يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا خەلق قۇرۇلتىيى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش كېرەك

2024-07-21 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئېچىپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا خەلق قۇرۇلتىيى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 7 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى كېڭەيتىلگەن يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ۋە مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە كۈچلۈك بۇرچ - مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە قانداق بايراقنى كۆتۈرۈش، قانداق يولدا مېڭىشنى قايتا جاكارلاش بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى تەشۋىق قىلىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش خەلق قۇرۇلتىيىغا يۈكلىگەن تارىخىي بۇرچنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بويىچە ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، تېخىمۇ پائال نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتقا قاتنىشىش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق قۇرۇلتىيى ئورگىنىدا ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش قىزغىن دولقۇنىنى تېزدىن قوزغاپ، ئەينەن ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئەتراپلىق ئىگىلەپ ئۆگىنىپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش. ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» تەشۋىقات - لېكسىيە باش تېما پائالىيىتى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك تەشۋىق قىلىپ، لېكسىيە سۆزلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچنى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مۇجەسسەملەش كېرەك. تۈرمۇتۈر سېلىشتۇرۇپ، ئەستايىدىل رەتلەپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، كۈچەش نۇقتىسى ۋە كۈچ سەرپ قىلىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ۋەزىپە تىزىملىكى ۋە خىزمەت تىزىملىكىنى تۈزۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى نىزام چىقىرىش تەدبىرى بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، نىزام چىقىرىش ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇندا خەلق قۇرۇلتىيىغا يۈكلەنگەن نازارەتچىلىك ھوقۇقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى مىخ قېقىش روھى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشىدىغان، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىدىغان تېخىمۇ ياخشى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.