىجارەتچىلىرى ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول ھوقۇق - مەنپەئىتىگە قانۇنلۇق ئېرىشكەن قانۇنىي ئىگىلەرنى، جۈملىدىن پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمىغان ھالدا ھۆكۈمەت قەرز قايتۇرىدىغان تاشيولنى باشقۇرىدىغان قانۇنىي ئىگىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

(4) كۆۋرۈك ئاستىدىكى بوشلۇق تاشيول كۆۋرۈكىنىڭ سايىسى تىك چۈشكەن بوشلۇقنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ھەم كۆۋرۈك يۈزىدىن كۆۋرۈك ئاستىدىكى تەبىئىي يەر يۈزىگىچە بولغان بوشلۇقنى ھەم كۆۋرۈك ئاستىدىكى تەبىئىي يەر يۈزىدىن تۆۋەن بولغان بوشلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

65 - ماددا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن لىنىيە ئورنىدىكى 1 - دەرىجىلىك تاشيولنى پىلانلاش، ياساش، ئاسراش، يۈرۈشتۈرۈش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش شۇنىڭدەك شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەردە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ ئىش كۆرۈلىدۇ.

66 - ماددا بۇ نىزام 2026 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)