ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

2024-07-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايون پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش كادىرلار يىغىنى ئاچتى

ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

ما شىڭرۇي سۆز قىلدى

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايون كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ـ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 7 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايون كادىرلار يىغىنى ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇش ـ ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باتۇرانە ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزدى. زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شەۋكەت ئىمىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق دەۋر بۆلگۈچ، ئىجادىي، ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىننىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك بۇرچ ـ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىشنى قايتا جاكارلاش بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئومۇمىي يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان، پۈتۈن ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيەسى چوڭقۇر، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك زور ئىسلاھات تەدبىرلىرى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىنغان، بۇ، ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە ۋە يېتەكچىلىككە ئىگە. ئومۇمىي يىغىن قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان «قارار»دا مەۋقە يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بۇرچ ـ ۋەزىپىسىگە قويۇلۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى ئىلمىي تۈزۈپ چىقىلغان، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىشىمىز، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشتە، «قارار»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، نېمە ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىش، قانداق ئىسلاھ قىلىش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى باشتىن ـ ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پىرىنسىپى، ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېنىق بېكىتكەن زور ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئىسلاھاتنىڭ ئومۇمىي جەريانىغا سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھاتنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى پىلانلاشتىكى ئاڭلىقلىق، تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىلمىيلىكى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىر ۋە كەلگۈسى مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق يولغا قويۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قويۇق كەيپىياتىنى يارىتىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا، چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كۆپ خىل شەكىللىك، كۆپ قاتلاملىق، تولۇق قاپلىغان چوڭقۇر ئۆگىنىشكە تەشكىللەش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى ئومۇمىي يىغىن روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى مۇھىم ئۆگىنىش مەزمۇنى قىلىپ، روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئىگىلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەن)لىرى ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتلىرى «قارار»نى زۆرۈر دەرسلىككە كىرگۈزۈپ، تەربىيەلەش، نۆۋەت بىلەن تەربىيەلەشنى سىستېمىلىق قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى، «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس» «باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى» قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى راۋانلاشتۇرۇشى كېرەك. كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، قويۇق كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەشۋىقات تارماقلىرى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى چوڭقۇر تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛ شەكىلدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئاخبارات تەشۋىقاتى، خەۋەر قىلىشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن، ئاممىغا يۈزلەنگەن لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشى كېرەك؛ مۇتەخەسسىس ـ ئالىملارنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىش، ئومۇمىي يىغىن روھىنى دەل جايىدا چۈشەندۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك. ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دائىر كونكرېت تەدبىرلەرنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ پىلانلاپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇمىي يىغىن روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىرقى تۈرلۈك خىزمەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات روھى ئارقىلىق كېيىنكى يېرىم يىللىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن ـ ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆي ـ زېمىن، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزى، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك؛ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.

تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەن بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھازىرقى ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن ۋە پېنسىيەگە، دەم ئېلىشقا چىققان ئۆلكە دەرىجىلىك بىر قىسىم رەھبەرلەر، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ۋەكىللىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 10 ـ نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن ـ مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.