يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى سۈپەتتە ئادا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك

2024-03-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى سۈپەتتە ئادا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرى، بولۇپمۇ 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 9 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرى مۇستەھكەملەندى، كېڭەيتىلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى تەجرىبىلىرى ئالماشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، رەئىس نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى سۈپەتتە ئادا قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشى، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، يىللىق كېڭىشىش پىلانى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ چوڭقۇر كېڭىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى قانات يايدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ قوشۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئۆزئارا كۈچ تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئەزالارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى بويىچە «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش» ۋە «تەشۋىقات، لېكسىيە، تەشۋىق - تەربىيە» پائالىيىتى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر سىزىپ چىقىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

يىغىندا، توققۇز يولداش پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ليۇ خۇيجۈن، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن يىغىنغا قاتناشتى.